< ئەستەر 3 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋېروش ئاگاگىيلاردىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈردى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى قىلدى. 1
پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئەمر قىلغاچقا، ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھاماننىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇراتتى؛ لېكىن موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى. 2
ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى موردىكايدىن: ــ سىلى نېمىشقا پادىشاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىدىلا؟ ــ دەپ سورايتتى. 3
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ھەر كۈنى نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇ قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار: ــ قېنى، موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ، دەپ بۇنى ھامانغا ئېيتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. 4
ھامان موردىكاينىڭ ئۆزىگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى. 5
لېكىن ئۇ «موردىكاينىڭ ئۈستىگە قول سېلىشنى كىچىككىنە بىر ئىش» دەپ ھېسابلىدى؛ چۈنكى ئۇلار موردىكاينىڭ مىللىتىنى ئۇنىڭغا دەپ قويغانىدى؛ شۇڭا ھامان ئاھاشۋېروشنىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقىدىكى يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى بىراقلا يوقىتىش يولىنى ئىزدەپ يۈردى. 6
پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا، بىرسى ھاماننىڭ ئالدىدا [قۇتلۇق] ئاي-كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر ئاي بويىچە «پۇر»، يەنى چەك تاشلىۋىدى، ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى. 7
ھامان پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا: ــ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان بىر خەلق بار؛ ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى باشقا خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگىمۇ بويسۇنمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئالىيلىرىغا ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدۇ. 8
ئەگەر پادىشاھىمغا لايىق كۆرۈنسە، ئۇلارنى يوقىتىش توغرۇلۇق يارلىق پۈتۈپ چۈشۈرگەيلا؛ مانا مەن ئۆز يېنىمدىن ئون مىڭ تالانت كۈمۈشنى ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە سېلىش ئۈچۈن پادىشاھلىقنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، دېدى. 9
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارمىقىدىن ئۈزۈكنى سىيرىپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ رەقىبى، ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بېرىپ: 10
ــ شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم، ئۇ خەلقنىمۇ ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇلارنى قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل! ــ دېدى. 11
ئاندىن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ مىرزىلىرى چاقىرىلىپ، يارلىق ھاماننىڭ بارلىق تاپىلىغىنى بويىچە پۈتۈلدى؛ ئۇ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز يېزىقىدا، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلىدا يازدۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا، ھەربىر ئەل-مىللەتنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەۋەتىلدى؛ يارلىق پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن پېچەتلەندى. 12
يارلىق مەكتۇپلىرى چاپارمەنلەرنىڭ قولى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلدى؛ ئۇنىڭدا بىر كۈن ئىچىدە ــ ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى قېرى-ياش، بالىلار ۋە ئاياللار دېمەي، بارلىق يەھۇدىيلارنى قويماي قىرىپ، ئۆلتۈرۈپ، نەسلى قۇرۇتۇۋېتىلسۇن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ئولجا قىلىنسۇن، دېيىلگەنىدى. 13
شۇ يارلىق ھەربىر ئۆلكىدە جاكارلىنىش ئۈچۈن، شۇنداقلا شۇ كۈنى ھەربىر خەلق شۇنداق قىلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ھەربىر ئەل-مىللەتكە ئېلان قىلىنماقچى بولدى. 14
چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە دەرھال يولغا چىقتى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ چاغدا پادىشاھ ھامان بىلەن شاراب ئىچىشكە ئولتۇرغانىدى. لېكىن شۇشان شەھىرىدىكىلەر دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ كېتىشتى. 15

< ئەستەر 3 >