< ھېكمەت توپلىغۇچى 9 >

مەن شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆڭۈل قويدۇم؛ شۇنى بايقىدىمكى، مەيلى ھەققانىي كىشى ياكى دانا كىشى بولسۇن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغانلىرى خۇدانىڭ قولىدىدۇر، دەپ بايقىدىم؛ ئىنسان ئۆزىگە مۇھەببەت ياكى نەپرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ئىش بولۇشى مۇمكىن. 1
ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىشلار ئوخشاش پېتى كېلىدۇ؛ ھەققانىي ۋە رەزىل كىشىگە، مېھرىبان كىشىگە، پاك ۋە ناپاك، قۇربانلىق قىلغۇچى ۋە قۇربانلىق قىلمىغۇچىغىمۇ ئوخشاش قىسمەت بولىدۇ؛ ياخشى ئادەمگە قانداق بولسا، گۇناھكارغا شۇنداق بولىدۇ؛ قەسەم ئىچكۈچىگە ۋە قەسەم ئىچىشتىن قورققۇچىغىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. 2
مانا ھەممىگە ئوخشاشلا بۇ ئىشنىڭ كېلىدىغانلىقى قۇياش ئاستىدىكى ئىشلار ئارىسىدا كۈلپەتلىك ئىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان، پۈتۈن ھاياتىدا كۆڭلىدە تەلۋىلىك تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار ئۆلگەنلەرگە قوشۇلىدۇ. 3
چۈنكى تىرىكلەرگە قوشۇلغان كىشى ئۈچۈن بولسا ئۈمىد بار؛ چۈنكى، تىرىك ئىت ئۆلگەن شىردىن ئەلا. 4
تىرىكلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ بىراق ئۆلگەنلەر بولسا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچ ئىنئامى يەنە بولمايدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا كەلمەيدۇ. 5
ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى، نەپرىتى ۋە ھەسەتخورلۇقىمۇ ئاللىقاچان يوقالغان؛ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئۇلارنىڭ مەڭگۈگە قايتا نېسىۋىسى يوقتۇر. 6
بارغىن، نېنىڭنى خۇشاللىق بىلەن يەپ، شارابىڭنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئىچكىن؛ چۈنكى خۇدا ئاللىقاچان مۇنداق قىلىشىڭدىن رازى بولغان. 7
كىيىم-كېچەكلىرىڭ ھەردائىم ئاپئاق بولسۇن، خۇشبۇي ماي بېشىڭدىن كەتمىسۇن. 8
خۇدا ساڭا قۇياش ئاستىدا تەقسىم قىلغان بىمەنە ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، يەنى بىمەنىلىكتە ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈنلىرىڭدە، سۆيۈملۈك ئايالىڭ بىلەن بىللە ھاياتتىن ھۇزۇر ئالغىن؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ھاياتىڭدىكى نېسىۋەڭ ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تارتقان جاپايىڭنىڭ ئەجرىدۇر. 9
قولۇڭ تۇتقاننى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن قىلغىن؛ چۈنكى سەن بارىدىغان تەھتىسارادا ھېچ خىزمەت، مەقسەت-پىلان، بىلىم ياكى ھېكمەت بولمايدۇ. (Sheol h7585) 10
مەن زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدا كۆردۇمكى، مۇسابىقىدە غەلىبە يەلتاپانغا بولماس، يا جەڭدە غەلىبە پالۋانغا بولماس، يا نان دانا كىشىگە كەلمەس، يا بايلىقلار يورۇتۇلغانلارغا كەلمەس، يا ئىلتىپات بىلىملىكلەرگە بولماس ــ چۈنكى پەيت ۋە تاسادىپىيلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېلىدۇ. 11
بەرھەق، ئىنسانمۇ ئۆز ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيدۇ؛ بېلىقلار رەھىمسىز تورغا ئېلىنغاندەك، قۇشلار تاپان-تۇزاققا ئىلىنغاندەك، بۇلارغا ئوخشاش ئىنسان بالىلىرى يامان بىر كۈندە تۇزاققا ئىلىنىدۇ، تۇزاق بېشىغا چۈشىدۇ. 12
مەن يەنە قۇياش ئاستىدا دانالىقنىڭ بۇ مىسالىنى كۆردۇم، ئۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى؛ 13
كىچىك بىر شەھەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا قارشى بۈيۈك بىر پادىشاھ چىقىپ، ئۇنى قورشاپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان يوغان پوتەيلەرنى قۇردى. 14
بىراق شەھەردىن نامرات بىر دانا كىشى تېپىلىپ قالدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆز دانالىقى بىلەن قۇتۇلدۇردى؛ بىراق كېيىن، ھېچكىم بۇ نامرات كىشىنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى. 15
شۇنىڭ بىلەن مەن: «دانالىق كۈچ-قۇدرەتتىن ئەۋزەل» ــ دېدىم؛ بىراق شۇ نامرات كىشىنىڭ دانالىقى كېيىن كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانمايدۇ. 16
دانا كىشىنىڭ جىمجىتلىقتا ئېيتقان سۆزلىرى ئەخمەقلەر ئۈستىدىن ھوقۇق سۈرگۈچىنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئېنىق ئاڭلىنار. 17
دانالىق ئۇرۇش قوراللىرىدىن ئەۋزەلدۇر؛ بىراق بىر گۇناھكار زور ياخشىلىقنى ھالاك قىلىدۇ. 18

< ھېكمەت توپلىغۇچى 9 >