< ئەستەر 8 >

پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇ كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئىلتىپات قىلىپ خانىش ئەستەرگە بەردى؛ موردىكايمۇ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى، چۈنكى ئەستەر ئۆزىنىڭ موردىكاي بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى پادىشاھقا دەپ بەرگەنىدى. 1
پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھاماندىن قايتۇرۇۋالغان ئۈزۈكىنى چىقىرىپ موردىكايغا بەردى، ئەستەرمۇ موردىكاينى ھاماننىڭ ئۆي-جايىنى باشقۇرۇشقا قويدى. 2
ئەستەر يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا يىقىلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا پادىشاھتىن ئاگاگىيلاردىن بولغان ھامان كەلتۈرۈپ چىققان بالايىئاپەتنى ھەم ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشنى يېلىنىپ ئۆتۈندى. 3
پادىشاھ ئالتۇن ھاسىسىنى ئەستەرگە تەڭلىۋىدى، ئەستەر ئورنىدىن قوپۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. 4
ــ ئەگەر ئالىيلىرى ماقۇل كۆرسە، ئەگەر مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئەگەر پادىشاھىم بۇ ئىشنى توغرا دەپ قارىسا، شۇنىڭدەك مەندىن مەمنۇن بولسا، يارلىق چۈشۈرۈپ ئاگاگىيلاردىن ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يازغان مەكتۇپلارنى، يەنى پادىشاھىمنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىسىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى مەكتۇپلارنى بىكار قىلىدىغان بىر يارلىق يېزىلىشىنى تىلەيمەن. 5
چۈنكى مەن ئۆز خەلقىمگە چۈشىدىغان بۇ بالايىئاپەتكە قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ يوقىتىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ــ دېدى ئەستەر پادىشاھقا. 6
پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا: ــ مانا، ھامان يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئەستەرگە بەردىم ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇلار دارغا ئاستى. 7
ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ توغرا تاپقىنى بويىچە مېنىڭ نامىمدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر يارلىق يېزىپ، مېنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرۈمنى بېسىڭلار؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلغان، پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بېسىلغان يارلىقنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، دېدى. 8
شۇ چاغدا، ئۈچىنچى ئايدا، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ مىرزىلىرىنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ كېلىندى. ئۇلار موردىكاينىڭ بارلىق بۇيرۇغىنى بويىچە يارلىق يازدى؛ يارلىق يەھۇدالارنىڭ ئىشى توغرۇلۇق ھىندىستاندىن ھەبەشستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىرىغا، ئۆلكە باشلىقى ۋە بەگلىرىگە يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپلار ھەرقايسى ئۆلكىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۆز تىلى بىلەن، شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ئۆز يېزىقى بىلەن، ئۆز تىلىدا پۈتۈلگەنىدى. 9
موردىكاي يارلىقنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىپ، ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرىنى باستى؛ يارلىق مەكتۇپلىرىنى پادىشاھلىقنىڭ ئاتلىقلىرى بىلەن، يەنى تولپارلارغا، ئات قېچىرلارغا ۋە تۆگىلەرگە مىنگەن چەۋەندازلار ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارغا يوللىدى. 10
يارلىقتا: «پادىشاھ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيۇشۇپ، ئۆز ھاياتىنى قوغدىشىغا، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان ھەر مىللەت ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى كۈچلەرنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى قويماي يوقىتىشىغا، قىرىشىغا، نەسلىنى قۇرۇتۇشىغا، شۇنداقلا مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلدى؛ 11
بۇ ئىش بىر كۈندە، يەنى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەنىدى. 12
يارلىق ھەرقايسى ئۆلكىگە ئەۋەتىلىپ، پەرمان سۈپىتىدە ئېلان قىلىنسۇن، يەھۇدىيلارنىڭ ئەشۇ كۈنى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييارلىنىپ قويۇشى ئۈچۈن يارلىقنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۇقتۇرۇلسۇن، دەپ بېكىتىلدى. 13
شۇنىڭ بىلەن چەۋەندازلار تولپارلارغا ۋە قېچىرلارغا مىنىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي يولغا ئاتلاندى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدىمۇ جاكارلاندى. 14
موردىكاي كۆك ۋە ئاق رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، بېشىغا كاتتا ئالتۇن تاجنى تاقاپ، سۆسۈن رەڭ كەندىر يېپىنچىنى يېپىنىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى؛ شۇشان شەھەردىكى خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشتى. 15
يەھۇدىيلار يورۇقلۇق، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ئىكرامغا مۇيەسسەر بولدى. 16
ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەرلەردە، پادىشاھنىڭ ئەمر-يارلىقى يېتىپ بارغانلىكى يەرلەردە، يەھۇدىيلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، زىياپەت قىلىپ مۇبارەك بىر كۈننى ئۆتكۈزۈشتى؛ نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دېيىشىۋالدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلاردىن قورقۇش ۋەھىمىسى ئۇلارنى بېسىۋالغانىدى. 17

< ئەستەر 8 >