< ھېكمەت توپلىغۇچى 7 >

ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر. 1
ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك. 2
غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشىلىنىدۇ. 3
دانا كىشىنىڭ قەلبى ماتەم تۇتۇش ئۆيىدە، بىراق ئەخمەقنىڭ قەلبى تاماشىنىڭ ئۆيىدىدۇر. 4
ئەخمەقلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە، دانا كىشىنىڭ تەنبىھىنى ئاڭلىغىن؛ 5
چۈنكى ئەخمەقنىڭ كۈلكىسى قازان ئاستىدىكى يانتاقلارنىڭ پاراسلىشىدەك، خالاس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 6
جەبىر-زۇلۇم دانا ئادەمنى نادانغا ئايلاندۇرىدۇ، پارا بولسا قەلبنى ھالاك قىلىدۇ. 7
ئىشنىڭ ئايىغى بېشىدىن ئەۋزەل؛ سەۋر-تاقەتلىك روھ تەكەببۇر روھتىن ئەۋزەلدۇر. 8
روھىڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما؛ چۈنكى خاپىلىق ئەخمەقلەرنىڭ باغرىدا قونۇپ ياتىدۇ. 9
«نېمىشقا بۇرۇنقى كۈنلەر ھازىرقى كۈنلەردىن ئەۋزەل؟» ــ دېمە؛ چۈنكى سېنىڭ بۇنداق سورىغىنىڭ دانالىقتىن ئەمەس. 10
دانالىق مىراسقا ئوخشاش ياخشى ئىش، قۇياش نۇرى كۆرگۈچىلەرگە پايدىلىقتۇر. 11
چۈنكى دانالىق پۇل پاناھ بولغاندەك، پاناھ بولىدۇ؛ بىراق دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ ئۆز ئىگىلىرىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ. 12
خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلاپ كۆر؛ چۈنكى ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈز قىلالىسۇن؟ 13
ئاۋات كۈنىدە ھۇزۇر ئال؛ ۋە يامان كۈنىدىمۇ شۇنى ئويلاپ كۆر: ــ خۇدا ئۇلارنىڭ بىرىنى، شۇنداقلا يەنە بىرىنىمۇ تەڭ ياراتقاندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزى كەتكەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ. 14
مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى بىمەنە كۈنلىرىمدە كۆرۈپ يەتتىم؛ ھەققانىي بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى بىلەن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، شۇنىڭدەك رەزىل بىر ئادەمنىڭ ئۆز رەزىللىكى بىلەن ئۆمرىنى ئۇزاراتقانلىقىنى كۆردۈم. 15
ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي بولما؛ ۋە ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە دانا بولما؛ سەن ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالاقزادە قىلماقچىمۇسەن؟ 16
ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە رەزىل بولما، ياكى ئەخمەق بولما؛ ئۆز ئەجىلىڭ توشماي تۇرۇپ ئۆلمەكچىمۇسەن؟ 17
شۇڭا، بۇ [ئاگاھنى] چىڭ تۇت، شۇنىڭدىن ئۇ [ئاگاھنىمۇ] قولۇڭدىن بەرمىگىنىڭ ياخشى؛ چۈنكى خۇدادىن قورقىدىغان كىشى ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. 18
دانالىق دانا كىشىنى بىر شەھەرنى باشقۇرىدىغان ئون ھۆكۈمراندىن زىيادە كۈچلۈك قىلىدۇ. 19
بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر. 20
يەنە، خەقلەرنىڭ ھەممىلا گەپ-سۆزلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمە؛ بولمىسا، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. 21
چۈنكى كۆڭلۈڭدە، ئۆزۈڭنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت قىلغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىسەن. 22
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن سىناپ باقتىم؛ مەن: «دانا بولىمەن» دېسەممۇ، ئەمما ئۇ مەندىن يىراق ئىدى. 23
بارلىق يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا ئەقلىمىزدىن يىراق، شۇنىڭدەك ئىنتايىن سىرلىقتۇر؛ كىم ئۇنى ئىزدەپ بىلىپ يېتەلىسۇن؟ 24
مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىقىنى، ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم. 25
شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى تور ۋە قىلتاق، قوللىرى ئاسارەت بولغان ئايالنىڭ ئۆلۈمدىن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بىراق گۇناھكار ئادەم ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. 26
بۇ بايقىغانلىرىمغا قارا، ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ پاكىتلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ سېلىشتۇرۇپ، ئەقىل ئىزدىدىم؛ 27
مېنىڭ قەلبىم ئۇنى يەنىلا ئىزدىمەكتە، بىراق تېخى تاپالمىدىم! ــ مىڭ كىشى ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئەركەكنى تاپتىم ــ بىراق شۇ مىڭ كىشى ئارىسىدىن بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم. 28
مانا كۆرگىن، مېنىڭ بايقىغانلىرىم پەقەت مۇشۇ بىرلا ــ خۇدا ئادەمنى ئەسلى دۇرۇس ياراتقان؛ بىراق ئادەملەر بولسا نۇرغۇنلىغان ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىزدەيدۇ. 29

< ھېكمەت توپلىغۇچى 7 >