< ئەستەر 7 >

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىلەن ھامان خانىش ئەستەرنىڭ زىياپىتىگە داخىل بولۇشقا كەلدى. 1
پادىشاھ ئىككىنچى قېتىملىق زىياپەت ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا ئەستەردىن: ــ ئى خانىش ئەستەر، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا ئىجابەت قىلىنىدۇ. نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى ئىلتىماس قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 2
ــ ئەگەر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئى ئالىيلىرى، ۋە پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، مېنىڭ ئىلتىماسىم ئۆز جېنىمنى ئايىغايلا، شۇنىڭدەك مېنىڭ تەلىپىم ئۆز خەلقىمنى ساقلىغايلا؛ 3
چۈنكى بىز، يەنى مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم بىرگە يوقىتىلىپ، قىرىلىپ، نەسلىمىزدىن قۇرۇتۇلۇشقا سېتىۋېتىلدۇق. ئەگەر بىز قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىۋېتىلگەن بولساق، سۈكۈت قىلغان بولاتتىم؛ لېكىن پادىشاھىمنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنىمۇ دۈشمەن تۆلەپ بېرەلمەيتتى، ــ دەپ جاۋاپ بەردى ئەستەر. 4
پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەردىن: ــ بۇنداق قىلىشقا پېتىنغان كىشى كىم ئىكەن؟ ئۇ قەيەردە؟! ــ دەپ سورىدى. ئەستەر جاۋابەن: ــ 5
بۇ دۈشمەن ۋە زەھەرخەندە مانا مۇشۇ رەزىل ھامان! ــ دېۋىدى، ھامان پادىشاھ بىلەن خانىش ئالدىدا شۇ زاماتلا دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 6
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قەھرى-غەزەپكە كېلىپ زىياپەت-شاراب ئۈستىدىن تۇردى-دە، چارىباغقا چىقىپ كەتتى؛ ھامان بولسا خانىش ئەستەردىن جېنىنى تىلەشكە قالدى؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە جازا بەرمەي قويمايدىغان نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. 7
پادىشاھ چارىباغدىن زىياپەت-شاراب داستىخىنىغا قايتىپ كەلگىنىدە ھاماننىڭ ئۆزىنى ئەستەر يۆلەنگەن دىۋانغا تاشلىغىنىچە تۇرغىنىنى كۆردى-دە: ــ ــ قارا، ئۇنىڭ ئوردىدا مېنىڭ ئالدىمدىلا خانىشقا زورلۇق قىلغىلىۋاتقىنىنى؟! ــ دېۋىدى، بۇ سۆز پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا ئادەملەر ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ قويدى. 8
پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاربونا ئىسىملىك بىرسى: ــ يەنە بىر ئىش بار، مانا، ھامان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن گەپ قىلغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن، ئەللىك گەز ئىگىزلىكتە ياساتقان دار تەييار تۇرىدۇ، ئۇ دار ھازىر مۇشۇ ھاماننىڭ ھويلىسىدا، دېۋىدى، پادىشاھ: ــ ھاماننى ئۇنىڭغا ئېسىڭلار! ــ دېدى. 9
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاماننى ئۇ موردىكايغا تەييارلاپ قويغان دارغا ئاستى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى. 10

< ئەستەر 7 >