< ئەستەر 6 >

شۇ كۈنى كېچىسى پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، تارىخ-تەزكىرىنامىنى ئەكەلدۈردى ۋە بۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى. 1
بىر يەردە: «پادىشاھنىڭ بىگتانا، تەرەش دەيدىغان ئوردا دەرۋازىسىنى باقىدىغان ئىككى ھەرەمئاغىسى بار ئىدى، ئۇلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا قول سېلىشقا قەستلىگەندە، موردىكاي بۇ ئىشنى پاش قىلىپ خەۋەر يەتكۈزگەن، دەپ پۈتۈلگەنىدى. 2
پادىشاھ: ــ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكايغا قانداق نام-شۆھرەت ۋە ئىززەت-ئىكرام نائىل قىلىندى؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئۇ ھېچ نېمىگە ئېرىشمىدى، ــ دەپ جاۋاپ بېرىشتى پادىشاھنىڭ يېنىدىكى خىزمەتتە بولغان غۇلاملىرى. 3
ــ ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامان پادىشاھتىن موردىكاينى ئۆزى تەييارلاپ قويغان دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلغىلى كېلىپ، ئوردىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىغا كىرگەنىدى. 4
ــ مانا، ھامان ھويلىدا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا. ــ كىرسۇن، ــ دېدى پادىشاھ. 5
ھامان كىرىۋىدى، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ھامان كۆڭلىدە: «پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشى مېنىڭدىن باشقا يەنە كىم بولاتتى؟» ــ دەپ ئويلىدى-دە 6
پادىشاھقا: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە 7
پادىشاھىم دائىم كىيىدىغان شاھانە كىيىم-كېچەك ۋە دائىم مىنىدىغان ئارغىماق، يەنى بېشىغا شاھانە تاج-بەلگە تاقالغان ئارغىماق ئېلىپ كېلىنىپ، 8
شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى پادىشاھنىڭ ئەڭ مۇھتەرەم ئەمىرلىرىدىن بىرىگە تۇتقۇزسۇن، ئۇ كىيىمنى پادىشاھىم ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە كىيگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭسۇن، ــ دېدى. 9
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھامانغا: ــ تېز بېرىپ دېگىنىڭدەك شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەپكەل، ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئاۋۇ يەھۇدىي موردىكايغا دەل سۆزۈڭدەك قىلغىن؛ سېنىڭ دېگەنلىرىڭنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولۇپ قالمىسۇن! ــ دېدى. 10
شۇنداق قىلىپ ھامان شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەكېلىپ، ئالدى بىلەن موردىكايغا شاھانە كىيىمنى كىيگۈزدى، ئاندىن ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇردى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: ــ «مانا، پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭدى. 11
موردىكاي يەنىلا ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ باردى؛ ھامان بولسا غەم-قايغۇغا پېتىپ، بېشىنى چۈمكىگەن ھالدا ئالدىراپ-تېنەپ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 12
ھامان خوتۇنى زەرەشكە ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرىگە بېشىغا كەلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى بىلەن خوتۇنى زەرەش بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ موردىكاينىڭ ئالدىدا يېڭىلىشقا باشلاپتىلا؛ ئۇ ئەگەر يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىدىن بولسا، ئۇنى يېڭەلمەيلا، ئەكسىچە سۆزسىز ئۇنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولىدىلا، دېيىشتى. 13
ئۇلار تېخى ھامان بىلەن سۆزلىشىۋاتقان چېغىدا، پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ ھاماننى ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە بېرىشقا ئالدىراتتى. 14

< ئەستەر 6 >