< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 14 >

پەرۋەردىگار مۇساغا: 1
ــ سەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇرۇلۇپ مىگدول بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدىكى پى-ھاھىروتنىڭ ئالدىغا بېرىپ چېدىر تىكىڭلار؛ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزنىڭ بويىدا چېدىر تىكىڭلار»، دېگىن. 2
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن: «ئىسرائىللار زېمىندا ئېزىپ قالدى، چۆلنىڭ ئىچىدە قامىلىپ قالدى» دەپ ئويلايدۇ؛ 3
ئىسرائىللارنى قوغلىسۇن دەپ مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، ــ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ سۆزى بويىچە قىلدى. 4
«ئۇ خەلق قېچىپ كەتتى» دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر بېرىلىۋىدى، پىرەۋن بىلەن ئەمەلدارلىرى خەلق توغرىسىدىكى قارارىدىن يېنىپ: «ئىسرائىللارنى قۇللۇقتىن قويۇۋەتكىنىمىز، بۇ زادى نېمە قىلغىنىمىز؟!» ــ دېيىشتى. 5
[پىرەۋن] دەرھال جەڭ ھارۋىسىنى قوشتۇرۇپ، ئۆز خەلقىنى باشلاپ يولغا چىقتى. 6
ئۇ يەنە ئالتە يۈز خىللانغان جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە لەشكەر باشلىقلىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭدى. 7
پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنى قوغلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىللار قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن ھالدا مىسىردىن چىقىپ بولغانىدى. 8
مىسىرلىقلارنىڭ [ھەممىسى] يەنى پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى بىلەن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى بىلەن پۈتكۈل قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئىسرائىللار دېڭىز بويىغا چېدىر تىككەن جايدا، يەنى پى-ھاھىروتنىڭ يېنىدا، بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدا ئۇلارغا يېتىشتى. 9
پىرەۋن يېقىنلاشقاندا، ئىسرائىللار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش قىلىپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى! شۇنى كۆرگەندە ئىسرائىللار تولىمۇ قورقۇشۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا-پەرياد كۆتۈردى. 10
ئۇلار مۇساغا: ــ مىسىردا گۆرىستان تېپىلماسمىدى، سەن بىزنى چۆلدە ئۆلسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭغۇ؟! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بىزگە مۇنداق قىلغىنىڭ نېمىسى؟! 11
مىسىردا تۇرغان ۋاقتىمىزدا بىز ساڭا: «بىزنى مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشىمىزغا قويغىن، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەپ ئېيتمىغانمىدۇق؟ مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىمىز چۆلگە كېلىپ ئۆلگىنىمىزدىن ئەۋزەل بولاتتى! ــ دېدى. 12
بۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە: ــ قورقماي، تىك تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ بۈگۈن سىلەرگە يۈرگۈزىدىغان نىجاتىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر. 13
پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سىلەر بولساڭلار جىم تۇرساڭلارلا بولدى، دېدى. 14
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ نېمىشقا سەن ماڭا پەرياد كۆتۈرىسەن؟ ئىسرائىللارغا: «ئالدىغا مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغىن. 15
لېكىن سەن ھاساڭنى كۆتۈرۈپ قولۇڭنى دېڭىزغا ئۇزىتىپ، ئۇنى ئىككىگە بۆلگىن؛ شۇنداقتا، ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. 16
مانا، مەن ئۇلارنى قوغلىسۇن دەپ مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلىمەن. 17
شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلغىنىمدا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، دېدى. 18
ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا يۈرۈۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ، 19
مىسىرلىقلارنىڭ چېدىرگاھى بىلەن ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ ئارىلىقىدا توختىدى؛ بۇ بۇلۇت بىر تەرەپتە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتە كېچىنى يورۇتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر كېچە بىر قوشۇن يەنە بىر قوشۇنغا يېقىن كېلەلمىدى. 20
مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار پۈتۈن كېچە شەرقتىن كۈچلۈك بىر شامال چىقىرىپ، دېڭىزنىڭ سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى؛ ئۇ سۇنى ياندۇرۇپ دېڭىزنى قۇرۇق يەر قىلدى، سۇلار ئىككىگە بۆلۈندى. 21
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى. 22
ئەمما مىسىرلىقلار ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى ــ پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كەلدى. 23
تاڭ ئاتقاندا شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن بۇلۇت تۈۋرۈكىدە تۇرۇپ مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا قارىدى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا پاراكەندىچىلىك چۈشۈردى. 24
ئۇ ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى پاتقۇزۇپ، ھەيدەپ مېڭىشىنى مۈشكۈل قىلدى. مىسىرلىقلار: ــ يۈرۈڭلار، ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قاچايلى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 25
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سۇلار يېنىپ مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاتلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېقىپ بېرىپ، ئۇلارنى چۆكتۈرۈۋەتسۇن دەپ قولۇڭنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتقىن، ــ دېدى. 26
مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزىتىۋىدى، تاڭ ئاتقاندا دېڭىزنىڭ سۈيى يەنە ئەسلىي ھالىتىگە يېنىپ كەلدى. قېچىۋاتقان مىسىرلىقلار ئېقىنغا قارشى يۈگۈرۈشتى، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا موللاق ئاتقۇزدى. 27
سۇ ئەسلىگە يېنىپ كېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەن پىرەۋننىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى غەرق قىلىۋەتتى؛ ئۇلاردىن بىرىمۇ ساق قالمىدى. 28
لېكىن ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى. 29
شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىللارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ دېڭىزنىڭ بويىدا ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى. 30
ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئىشلەتكەن زور قۇدرىتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە ئۇنىڭ قۇلى مۇساغا ئىشەندى. 31

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 14 >