< ئەستەر 5 >

ئۈچىنچى كۈنى ئەستەر شاھانە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇردى؛ پادىشاھ بولسا ئۆز شاھانە ئۆيىدىكى تەختىدە، ئۆيدىن دەرۋازىغا قاراپ ئولتۇراتتى. 1
پادىشاھ خانىش ئەستەرنىڭ ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆردى؛ خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچ، ئۇ قولىدىكى ئالتۇن ھاسىسىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى. ئەستەر ئالدىغا كېلىپ شاھانە ھاسىنىڭ ئۇچىغا قولىنى تەگكۈزدى. 2
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى خانىشىم ئەستەر، بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇ ساڭا بېرىلىدۇ، دېدى. 3
ــ ئەگەر ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمنىڭ ھاماننى ئېلىپ ئۆزلىرىگە تەييارلىغان زىياپىتىمگە داخىل بولۇپ قەدەم تەشرىپ قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى ئەستەر. 4
پادىشاھ: ــ تېز بېرىپ ھاماننى قىچقىرىپ كېلىڭلار، ئەستەرنىڭ دېگىنىدەك قىلىنسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھاماننى ئېلىپ ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە باردى. 5
داستىخان ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا پادىشاھ ئەستەرگە: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ؛ نېمە ئىلتىجايىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. 6
ئەستەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مېنىڭ تەلىپىم ۋە ئىلتىجايىم بولسا، ــ 7
مۇبادا مەن ئالىيلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، شۇنداقلا پادىشاھىمغا مېنىڭ تەلىمنى ئىجابەت قىلىش ھەم ئىلتىجايىمنى ئورۇنداش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىنىڭ ھاماننى بىرگە ئېلىپ ئەتە سىلەرگە تەييارلايدىغان زىياپىتىمگە يەنە بىر قېتىم داخىل بولۇشلىرىنى ئۆتۈنىمەن؛ ئەتە مەن چوقۇم پادىشاھىمنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىمەن، ــ دېدى. 8
شۇ كۈنى ھامان كۆڭلىدە يايراپ، خۇشال-خۇرام قايتىپ چىقتى؛ لېكىن موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئۇنىڭ ئالدىدا نە ئورنىدىن قوپماي نە مىدىرلىماي ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، كۆڭلى ئۇنىڭغا قاتتىق قەھر-غەزەپكە تولدى. 9
لېكىن ھامان غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە كەلدى-دە، دوست-ئاغىنىلىرىنى ۋە خوتۇنى زەرەشنى چاقىرتىپ، 10
ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ شان-شەرىپى، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قانداق ئۆستۈرۈپ بارلىق ھۆرمەت-ئىززەتكە سازاۋەر قىلغانلىقى، ئۆزىنى قانداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدىن ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىگە قىلغانلىقى توغرىسىدا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ كەتتى. 11
ھامان يەنە: ــ سىلەرگە دېسەم، خانىش ئەستەر مېنىڭدىن باشقا مېھمان چىللىماي، پەقەت پادىشاھ بىلەن ئىككىمىزنىلا ئۆزى تەييارلىغان زىياپەتكە چىللىغانىدى، ئەتىمۇ مېنى پادىشاھ بىلەن بىللە ئۆزى [تەييارلەيدىغان زىياپەتكە] چىللىدى. 12
شۇغىنىسى، ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان ھېلىقى موردىكاي دېگەن يەھۇدىينى كۆرگىنىمدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلىدۇ، دېدى. 13
ئاندىن ئايالى زەرەش ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەللىك گەز ئېگىزلىكتىكى داردىن بىرنى تەييارلاپ، ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلسىلا بولمىدىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن خۇشال يايرىغان ھالدا پادىشاھ بىلەن بىللە زىياپەتكە بارىدىلا، دېيىشتى. بۇ گەپ ھاماننى خۇش قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دار ياسىتىپ قويدى. 14

< ئەستەر 5 >