< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 13 >

پەرۋەردىگار مۇساغا: 1
ــ ئىسرائىللار ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى ئەركەك مېۋىسىنى، مەيلى ئۇ ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بولسۇن، ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن؛ ئۇ ماڭا مەنسۇپتۇر، دېگەنىدى. 2
مۇسا خەلقكە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر مىسىردىن ئىبارەت «قۇللۇق ماكانى»دىن چىققان بۇ كۈننى ياد ئېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەردىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن چىقاردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بولدۇرۇلغان نەرسە يېيىلمىسۇن. 3
ئابىب ئېيىنىڭ بۈگۈنكى كۈنى يولغا چىققان كۈن. 4
ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا سېنى ئېلىپ بارغىنىدا مۇشۇ [ئابىب] ئېيىدا شۇ ئىبادەتنى تۇتقىن. 5
يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان ھېيت ئۆتكۈزۈلسۇن. 6
يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يېيىلسۇن؛ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نان تېپىلمىسۇن ۋە يا چېگرىلىرىڭ ئىچىدە ھېچ خېمىرتۇرۇچمۇ كۆرۈنمىسۇن. 7
شۇ كۈنى سەن ئۆز ئوغلۇڭغا: «مىسىردىن چىققىنىمدا پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىنى ياد قىلىپ تەشەككۇر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ [ھېيتنى] ئۆتكۈزىمەن»، دەپ چۈشەندۈرگىن. 8
پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-تەلىمىنىڭ ھەمىشە ئاغزىڭدىن چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن چىقاردى. 9
ئەمدى بۇ بەلگىلىمىنى يىلمۇ-يىل بېكىتىلگەن ۋاقتىدا تۇتقىن. 10
پەرۋەردىگار سەن بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قىلغان قەسىمى بويىچە سېنى قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ساڭا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك: ــ 11
بارلىق بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسەن؛ شۇنداقلا چارپاي مېلىڭنىڭ ھەممە تۇنجى ئەركەكلىرىمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. 12
ئەمما ئېشەكلەرنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا بىردىن قوزا بەرگىن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا بىرنەرسە بەرمىسەڭ، ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. ئوغۇللىرىڭلار ئارىسىدا بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا ھۆرلۈك بەدىلى تۆلۈشۈڭ كېرەك. 13
كېيىنكى كۈنلەردە ئوغلۇڭ سەندىن: «بۇنىڭ مەنىسى نېمىدۇر»، دەپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئازاد قىلدى. 14
شۇنداق بولدىكى، پىرەۋن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ بىزنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغىنىدا، پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئىنساننىڭ بولسۇن، مالنىڭ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن مەن مالنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى، يەنى ھەممە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن ۋە ئوغۇللىرىمنىڭ ھەربىر تۇنجىلىرى ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ بېرىمەن»، دەپ ئېيتقىن. 15
بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە-]بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال، چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقاردى» ــ دېگىن. 16
ئەمما پىرەۋن خەلقنى كېتىشكە قويغاندىن كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى يول يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى شۇ يول بىلەن باشلىمىدى؛ چۈنكى ئۇ: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، قورقۇپ پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا يېنىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. 17
شۇ سەۋەبتىن خۇدا خەلقنى ئايلاندۇرۇپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆلنىڭ يولى بىلەن باشلاپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ تەرتىپ بىلەن ماڭدى. 18
مۇسا يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ بىللە ئېلىۋالدى؛ چۈنكى يۈسۈپ ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان [قېرىنداشلىرىنى]: «خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى مۇشۇ يەردىن بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ قەسەم قىلدۇرغانىدى. 19
ئاندىن ئۇلار سۇككوتتىن چىقىپ، چۆلنىڭ چېتىدىكى ئېتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى. 20
ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە كۈندۈزى بىر بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى يورۇقلۇق بېرىشكە ئوت تۈۋرۈكىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېچە-كۈندۈز يول يۈرەلەيتتى. 21
بۇلۇت تۈۋرۈكى كۈندۈزى، ئوت تۈۋرۈكى كېچىسى خەلقتىن ئايرىلماي، ئالدىدا يۈرەتتى. 22

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 13 >