< ھېكمەت توپلىغۇچى 1 >

يېرۇسالېمدا پادىشاھ بولغان، داۋۇتنىڭ ئوغلى «ھېكمەت توپلىغۇچى»نىڭ سۆزلىرى: ــ 1
«بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» 2
قۇياش ئاستىدا تارتقان جاپالىرىدىن ئىنسان نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟ 3
بىر دەۋر ئۆتىدۇ، يەنە بىر دەۋر كېلىدۇ؛ بىراق يەر-زېمىن مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ؛ 4
كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛ ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يەنە ئالدىراپ ماڭىدۇ. 5
شامال جەنۇبقا قاراپ سوقىدۇ؛ ئاندىن بۇرۇلۇپ شىمالغا قاراپ سوقىدۇ؛ ئۇ ئايلىنىپ-ئايلىنىپ، ھەردائىم ئۆز ئايلانما يولىغا قايتىدۇ. 6
بارلىق دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بىراق دېڭىز تولمايدۇ؛ دەريالار قايسى جايغا ئاققان بولسا، ئۇلار يەنە شۇ يەرگە قايتىدۇ. 7
بارلىق ئىشلار جاپاغا تولغاندۇر؛ ئۇنى ئېيتىپ تۈگەتكۈچى ئادەم يوقتۇر؛ كۆز كۆرۈشتىن، قۇلاق ئاڭلاشتىن ھەرگىز تويمايدۇ. 8
بولغان ئىشلار يەنە بولىدىغان ئىشلاردۇر؛ قىلغان ئىشلار يەنە قىلىنىدۇ؛ قۇياش ئاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوقتۇر. 9
«مانا، بۇ يېڭى ئىش» دېگىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟ ئۇ بەرىبىر بىزدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاللىقاچان بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردۇر. 10
بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ. 11
مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛ 12
مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان! 13
مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر. 14
ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛ كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس. 15
مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ: «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم. 16
شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم. 17
چۈنكى دانالىقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتمۇ كۆپ بولىدۇ؛ بىلىمىنى كۆپەيتكۈچىنىڭ دەرد-ئەلىمىمۇ كۆپىيدۇ. 18

< ھېكمەت توپلىغۇچى 1 >