< ئەستەر 4 >

موردىكاي بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئېگىنلىرىنى يىرتىپ، ئۈستىگە بۆز ئارتىپ، ۋە ئۇستى-بېشىغا كۈل چېچىپ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ ناھايىتى قاتتىق ۋە ئەلەملىك پەرياد كۆتۈردى. 1
ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى؛ چۈنكى بوز يېپىنغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوردا دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە رۇخسەت يوق ئىدى. 2
پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى يەتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئۆلكىلەردە يەھۇدىيلار ئارىسىدا قاتتىق نالە-پەرياد كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، يىغا-زار قىلدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر بوز يېپىنىپ كۈلدە ئېغىناپ يېتىشتى. 3
ئەستەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان دېدەكلىرى ۋە ھەرەمئاغىلىرى بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋىدى، خانىشنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ موردىكاينىڭ بوزنى تاشلاپ، كىيىۋېلىشىغا كىيىم-كېچەك چىقارتىپ بەردى، لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئەستەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا پادىشاھ تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاتاق ئىسىملىك بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنى موردىكاينىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئىشنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى، نېمە سەۋەبتىن بولۇۋاتقانلىقىنى تىڭ-تىڭلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى. 5
شۇنىڭ بىلەن ھاتاق ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى. 6
موردىكاي بېشىغا كەلگەن ھەممە ئىشنى، ھامان يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ خەزىنىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلغان كۈمۈشنىڭ سانىنى قالدۇرماي ئېيتىپ بەردى. 7
موردىكاي يەنە ھاتاققا شۇشاندا جاكارلانغان، يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى يارلىقنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەستەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاپشۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەستەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن پادىشاھتىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ بېقىشقا ئۈندەشنى تاپىلىدى. 8
ھاتاق قايتىپ كېلىپ موردىكاينىڭ گەپلىرىنى ئەستەرگە يەتكۈزدى. 9
ئەستەر ھاتاققا موردىكايغا ئېيتىدىغان گەپلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى موردىكاينىڭ يېنىغا يەنە ئەۋەتتى: ــ 10
«پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە خەلقلىرى، مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، چاقىرتىلماي تۇرۇپ ئىچكى ھويلىغا، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆز مەيلىچە كىرسە، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئالتۇن ھاسىسىنى تەڭلەپ ئۆلۈمدىم كەچۈرۈم قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشىگە نىسبەتەن بېشىغا چۈشىدىغان بىرلا قانۇن-بەلگىلىمە باردۇر: ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتىدۇ. ھازىر مېنىڭ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلمىغىنىمغا ئوتتۇز كۈن بولدى». 11
ئەستەرنىڭ سۆزلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلۈۋىدى، 12
موردىكاي مۇنۇ گەپلەرنى ئەستەرگە يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى: ــ «سەن كۆڭلۈڭدە مەن ئوردىدا ياشاۋاتىمەن، شۇڭا بارلىق باشقا يەھۇدىيلاردىن بىخەتەر بولۇپ قۇتۇلىمەن، دەپ خىيال ئەيلىمە. 13
ئەگەر بۇ چاغدا سەن جىم تۇرۇۋالساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا تەرەپتىن مەدەت ۋە نىجات چىقىشى مۇمكىن؛ لېكىن ئۇ چاغدا سەن ئۆز ئاتا جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ يوقىتىلىسەن. كىم بىلسۇن، سېنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇنداق پەيت ئۈچۈن بولغانمۇ؟». 14
ئەستەر موردىكايغا مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇردى: ــ 15
«سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!». 16
شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئۇ يەردىن كېتىپ، ئەستەرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. 17

< ئەستەر 4 >