< ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3 >

شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ 1
(سىلەر بەلكىم ماڭا تاپشۇرۇلغان، سىلەرگە خۇدانىڭ شەپقىتىنى ئېلىپ بارىدىغان غوجىدارلىقىم توغرۇلۇق، 2
يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم؛ 3
سىلەر ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مەسىھنىڭ سىرى توغرۇلۇق يورۇتۇلغانلىقىمنى بىلىپ يېتىسىلەر) 4
ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس. 5
دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ؛ 6
خۇدانىڭ شەپقىتى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپات بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن، مەن بۇ ئىشقا خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلەندىم؛ 7
ماڭا ــ مۇقەددەس بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋىنىدىنمۇ تۆۋەن بولغان ماڭا مۇشۇ ئىلتىپات، يەنى ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش 8
ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى. (aiōn g165) 9
بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. 10
بۇ ئىش بولسا، ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر؛ (aiōn g165) 11
ئۇنىڭ ئىشەنچ-سادىقلىقى ئارقىلىق بىز جاسارەتكە ھەم خۇدانىڭ ئالدىغا خاتىرجەملىك بىلەن كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق؛ 12
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ). 13
مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى، 14
( ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ) 15
ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي؛ 16
شۇنىڭ بىلەن مەسىھ قەلبىڭلاردا ئىشەنچ ئارقىلىق تۇرۇپ، سىلەر مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يىلتىز تارتغان، ئۇل سېلىنغان، 17
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر. 18
19
ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى-ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ 20
ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn g165) 21

< ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3 >