< قانۇن‭ ‬شەرھى 5 >

شۇنىڭ بىلەن مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى ئىسرائىل، مەن بۈگۈن قۇلاقلىرىڭلارغا ئاڭلىتىۋاتقان بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! 1
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىز بىلەن ھورەب تېغىدا ئەھدە تۈزدى. 2
بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەمەس، بەلكى بىز بىلەن، يەنى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك قالغان بىزلەر بىلەن تۈزدى. 3
تاغدا ئوت ئىچىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەنىدى 4
(شۇ چاغدا سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلاش ئۈچۈن مەن سىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانىدىم؛ سىلەر ئوتنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، تاغقا چىقىشنى خالىمىدىڭلار). 5
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن. 6
سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. 7
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما؛ 8
سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن. 9
ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. 10
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ. 11
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇت، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. 12
ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ 13
لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر. سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ، مەيلى ئېشىكىڭ، مەيلى ھەرقانداق باشقا ئۇلىغىڭ، ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇلۇڭ ۋە دېدىكىڭ سەندەك ئارام ئالالايدۇ. 14
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سېنى شۇ يەردىن چىقارغانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا شابات كۈنىنى تۇتۇشنى ئەمر قىلغان. 15
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ھالىڭ ياخشى بولىدۇ. 16
قاتىللىق قىلما. 17
ھەم زىنا قىلما. 18
ھەم ئوغرىلىق قىلما. 19
ھەم قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. 20
ھەم قوشناڭنىڭ ئايالىنى تەمە قىلما ۋە نە ئۇنىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ ئېتىزى، ئۇنىڭ قۇلى، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئېشىكىگە ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما». 21
ــ بۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار تاغدا، ئوت، بۇلۇت ۋە سۈرلۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن سىلەرنىڭ پۈتكۈل جامائىتىڭلارغا ئېيتقان ۋە ئۇلارغا ھېچ باشقا [سۆزلەرنى] قوشمىغان؛ ئۇ ئۇلارنى ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈپ ماڭا تاپشۇردى. 22
ۋە شۇنداق بولدىكى، قاراڭغۇلۇقتىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ۋە ئوتلۇق تاغ كۆيگىنىدە سىلەر، يەنى قەبىلە باشلىقلىرىڭلار ۋە ئاقساقاللىرىڭلار يېنىمغا كېلىپ: ــ 23
«مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى ۋە بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئوت ئوتتۇرىسىدىن ئاڭلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ئىنسانلار بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق. 24
ئەمدى بىز جېنىمىزغا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى مۇشۇ دەھشەتلىك ئوت بىزنى يۇتۇۋېتىدۇ. ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋەرسەك ئۆلۈپ كېتىمىز. 25
چۈنكى ئەت ئىگىلىرىدىن ھايات ئىگىسى خۇدانىڭ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىزدەك تىرىك تۇرۇۋاتقانلاردىن كىم بار؟ 26
سەن ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغىن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ساڭا سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىمىز» ــ دېدىڭلار. 27
پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ بۇ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرى دۇرۇستۇر. 28
كاشكى ئۇلاردا مەندىن قورقۇپ، ئەمرلىرىمنى ئىزچىل تۇتىدىغان بىر قەلب بولسىدى، ئۇلارنىڭ ھالى ۋە بالىلىرىڭنىڭ ھالى مەڭگۈگە ياخشى بولاتتى! 29
سەن بېرىپ ئۇلارغا: «چېدىرىڭلارغا قايتىڭلار» ــ دېگىن. 30
سەن بولساڭ يېنىمدا تۇرغىن؛ مەن سېنىڭ ئۇلارغا ئۆگىتىشىڭ كېرەك بولغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەۋەلىك قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا تۇرۇپ بۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولىدۇ. 31
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغاندەك قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭدىن ئوڭ ۋە سولغا تايماڭلار! 32
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق يوللىرىدا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھاياتلىق تېپىپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان زېمىندا تۇرۇپ كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ». 33

< قانۇن‭ ‬شەرھى 5 >