< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 11 >

شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. ئاندىن ئۇ سىلەرنى بۇ يەردىن كېتىشكە يول قويىدۇ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە نەرسىلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرىپ، بۇ يەردىن مۇتلەق قوغلاپ چىقىرىدۇ. 1
Yahweh said to Moses, “I will bring yet one more plague on Pharaoh, and on Egypt; afterwards he will let you go. When he lets you go, he will surely thrust you out altogether.
ئەمدى سەن خەلققە تاپىلاپ: ــ ھەر بىرىڭلار، ئەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن، ئايال كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى سوراپ ئالسۇن، دېگىن، ــ دېدى 2
Speak now in the ears of the people, and let every man ask of his neighbor, and every woman of her neighbor, jewels of silver, and jewels of gold.”
(پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى). 3
Yahweh gave the people favor in the sight of the Egyptians. Moreover, the man Moses was very great in the land of Egypt, in the sight of Pharaoh’s servants, and in the sight of the people.
ئاندىن مۇسا يەنە: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يېرىم كېچىدە چىقىپ مىسىرنى كېزىپ چىقىمەن. 4
Moses said, “This is what Yahweh says: ‘About midnight I will go out into the middle of Egypt,
شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان پىرەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاق تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە، شۇنداقلا بارلىق چارپايلارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى مىسىردىكى بارلىق تۇنجى جان ئىگىلىرى ئۆلىدۇ. 5
and all the firstborn in the land of Egypt shall die, from the firstborn of Pharaoh who sits on his throne, even to the firstborn of the female servant who is behind the mill, and all the firstborn of livestock.
بۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا قاتتىق بىر پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق پەرياد بولۇپ باقمىغانىدى، مۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پەرياد ئاڭلانمايدۇ. 6
There will be a great cry throughout all the land of Egypt, such as there has not been, nor will be any more.
لېكىن ئىسرائىللارغا، مەيلى ئادەملىرى، مەيلى ھايۋاناتلىرىغا بولسۇن، ھەتتا بىر تال ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىلنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر». 7
But against any of the children of Israel a dog won’t even bark or move its tongue, against man or animal, that you may know that Yahweh makes a distinction between the Egyptians and Israel.
ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. 8
All these servants of yours will come down to me, and bow down themselves to me, saying, “Get out, with all the people who follow you;” and after that I will go out.’” He went out from Pharaoh in hot anger.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدا مېنىڭ كارامەت مۆجىزىلىرىمنىڭ كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ــ دېگەنىدى. 9
Yahweh said to Moses, “Pharaoh won’t listen to you, that my wonders may be multiplied in the land of Egypt.”
مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بولدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ زېمىنىدىن كەتكىلى قويمىدى. 10
Moses and Aaron did all these wonders before Pharaoh, but Yahweh hardened Pharaoh’s heart, and he didn’t let the children of Israel go out of his land.

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 11 >