< ھېكمەت توپلىغۇچى 3 >

ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ئاسمانلار ئاستىدىكى ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار؛ 1
For everything there is a season, and a time for every purpose under heaven:
تۇغۇلۇشنىڭ بىر ۋاقتى بار، ئۆلۈشنىڭمۇ بىر ۋاقتى بار؛ تىكىش ۋاقتى بار، تىكىلگەننى سۆكۈش ۋاقتى بار؛ 2
a time to be born, and a time to die; a time to plant, and a time to pluck up that which is planted;
ئۆلتۈرۈش ۋاقتى بار، ساقايتىش ۋاقتى بار؛ بۇزۇش ۋاقتى بار، قۇرۇش ۋاقتى بار؛ 3
a time to kill, and a time to heal; a time to break down, and a time to build up;
يىغلاش ۋاقتى بار، كۈلۈش ۋاقتى بار؛ ماتەم تۇتۇش ۋاقتى بار، ئۇسسۇل ئويناش ۋاقتى بار؛ 4
a time to weep, and a time to laugh; a time to mourn, and a time to dance;
تاشلارنى چۆرىۋېتىش ۋاقتى بار، تاشلارنى يىغىپ-توپلاش ۋاقتى بار؛ قۇچاقلاش ۋاقتى بار، قۇچاقلاشتىن ئۆزىنى تارتىش ۋاقتى بار؛ 5
a time to cast away stones, and a time to gather stones together; a time to embrace, and a time to refrain from embracing;
ئىزدەش ۋاقتى بار، يوقالدى دەپ ۋاز كېچىش ۋاقتىمۇ بار؛ 6
a time to seek, and a time to lose; a time to keep, and a time to cast away;
يىرتىش ۋاقتى بار، تىكىش ۋاقتى بار؛ سۈكۈت قېلىش ۋاقتى بار، سۆز قىلىش ۋاقتى بار؛ 7
a time to tear, and a time to sew; a time to keep silence, and a time to speak;
سۆيۈش ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىش ۋاقتى بار؛ ئۇرۇش ۋاقتى بار، تىنچلىق ۋاقتى بار. 8
a time to love, and a time to hate; a time for war, and a time for peace.
ئىشلىگەن ئۆز ئىشلىگىنىدىن نېمە پايدا ئالىدۇ؟ 9
What profit has he who works in that in which he labors?
مەن خۇدا ئىنسان بالىلىرىغا يۈكلىگەن، ئىشلەپ جاپا تارتىش كېرەك بولغان ئىشنى كۆرگەنمەن. 10
I have seen the burden which God has given to the sons of men to be afflicted with.
ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئۇ يەنە مەڭگۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان؛ شۇڭا، ئىنسان خۇدانىڭ ئۆز ھاياتىغا باشتىن ئاخىرغىچە نېمىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەستۇر. 11
He has made everything beautiful in its time. He has also set eternity in their hearts, yet so that man can't find out the work that God has done from the beginning even to the end.
ئىنسانلارغا ھاياتىدا شادلىنىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش يوق ئىكەن دەپ بىلىپ يەتتىم. 12
I know that there is nothing better for them than to rejoice, and to do good as long as they live.
شۇنداقلا يەنە، ھەربىر كىشىنىڭ يېيىش-ئىچىشى، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەجرىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، مانا بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر. 13
Also that every man should eat and drink, and enjoy good in all his labor, is the gift of God.
خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، دەپ بىلىمەن؛ ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ سەۋەبى ئىنساننى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرۈشتۇر. 14
I know that whatever God does, it shall be forever. Nothing can be added to it, nor anything taken from it; and God has done it, that men should fear before him.
ھازىر بولغانلىرى ئۆتكەندىمۇ بولغاندۇر؛ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئاللىقاچان بولغاندۇر؛ خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ. 15
That which is has been long ago, and that which is to be has been long ago: and God seeks again that which is passed away.
مەن قۇياش ئاستىدا يەنە شۇ ئىشنى كۆردۈمكى ــ سوراق ئورنىدا، شۇ يەردە ھېلىھەم رەزىللىك تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق تۇرۇش كېرەك بولغان جايدا، مانا رەزىللىك تۇرىدۇ! 16
Moreover I saw under the sun, in the place of justice, that wickedness was there; and in the place of righteousness, that wickedness was there.
مەن كۆڭلۈمدە: «خۇدا ھەققانىي ھەم رەزىل ئادەمنى سوراققا تارتىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر ئارزۇ-مەقسەت ۋە ھەربىر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» ــ دېدىم. 17
I said in my heart, "God will judge the righteous and the wicked; for there is a time there for every purpose and for every work."
مەن كۆڭلۈمدە: ــ بۇنداق بولۇشى ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەۋەبىدىندۇر؛ خۇدا ئۇلارنى سىنىماقچى، [بۇ ئىشلار] ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى ئۈچۈن بولغان، دەپ ئويلىدىم. 18
I said in my heart, "As for the sons of men, God tests them, so that they may see that they themselves are like animals.
چۈنكى ئىنسان بالىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ھايۋانلارغىمۇ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلاردىن ئالدىنقىسى قانداق ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىمۇ شۇنداق ئۆلىدۇ، ئۇلاردا ئوخشاشلا بىرلا نەپەس باردۇر. ئىنساننىڭ ھايۋانلاردىن ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق؛ چۈنكى ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر. 19
For that which happens to the sons of men happens to animals. Even one thing happens to them. As the one dies, so the other dies. Yes, they have all one breath; and man has no advantage over the animals: for all is vanity.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جايغا بارىدۇ؛ ھەممىسى توپا-چاڭدىن چىققان، ھەممىسى توپا-چاڭغا قايتىدۇ. 20
All go to one place. All are from the dust, and all turn to dust again.
كىم ئادەم بالىلىرىنىڭ روھىنى بىلىدۇ؟ ئۇ يۇقىرىغا چىقامدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ھايۋانلارنىڭ روھى، ئۇ يەر تېگىگە چۈشەمدۇ، كىم بىلىدۇ؟ 21
Who knows the spirit of man, whether it goes upward, and the spirit of the animal, whether it goes downward to the earth?"
شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنساننىڭ ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇرلىنىشىدىن ئارتۇق ئىش يوقتۇر، دەپ كۆردۇم؛ چۈنكى مانا، بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈشكە كىم ئېلىپ كېلىدۇ؟ 22
Therefore I saw that there is nothing better, than that a man should rejoice in his works; for that is his portion: for who can bring him to see what will be after him?

< ھېكمەت توپلىغۇچى 3 >