< ھېكمەت توپلىغۇچى 5 >

خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ. 1
ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن. 2
چۈنكى ئىش كۆپ بولسا چۈشمۇ كۆپ بولغاندەك، گەپ كۆپ بولسا، ئەخمەقنىڭ گېپى بولۇپ قالىدۇ. 3
خۇداغا قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرمە؛ چۈنكى ئۇ ئەخمەقلەردىن ھۇزۇر ئالمايدۇ؛ شۇڭا قەسىمىڭنى ئادا قىلغىن. 4
قەسەم ئىچىپ ئادا قىلمىغاندىن كۆرە، قەسەم ئىچمەسلىكىڭ تۈزۈكتۇر. 5
ئاغزىڭ تېنىڭنى گۇناھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەتمىسۇن؛ پەرىشتە ئالدىدا: «خاتا سۆزلەپ سالدىم» دېمە؛ نېمىشقا خۇدا گېپىڭدىن غەزەپلىنىپ قوللىرىڭ ياسىغاننى ھالاك قىلىدۇ؟ 6
چۈنكى چۈش كۆپ بولسا بىمەنىلىكمۇ كۆپ بولىدۇ؛ گەپ كۆپ بولسىمۇ ئوخشاشتۇر؛ شۇڭا، خۇدادىن قورققىن! 7
سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ياكى يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەق-ئادالەتنى زوراۋانلارچە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛ چۈنكى مەنسەپداردىن يۇقىرى يەنە بىرسى كۆزلىمەكتە؛ ۋە ئۇلاردىنمۇ يۇقىرىسىمۇ باردۇر. 8
بىراق نېمىلا بولمىسۇن يەر-تۇپراق ھەممە ئادەمگە پايدىلىقتۇر؛ ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ يەر-تۇپراققا تايىنىدۇ. 9
كۈمۈشكە ئامراق كۈمۈشكە قانماس، بايلىقلارغا ئامراق ئۆز كىرىمىگە قانماس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 10
مال-مۈلۈك كۆپەيسە، ئۇلارنى يېگۈچىلەرمۇ كۆپىيىدۇ؛ مال ئىگىسىگە ئۇلارنى كۆزلەپ، ئۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشتىن باشقا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ 11
ئاز يېسۇن، كۆپ يېسۇن، ئەمگەكچىنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىقتۇر؛ بىراق باينىڭ توقلۇقى ئۇنى ئۇخلاتماس. 12
مەن قۇياش ئاستىدا زور بىر كۈلپەتنى كۆردۈم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىگىسى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بايلىقلارنى توپلاشتۇر؛ 13
شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بايلىقلىرى بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن يوقىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق ئادەمنىڭ بىر ئوغلى بولسا، [ئوغلىنىڭ] قولىغا قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى يوق بولىدۇ. 14
ئۇ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چىقىپ، كەتكەندىمۇ يالىڭاچ پېتى كېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن قولىغا ئالغۇدەك ھېچنېمىنى ئېپكەتەلمەيدۇ. 15
مانا بۇمۇ ئېغىر ئەلەملىك ئىش؛ چۈنكى ئۇ قانداق كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ؛ ئەمدى ئۇنىڭ شامالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟ 16
ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە يەپ-ئىچكىنى قاراڭغۇلۇقتا بولۇپ، غەشلىكى، كېسەللىكى ۋە خاپىلىقى كۆپ بولىدۇ. 17
مانا نېمىنىڭ ياراملىق ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۇم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ خۇدا ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنلىرىدە يېيىش، ئىچىش ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق مېھنىتىدىن ھۇزۇر ئېلىشتۇر؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر. 18
خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر. 19
چۈنكى ئۇ ئۆمرىدىكى تېز ئۆتىدىغان كۈنلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى كۆڭلىنىڭ شادلىقى بىلەن بەند قىلىدۇ. 20

< ھېكمەت توپلىغۇچى 5 >