< قانۇن‭ ‬شەرھى 7 >

پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھازىر ئىگىلەشكە كېتىۋاتقان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدىڭدىن كۆپ يات ئەل-مىللەتلەرنى، يەنى ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ــ سەندىن كۈچلۈك ئەل-مىللەتلەرنى ھەيدىۋېتىدۇ. 1
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ. 2
سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛ 3
چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ. 4
سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ 5
چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا پاك-مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسىلەر؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق باشقا خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان. 6
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە مېھىر چۈشۈپ سىلەرنى تاللىۋالغىنى سىلەرنىڭ باشقا خەلقلەردىن كۆپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سىلەر بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئىدىڭلار، 7
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى سۆيگىنى سەۋەبىدىن ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئالدىدا بەرگەن قەسىمىگە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرنى كۈچلۈك قول بىلەن قۇتقۇزۇپ، ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ «قۇللۇق ماكانى»دىن، يەنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن چىقارغان. 8
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛ 9
لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ. 10
سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئەمر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى چىڭ تۇتۇڭلار. 11
چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان ئەھدە ۋە مېھىرنى سىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛ 12
سېنى سۆيۈپ بەرىكەتلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ساڭا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغۇزۇپ كۆپەيتىدۇ؛ شۇ يەردە پەرزەنتلىرىڭنى، يەر-تۇپرىقىڭدىكى مەھسۇلاتلارنى، بۇغدىيىڭنى، يېڭى شارابىڭنى، زەيتۇن مېيىڭنى، كالىلىرىڭنىڭ نەسلىنى ۋە قويلىرىڭنىڭ قوزىلىرىنى بەرىكەتلەپ كۆپەيتىدۇ. 13
سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا ھېچ تۇغماسلىق بولمايدۇ؛ 14
پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ. 15
سەن پەرۋەردىگار ساڭا تاپشۇرغان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك، سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا قىلتاق بولىدۇ. 16
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «بۇ ئەللەر مەندىن كۈچلۈك؛ مەن قانداق قىلىپ ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلەيمەن؟» ــ دېسەڭ، 17
ئۇلاردىن قورقما؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ پىرەۋن ھەم بارلىق مىسىرلىقلارنى قانداق قىلغانلىقىنى ئەسلىگىن، 18
ــ يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن دەھشەتلىك ھۆكۈم-سىناقلار، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر، كۈچلۈك قول ۋە سوزۇلغان بىلەكنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇت؛ پەرۋەردىگار سەن قورقۇۋاتقان بارلىق خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. 19
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاكى ئۇلارنىڭ سەندىن يوشۇرۇنغان قالدۇقلىرى يوقىتىلغۇچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىدۇ؛ 20
سەن ئۇلاردىن قورقماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر؛ ئۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بىر ئىلاھدۇر. 21
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن پەيدىنپەي ھەيدەيدۇ؛ سەن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىۋېتەلمەيسەن؛ بىراقلا يوقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دالادىكى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن. 22
لېكىن ئالدىڭغا ئىلگىرىلەپ ماڭغىنىڭدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، يوقىتىلغۇچە دەككە-دۈككىگە سالىدۇ. 23
ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاسمان ئاستىدىن يوق قىلىسەن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ھېچبىر ئادەم ئالدىڭدا تۇرالمايدۇ. 24
سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر. 25
سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلمە؛ بولمىسا سەن ئۇنىڭغا ئوخشاش لەنەتلىك نەرسە بولۇپ قالىسەن؛ سەن ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەن، ئۇنىڭغا مۇتلەق نەپرەتلەن؛ چۈنكى ئۇ لەنەتلىك بىر نەرسىدۇر. 26

< قانۇن‭ ‬شەرھى 7 >