< ھېكمەت توپلىغۇچى 2 >

مەن كۆڭلۈمدە: «قېنى، مەن ئۆزۈمگە تاماشىنىڭ تەمىنى تېتىغۇزۇپ باقىمەن؛ كۆڭلۈم ئېچىلسۇن!» ــ دېدىم. بىراق مانا، بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 1
مەن كۈلكە-چاقچاققا «تەلۋىلىك!» ۋە تاماشىغا «ئۇنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟» ــ دېدىم. 2
كۆڭلۈمدە ئۆز بەدىنىمنى شاراب بىلەن قانداق روھلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى (دانالىق بىلەن ئۆزۈمنى يېتەكلىگەن ھالدا) بىلىشكە بېرىلىپ ئىزدەندىم، شۇنىڭدەك «ساناقلىق كۈنلىرىدە ئىنسان بالىلىرىغا ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان نېمە پايدىلىق ئىشلار بار؟» دېگەن تۈگۈننى يەشسەم دەپ ئەخمىقانىلىكنى قانداق تۇتۇپ يېتىشىم كېرەكلىكىنى ئىنتىلىپ ئىزدىدىم. 3
مەن ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارغا كىرىشتىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆيلەرنى سالدىم؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ئۈزۈمزارلارنى تىكتىم؛ 4
ئۆزۈم ئۈچۈن شاھانە باغ-باغچىلارنى ياسىدىم؛ ئۇلاردا ھەرخىل مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تىكتىم؛ 5
ئۆزۈم ئۈچۈن ئورماندىكى باراقسان دەرەخلەرنى ئوبدان سۇغىرىش ئۈچۈن، كۆلچەكلەرنى ياساپ چىقتىم؛ 6
قۇللارغا ۋە دېدەكلەرگە ئىگە بولدۇم؛ ئۆيۈمدە ئۇلاردىن تۇغۇلغانلارمۇ مېنىڭكى ئىدى؛ يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭكىدىن كۆپ مال-ۋارانلار، قوي ۋە كالا پادىلىرىم بار بولدى. 7
ئۆز-ئۆزۈمگە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ھەم ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھەرخىل ئەتىۋارلىق ئالاھىدە گۆھەرلىرىنى يىغدىم؛ قىز-يىگىت ناخشىچىلارغا ھەمدە ئادەم بالىلىرىنىڭ دىلكۆيەرلىرىگە، يەنى كۆپلىگەن گۈزەل كېنىزەكلەرگە ئىگە بولدۇم. 8
ئۇلۇغ بولدۇم، يېرۇسالېمدا مەندىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسىدىن زىيادە روناق تاپتىم؛ شۇنداق بولغىنى بىلەن دانالىقىم مەندىن كەتمىدى. 9
كۆزلىرىمگە نېمە ياققان بولسا، مەن شۇنى ئۇنىڭدىن ئايىمىدىم؛ ئۆز كۆڭلۈمگە ھېچقانداق خۇشاللىقنى ياق دېمىدىم؛ چۈنكى كۆڭلۈم بارلىق ئەجرىمدىن شادلاندى؛ مانا، بۇلار ئۆز ئەجرىمدىن بولغان نېسىۋەم ئىدى. 10
ئاندىن ئۆز قولۇم ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە، شۇنداقلا سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ نەتىجىسىگە قارىسام، مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى؛ بۇلار قۇياش ئاستىدىكى ھېچ پايدىسى يوق ئىشلاردۇر. 11
ئاندىن زېھنىمنى يىغىپ ئۇنى دانالىققا، تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىككە قاراشقا قويدۇم؛ چۈنكى پادىشاھتىن كېيىن تۇرىدىغان ئادەم نېمە قىلالايدۇ؟ ــ قىلسىمۇ ئاللىقاچان قىلىنغان ئىشلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس! 12
شۇنىڭ بىلەن نۇر قاراڭغۇلۇقتىن ئەۋزەل بولغاندەك، دانالىقنىڭ بىغەرەزلىكتىن ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. 13
دانا كىشىنىڭ كۆزلىرى بېشىدىدۇر، ئەخمەق بولسا قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ؛ بىراق ئۇلارغا ئوخشاش بىرلا ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 14
كۆڭلۈمدە: «ئەخمەقكە بولىدىغان ئىش ماڭىمۇ ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەمدى مېنىڭ شۇنداق دانا بولۇشۇمنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟!» ــ دېدىم. ئاندىن مەن كۆڭلۈمدە: «بۇ ئىشمۇ ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر!» ــ دېدىم. 15
چۈنكى مەڭگۈگە دانا كىشى ئەخمەقكە نىسبەتەن ھېچ ئارتۇق ئەسلەنمەيدۇ؛ چۈنكى كەلگۈسىدىكى كۈنلەردە ھەممە ئىش ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئەمدى دانا كىشى قانداق ئۆلىدۇ؟ ــ ئەخمەق كىشى بىلەن بىللە! 16
شۇڭا مەن ھاياتقا ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلار ماڭا ئېغىر كېلەتتى؛ ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى. 17
شۇنىڭدەك مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىمگە ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى بۇنى مەندىن كېيىن كەلگەن كىشىگە قالدۇرماسلىققا ئامالىم يوق ئىدى. 18
ئۇنىڭ دانا ياكى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇ بەرىبىر مەن جاپالىق بىلەن سىڭدۈرگەن ھەمدە دانالىق بىلەن ئادا قىلغان قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىم ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 19
ئاندىن مەن رايىمدىن ياندىم، كۆڭلۈم قۇياش ئاستىدىكى جاپا تارتقان بارلىق ئەجرىمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى. 20
چۈنكى ئەجرىنى دانالىق، بىلىم ۋە ئەپ بىلەن قىلغان بىر ئادەم بار؛ بىراق ئۇ ئەجرىنى ئۇنىڭغا ھېچ ئىشلىمىگەن باشقا بىرسىنىڭ نېسىۋىسى بولۇشقا قالدۇرۇشى كېرەك. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئىنتايىن ئاچچىق كۈلپەتتۇر. 21
چۈنكى ئىنسان قۇياش ئاستىدا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمگىكىدىن ۋە كۆڭلىنىڭ ئىنتىلىشلىرىدىن نېمىگە ئىگە بولىدۇ؟ 22
چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرى ئازابلىقتۇر، ئۇنىڭ ئەجرى غەشلىكتۇر؛ ھەتتا كېچىدە ئۇنىڭ كۆڭلى ھېچ ئارام تاپمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. 23
ئىنسان ئۈچۈن شۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش يوقكى، ئۇ يېيىشى، ئىچىشى، ئۆز جېنىنى ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇر ئالدۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر؛ بۇنى خۇدانىڭ قولىدىندۇر، دەپ كۆرۈپ يەتتىم. 24
چۈنكى ئۇنىڭسىز كىم يېيەلىسۇن ياكى بېسىپ ئىشلىيەلىسۇن؟ 25
چۈنكى ئۇ ئۆز نەزىرىگە ياقىدىغان ئادەمگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىقنى ئاتا قىلىدۇ؛ بىراق گۇناھكار ئادەمگە ئۇ مال-مۈلۈك يىغىپ-توپلاشقا جاپالىق ئەمگەكنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يىغىپ-توپلىغىنىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى بولغانغا تاپشۇرىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر. 26

< ھېكمەت توپلىغۇچى 2 >