< قانۇن‭ ‬شەرھى 33 >

خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىسرائىللارنى بەرىكەتلەشكە تىلىگەن بەخت-تىلەكلىرى مۇنۇلار: ــ 1
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىدىن كېلىپ، سېئىردىن چىقىپ [ئىسرائىل] ئۈستىگە پارلىدى؛ پاران تېغىدىن پەيدا بولۇپ چاقنىدى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كەلدى؛ ئوڭ قولىدىن ئىسرائىلغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى. 2
دەرھەقىقەت، ئۇ خەلقنى سۆيىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىڭ قولۇڭدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايىغىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سۆزلىرىڭگە مۇيەسسەر بولىدۇ. 3
مۇسا بىزگە بىر قانۇن بۇيرۇپ، بۇنى ياقۇپنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى؛ 4
خەلقنىڭ سەردارلىرى جەم بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلغاندا، ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى. 5
«رۇبەن بولسا، ئادەملىرى ئۆلۈپ كەتمەي، ھايات تۇرسۇن؛ ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاز بولمىسۇن». 6
[مۇسا]نىڭ يەھۇدا توغرىسىدا تىلىگەن بەختى مۇنداق: ــ «يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن؛ ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن؛ ئەمدى ئۆزىنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇنىڭغا مەدەت بولغايسەن». 7
ئۇ لاۋىي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «سېنىڭ ئۇرىم ۋە تۇممىم تاشلىرىڭ سېنىڭ بۇ مۇقەددەس بەندەڭگە تاپشۇرۇلغان؛ سەن ئۇنى ماسساھدا سىنىدىڭ، مەرىباھنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاشتىڭ. 8
ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: «ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن»، دەپ ئېيتتى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ئۆز بالىلىرىنىمۇ تونۇشنى خالىماي، بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى. 9
مانا، [لاۋىيلار] ياقۇپقا ھۆكۈملىرىڭنى ئۇقتۇرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلغا قانۇنۇڭنى ئۆگىتىدۇ؛ ئۇلار دىمىغىڭغا خۇشبۇينى سۇنىدۇ، قۇربانگاھىڭغا پۈتۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. 10
ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىنى بەرىكەتلىگەيسەن، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرى سېنى خۇش قىلغۇدەك بولغاي، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلەر بولسا، ئۇلارنى قوپالمىغۇدەك ھالدا بەللىرىنى سۇندۇرغايسەن!» 11
ئۇ بىنيامىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگىنى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىخەتەر ماكان قىلىدۇ، پەرۋەردىگار سايە بولۇپ پۈتۈن كۈن ئۇنى ساقلايدۇ، ئۇ ئۇنى مۈرىسى ئوتتۇرىسىدا ماكانلاشتۇرىدۇ» 12
يۈسۈپ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئۇنىڭ زېمىنى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەرىكەتلىك بولغاي! ئاسمانلارنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، شەبنەم بىلەن، يەر تېگىدىكى نېمەتلىرى بىلەن، 13
كۈندىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بىلەن، ئايدىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، 14
قەدىمكى تاغلارنىڭ ئالىي نېمەتلىرى بىلەن، مەڭگۈلۈك دۆڭلەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، 15
يەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلىرى بىلەن، ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زاتنىڭ شاپائىتى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن! بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ چوققىسىغا چۈشسۇن. 16
ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۈسىدۇ. مانا ئەفرائىمنىڭ تۈمەنلىگەن ئادەملىرى، ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ». 17
زەبۇلۇن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي زەبۇلۇن، سەن چىققىنىڭدا شادلانغىن؛ ئەي سەن ئىسساكار، ئۆز چېدىرلىرىڭدا خۇش بولغىن! 18
مانا ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىدۇ، شۇ يەردە ئۇلار ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىكى مول دۆلەتلەرنى، قۇمغا كۆمۈلگەن گۆھەرلەرنى سۈمۈرۈپ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ». 19
گاد توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «گادنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكۈچىگە بەخت-بەرىكەت بولغاي؛ گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ؛ 20
شۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى؛ چۈنكى شۇ يەردىمۇ ئۇ ھۆكۈم بېكىتكۈچىنىڭ ئۈلۈشى بولغان جاي ساقلاقلىقتۇر؛ ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى بىلەن ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزدى». 21
دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «دان بولسا ياش بىر شىردۇر؛ ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ». 22
نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي نافتالى، ئىلتىپاتقا تويۇنغانسەن، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بەخت-بەرىكەتكە تولۇپ، مەغرىپ بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن». 23
ئاشىر توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئاشىر ئوغۇللار بىلەن بەرىكەتلىنىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىلتىپات كۆرسۇن؛ پۇتى مايغا چىلانسۇن. 24
دەرۋازا بالداقلىرىڭ تۆمۈر بىلەن مىستىن بولىدۇ؛ كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچۈڭمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭ بولىدۇ». 25
«ــ ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇ ساڭا ياردەمگە ئاسمانلار ئۈستىگە، زور ھەيۋىسى بىلەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە مىنىپ كېلىدۇ. 26
ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر، ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: ــ «ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ [ساڭا] بۇيرۇيدۇ. 27
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاشلىق بىلەن يېڭى شاراب مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ، ياقۇپنىڭ بۇلىقى ئوخشاشلا ئامان-ئېسەن بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاسمانلىرىمۇ شەبنەم تېمىتىپ تۇرىدۇ. 28
بەختلىكسەن، ئى ئىسرائىل! سەندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى قۇتقۇزغان خەلقتىن يەنە كىم بار؟ ئۇ بولسا سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ، ھەيۋەتلىك قىلىچىڭدۇر! سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا زەئىپلىشىپ بويسۇنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدا دەسسەپ ماڭىسەن». 29

< قانۇن‭ ‬شەرھى 33 >