< قانۇن‭ ‬شەرھى 4 >

ــ ئەمدى، ئى ئىسرائىل، مەن سىلەرگە ئۆگىتىدىغان مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار ھاياتلىق تاپىسىلەر ۋە شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە تەقسىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. 1
مەن سىلەرگە تاپشۇرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان سۆزگە ھېچنېمىنى قوشماڭلار ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى چىقىرىۋەتمەڭلار. 2
سىلەر ئۆز كۆزلىرڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بائال-پېئورنىڭ تۈپەيلىدىن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەنسىلەر؛ چۈنكى بائال-پېئورغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاراڭلاردىن يوقاتتى؛ 3
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چىڭ باغلانغانلاردىن ھەربىرىڭلار بۈگۈنگە قەدەر ھايات تۇرۇۋاتىسىلەر. 4
مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ئەمر قىلغاندەك، كىرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەل قىلسۇن دەپ سىلەرگە بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتىم. 5
سىلەر ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىڭلار؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭلار بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ دانا ۋە يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەنلىكىڭلار ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۇلار دەرۋەقە: «بۇ ئۇلۇغ ئەل دەرھەقىقەت دانا ھەم يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەن» ــ دەيدۇ. 6
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۇنىڭغا نىدا قىلغان ھەربىر تىلەكلىرىمىزدە بىزگە يېقىن تۇرغىنىدەك، ئۆزىگە يېقىن تۇرغان بىر خۇداسى بولغان بىزگە ئوخشاش باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟ 7
مەن ئالدىڭلارغا قويغان مۇشۇ پۈتكۈل قانۇندىكىدەك ئادىل بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئىگە بولغان سىلەردەك باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟ 8
ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، ھەتتا ئۆمرۈڭلارنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە قەلبىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار ۋە ئىخلاسلىق بىلەن قەلبىڭلارنى [ئېزىشتىن] ساقلاڭلار؛ شۇنىڭدەك سىلەر كۆرگىنىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىغا يەتكۈزۈڭلار؛ 9
سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن يېنىمغا يىغقىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆزلىرىمنى ئۆگىنىپ، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىدۇ ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ» ــ دېگەنىدى. 10
سىلەر يېقىن كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردۇڭلار؛ بۇ تاغنىڭ ئوتى ئاسمانلارنىڭ باغرىغىچە كۆيۈپ يەتتى، ھەمدە قاراڭغۇلۇق، بۇلۇتلار ۋە سۈر تاغنى قاپلىدى؛ 11
پەرۋەردىگار ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى؛ سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ھېچ شەكىلنى كۆرمىدىڭلار؛ سىلەر پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار. 12
ۋە ئۇ شۇ چاغدا سىلەرگە ئەمر قىلغان ئەھدىسىنى، يەنى «ئون ئەمر»نى ئايان قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىككى تاش تاختاي ئۈستىگە پۈتتى. 13
ۋە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلىپ، سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا ئۇلارنى ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگىتىشنى تاپىلىدى. 14
ئۆزۈڭلارغا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىڭلاركى (چۈنكى پەرۋەردىگار ھورەب تېغىدا ئوت ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلغاندا ھېچقانداق شەكىلنى كۆرمىگەنسىلەر)، 15
ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، مەيلى ئەركەك ياكى ئايال سۈرىتىدە، مەيلى يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق ھايۋان ياكى ئاسماندا ئۇچىدىغان ھەرقانداق قۇش بولسۇن، مەيلى يەر يۈزىدە ھەرقانداق ئۆمىلىگۈچى ھايۋان ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردىكى ھەرقانداق بېلىق بولسۇن، ئۇلارنىڭ سۈرىتىدە ھېچقانداق شەكىل-قىياپەتتىكى ئويما بۇتنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياسىماڭلار، 16
17
18
ياكى شۇنىڭدەك، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا قاراپ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، يەنى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇننى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭلار مايىل بولۇپ ئۇلارغا باش ئېگىپ قۇللۇقىغا كىرمەڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان. 19
لېكىن سىلەرنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆز مىراسى بولغان بىر خەلق بولۇشۇڭلار ئۈچۈن «تۆمۈر تاۋلاش خۇمدانى»دىن، يەنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 20
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن ماڭا غەزەپلىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئاتا قىلىدىغان ياخشى زېمىن توغرىسىدا: ــ «سەن شۇ يەرگە كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن» دەپ قەسەم قىلدى. 21
شۇڭا مەن مۇشۇ زېمىندا ئۆلۈشۈم مۇقەررەر؛ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيمەن؛ بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شۇ ياخشى زېمىننى ئىگىلەيسىلەر. 22
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، شۇنداقلا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مەنئى قىلغان ئويما بۇتنى ياكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ شەكىل-قىياپىتىنى ياسىماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار. 23
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ھەممىنى يۇتقۇچى بىر ئوت، ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر خۇدادۇر. 24
سىلەر پەرزەنتلەر، پەرزەنتىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرۈپ، زېمىندا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، بىرخىل شەكىل-قىياپەتتە بولغان ئويما بۇتنى ياسىغان، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى رەنجىتىپ ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بولساڭلار، 25
مەن ئاسمان-زېمىننى ئۈستۈڭلارغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەن، سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىگىلەيدىغان شۇ زېمىندىن تېزلا پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدا ياشىغان كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولمايدۇ، سىلەر بەلكى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. 26
پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىغا تارقىتىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى ھەيدىشى بىلەن سىلەر شۇ ئەللەر ئارىسىدا كىچىك بىر قالدۇق بولىسىلەر. 27
سىلەر شۇ يەرلەردە تۇرۇپ ياغاچتىن ياكى تاشتىن ياسالغان، نە كۆرەلمەيدىغان، نە ئاڭلىيالمايدىغان، نە يېمەيدىغان، نە پۇرالمايدىغان، پەقەت ئىنساننىڭ قولىنىڭ ياسىغىنى بولغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر. 28
سىلەر شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئىزدەيسىلەر؛ پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇنى تاپىسىلەر. 29
سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقىنىڭلاردا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا يېنىپ كېلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىسىلەر. 30
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار رەھىمدىل بىر خۇدادۇر؛ ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، نە ھالاك قىلمايدۇ، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم ئىچىپ تۈزگەن ئەھدىسىنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ. 31
ئەمدى، سىلەردىن ئىلگىرى، خۇدا ئىنساننى يەر يۈزىدە ياراتقان كۈنىدىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلەر توغرۇلۇق سۈرۈشتە قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە سۈرۈشتە قىلىڭلاركى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ 32
سىلەرگە ئوخشاش، خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن چىققان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىرىك قالغان باشقا بىر خەلق بارمۇ؟ 33
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدا قىلغانلىرىدەك، قىيىن سىناقلار بىلەن، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن، كارامەتلەر بىلەن، ئۇرۇش بىلەن، كۈچلۈك قول ھەم ئۇزىتىلغان بىلەك بىلەن ۋە دەھشەتلىك ۋەھىمىلەر بىلەن سىلەردىن باشقا بىر خەلقنى يات بىر ئەلنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ ئۆزىگە خاس قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟ 34
پەرۋەردىگارلا خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسى يوقتۇر، دەپ بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بۇ [ئۇلۇغ] ئىشلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىنغانسىلەر. 35
سىلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاسمانلاردىن سىلەرگە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتتى؛ ئۇ يەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئوتىنى كۆرسەتتى؛ سىلەر شۇ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىنمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار. 36
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا باغلىغان مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن ھەمدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىلەرنى مىسىردىن شەخسەن ئۆزى زور قۇدرىتى بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقاردى؛ 37
ئۇ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۆزۈڭلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ، سىلەرنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك سىلەرگە مىراس قىلىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلغاندۇر. 38
شۇڭا بۈگۈن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى ۋە كۆڭلۈڭلارنى شۇنىڭغا بۆلۈڭلاركى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدىكى ئاسمانلاردا بولسۇن، ئاستىدىكى يەر-زېمىندا بولسۇن خۇدادۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىرى يوقتۇر. 39
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋە كېيىنكى بالىلار-ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىندا كۈنلىرىڭلارنى ئۇزۇن، ھەتتا مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار». 40
ئاندىن مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ بېكىتتى؛ 41
مەقسىتى، ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى بولماي، تاسادىپىي قوشنىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۆلتۈرگەن كىشى شۇ يەرلەرگە، يەنى شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىپ ئامان-ئېسەن قېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. 42
بۇ شەھەرلەر بولسا: ــ رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىدىن چۆل-باياۋاندىكى بەزەر، گادلارنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموت، ماناسسەھلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاندىن ئىبارەت ئىدى. 43
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا قويغان قانۇن مانا تۆۋەندىكىدەك: ــ 44
(بۇلار بولسا ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۇلارغا جاكارلىغان ئاگاھ-گۇۋاھلار، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر؛ 45
مۇسا ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا ئامورىيلارنىڭ ھەشبون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگەنىدى؛ مۇسا بۇ ئەمرلەرنى سىھوننىڭ زېمىنىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا ئىسرائىللارغا جاكارلىغان. 46
شۇ چاغدا ئىسرائىللار [سىھوننىڭ] ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ زېمىنىنىمۇ ئىگىلىگەنىدى؛ 47
ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ سىئون (يەنى ھەرمون) تېغىغىچە، 48
شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پۈتكۈل ئاراباھ تۈزلەڭلىكى ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان «تۈزلەڭلىكتىكى دېڭىز»غىچە ئىدى). 49

< قانۇن‭ ‬شەرھى 4 >