< قانۇن‭ ‬شەرھى 8 >

مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا سىلەر ھايات بولىسىلەر، كۆپىيىسىلەر ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. 1
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تۆۋەن قىلىپ، كۆڭلۈڭدە نېمە بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىڭنى بىلەي دەپ سېنى سىناش ئۈچۈن بۇ قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىگەن يولنى ئەسلىگىن. 2
دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. 3
بۇ قىرىق يىلدا كىيىم-كېچىكىڭ كونىرىمىدى، پۇتۇڭ ئىششىپ كەتمىدى. 4
سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئادەم ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تەربىيىلەيدۇ؛ 5
شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن. 6
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ياخشى بىر زېمىنغا ــ ئېرىق-ئېقىنلىرى، بۇلاقلىرى ۋە جىلغا-دۆڭلەردە ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئۇلۇغ سۇلىرى بار بىر زېمىنغا ــ 7
بۇغداي ۋە ئارپا، ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر دەرەخلىرى ۋە ئانارلىرى بار بىر زېمىنغا، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا، 8
ــ سەن ھېچنېمىدىن كەملىك تارتماي ئوزۇقلۇق يەيدىغان بىر زېمىنغا ــ تاشلىرى تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس كولايدىغان بىر زېمىنغا يېتەكلەپ كىرىدۇ؛ 9
سەن شۇ يەردە يەپ تويۇنىسەن ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شۇ ياخشى زېمىن ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىسەن. 10
مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىنى تۇتماسلىقتىن، ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھېزى بول؛ 11
بولمىسا، سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، ئېسىل ئۆيلەرنى قۇرۇپ ئۇلاردا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، 12
كالا-قوي پادىلىرىڭ كۆپىيىپ، ئالتۇن-كۈمۈشۈڭ، شۇنداقلا سېنىڭ بارلىقىڭ كۆپەيگەندىن كېيىن، 13
كۆڭلۈڭ مەغرۇرلىنىپ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى ئۇنتۇيسەن؛ 14
(ئۇ سېنى بىپايان ۋە دەھشەتلىك چۆل-باياۋاندىن، يەنى زەھەرلىك يىلانلار ۋە چايانلار قاپلاپ كەتكەن، سۇسىراپ قاغجىراپ كەتكەن بىر چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ چىققان، شۇ يەردە ساڭا چاقماق تېشىدىن سۇ چىقىرىپ بەرگەن، 15
سېنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسۇن دەپ سىناپ، ساڭا ئاخىر راھەت-بەرىكەت كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان) 16
ــ ئەگەر ئۇنى ئۇنتۇساڭ، كۆڭلۈڭدە: «ئۆز كۈچۈم، ئۆز قولۇمنىڭ قۇدرىتى مېنى مۇشۇ دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن» دېيىشىڭ مۇمكىن. 17
شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزى سېنى دۆلەتكە ئېرىشتۈرگۈچى قۇدرەتنى بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان ئەھدىنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مەھكەم قىلىدۇ. 18
ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قاچانىكى ئۇنتۇساڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشسەڭ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ ئۇلارغا باش ئۇرساڭ، مەن سىلەرگە بۈگۈن شۇ ئاگاھنى بېرەيكى، شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولىسىلەر. 19
پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىۋاتقان ئەللەردەك سىلەرمۇ يوقىتىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر. 20

< قانۇن‭ ‬شەرھى 8 >