< ھېكمەت توپلىغۇچى 12 >

ئەمدى يامان كۈنلەر بېشىڭغا چۈشمىگۈچە، شۇنداقلا سەن: «بۇلاردىن ھېچ ھۇزۇرۇم يوقتۇر» دېگەن يىللار يېقىنلاشمىغۇچە ياشلىقىڭدا ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت؛ 1
قۇياش، يورۇقلۇق، ئاي ۋە يۇلتۇزلار قاراڭغۇلىشىپ، يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار قايتىپ كەلمىگۈچە ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن. 2
شۇ كۈنى «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى» تىترەپ كېتىدۇ؛ پالۋانلار ئېگىلىدۇ، ئەزگۈچىلەر ئازلىقىدىن توختاپ قالىدۇ، دېرىزىلەردىن سىرتقا قاراپ تۇرغۇچىلار غۇۋالىشىپ كېتىدۇ؛ 3
كوچىغا قارايدىغان ئىشىكلەر ئېتىلىدۇ؛ تۈگمەننىڭ ئاۋازى پەسىيدۇ، كىشىلەر قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا چۆچۈپ كېتىدۇ، «ناخشىچى قىزلار»نىڭ سايراشلىرى سۇس ئاڭلىنىدۇ؛ 4
كىشىلەر ئېگىزدىن قورقىدۇ، كوچىلاردا ۋەھىمىلەر بار دەپ قورقۇپ يۈرىدۇ؛ بادام دەرىخى چىچەكلەيدۇ؛ چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ، شىندىر مېۋىسى سولىشىدۇ؛ چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ 5
كۈمۈش تانا ئۈزۈلگۈچە، ئالتۇن چىنە چېقىلغۇچە، ئاپتۇۋا بۇلاق يېنىدا پارە-پارە بولغۇچە، قۇدۇقتىكى چاق كاردىن چىققۇچە، 6
توپا-چاڭ ئەسلى تۇپراققا قايتقۇچە، روھ ئۆزىنى بەرگەن خۇداغا قايتقۇچە ــ ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن! 7
بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» 8
شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى. 9
ھېكمەت توپلىغۇچى يېقىملىق سۆزلەرنى تېپىشقا ئىنتىلگەن؛ ئۇشبۇ يېزىلغىنى بولسا دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر. 10
دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى زىخقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى چىڭ بېكىتىلگەن مىختەكتۇر. ئۇلار بىرلا پادىچى تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر. 11
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئى ئوغلۇم، بۇلاردىن سىرت ھەرقانداق يېزىلغانلاردىن پەخەس بول؛ چۈنكى كۆپ كىتابلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئايىغى يوق، شۇنىڭدەك كۆپ ئۆگىنىش تەننى ئۇپرىتىدۇ. 12
بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى؛ خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر؛ 13
چۈنكى ئادەم قىلغان ھەربىر ئىش، جۈملىدىن بارلىق مەخپىي ئىشلار، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، خۇدا ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ. 14

< ھېكمەت توپلىغۇچى 12 >