< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 17 >

ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ، سىن چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە سەپەر قىلىپ، رەفىدىم دېگەن يەرگە كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. ئەمما ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى. 1
شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: ــ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! ــ دېدى. لېكىن مۇسا ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنىڭ بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ ــ دېدى. 2
لېكىن خەلق چاڭقاپ، سۇ تەلەپ قىلىپ، مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ: ــ سەن نېمىشقا بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە مېلىمىزنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈشكە مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. 3
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈپ: ــ بۇ خەلقنى قانداق قىلسام بولار؟! ئۇلار ھېلىلا مېنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن! ــ دېدى. 4
پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: ــ سەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىپ، [نىل] دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇرغىنىڭدا ئىشلەتكەن ھاساڭنى قولۇڭغا ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىغا بارغىن؛ 5
مانا، مەن شۇ يەردە، ھورەب تېغىدىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن؛ سەن قورام تاشنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن خەلققە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، ــ دېدى. مۇسا ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنداق قىلدى. 6
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جېدەللەشكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا زادى بارمۇ-يوقمۇ؟» دېيىشىپ پەرۋەردىگارنى سىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مەرىباھ» دەپ ئاتىدى. 7
شۇ چاغدا ئامالەكلەر كېلىپ رەفىدىمدە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى. 8
مۇسا يەشۇئاغا: سەن ئۆزىمىزدىن ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا ئادەم تاللىغىن. مەن ئەتە خۇدانىڭ ھاسىسىنى قولۇمغا ئېلىپ دۆڭنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ تۇرىمەن، دېدى. 9
يەشۇئا مۇسا بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقتى. 10
شۇنداق بولدىكى، مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئىسرائىل غالىب كېلەتتى، لېكىن ئۇ قوللىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ تۇرسا، ئامالەك غالىب كېلەتتى. 11
مۇسانىڭ قوللىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىغا قويدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى؛ ئاندىن ھارۇن بىلەن خۇر بىرى بىر تەرىپىدە، بىرى يەنە بىر تەرىپىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى؛ بۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ قوللىرى تاكى كۈن پاتقۇچە مەزمۇت تۇردى. 12
شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئامالەك ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلىچلاپ نابۇت قىلدى. 13
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بىر ئەسلىمە بولسۇن دەپ بۇ ئىشلارنى بىر كىتابقا يېزىپ قالدۇرغىن، شۇنداقلا شۇلارنى يەشۇئانىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەر؛ چۈنكى مەن ئامالەكنىڭ نامىنى ئاسمانلارنىڭ ئاستىدىن، ھەتتا ئادەملەرنىڭ ئېسىدىنمۇ مۇتلەق ئۆچۈرۈۋېتىمەن، دېدى. 14
ئاندىن مۇسا بىر قۇربانگاھنى ياساپ، نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى 15
ۋە مۇسا: ــ ياھنىڭ تەختى ئالدىدا بىر قول كۆتۈرۈلۈپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەككە قارشى جەڭ قىلىدۇ» دېيىلگەنىدى، ــ دېدى. 16

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 17 >