< قانۇن‭ ‬شەرھى 32 >

«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئاسمانلار، مەن سۆزلەي؛ ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! 1
Внимай, небо, я буду говорить; и слушай, земля, слова уст моих.
تەلىمىم بولسا يامغۇردەك ياغىدۇ، سۆزلىرىم شەبنەمدەك تامىدۇ، يۇمران ئوت-چۆپ ئۈستىگە چۈشكەن سىم-سىم يامغۇردەك، كۆكزارلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن خاسىيەتلىك يامغۇردەك بولىدۇ. 2
Польется как дождь учение мое, как роса речь моя, как мелкий дождь на зелень, как ливень на траву.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بايان قىلىمەن؛ ئەمدى خۇدايىمىزنى ئۇلۇغ دەپ جاكارلاڭلار! 3
Имя Господа прославляю; воздайте славу Богу нашему.
ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ئەمەللىرى مۇكەممەلدۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى ھەققانىيدۇر. ئۇ ناھەقلىقى يوق، ۋاپادار بىر خۇدا، ئادىل ۋە دىيانەتلىكتۇر. 4
Он твердыня; совершенны дела Его, и все пути Его праведны; Бог верен, и нет неправды в Нем; Он праведен и истинен;
ئەمما [ئۆز خەلقى] ئۇنىڭغا بۇزۇقلۇق قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭكىدەك بولمىدى ــ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەيىبىدۇر! ئۇلار ئەگرى ۋە ئىپلاس بىر نەسىلدۇر! 5
но они развратились пред Ним, они не дети Его по своим порокам, род строптивый и развращенный.
ئەي ئەخمەق ۋە نادان خەلق، پەرۋەردىگارنىڭ ياخشىلىقىنى شۇنداق ياندۇرامسەن؟ ئۇ سېنى بەدەل تۆلەپ ھۆر قىلغان ئاتاڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى يارىتىپ، سېنى تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ 6
Сие ли воздаете вы Господу, народ глупый и несмысленный? не Он ли Отец твой, Который усвоил тебя, создал тебя и устроил тебя?
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئالغىن، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆتكەن يىللارنى ئويلىغىن؛ ئاتاڭدىن سورا، ئۇ ساڭا دەپ بېرىدۇ؛ ئاقساقاللىرىڭغا سوئال قوي، ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. 7
Вспомни дни древние, помысли о летах прежних родов; спроси отца твоего, и он возвестит тебе, старцев твоих, и они скажут тебе.
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئەللەرنىڭ ئۈلۈشىنى ئۇلارغا ئۈلەشتۈرگەندە، ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر-بىرىدىن بۆلگىنىدە، ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرىلىرىنى ئىسرائىل بالىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتكەن. 8
Когда Всевышний давал уделы народам и расселял сынов человеческих, тогда поставил пределы народов по числу сынов Израилевых;
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نېسىۋىسى بولسا ئۇنىڭغا خاس بولغان خەلقىدۇر؛ ياقۇپ خۇددى چەك تاشلىنىپ چىققاندەك، ئۇنىڭ مىراسىدۇر. 9
ибо часть Господа народ Его, Иаков наследственный удел Его.
ئۇ ئۇنى چۆل بىر زېمىندا، شامال ھۇۋلايدىغان دەھشەتلىك بىر باياۋاندا ئۇنى تاپتى؛ ئۇنى ئوراپ ئەتراپىدا قوغداپ تۇردى، ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلىدى؛ 10
Он нашел его в пустыне, в степи печальной и дикой, ограждал его, смотрел за ним, хранил его, как зеницу ока Своего;
خۇددى بۈركۈت ئۆز چاڭگىسىنى تەۋرىتىپ، بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، قاناتلىرىنى يېيىپ ئۇلارنى پەيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگىنىدەك، 11
как орел вызывает гнездо свое, носится над птенцами своими, распростирает крылья свои, берет их и носит их на перьях своих,
پەرۋەردىگارمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يالغۇز يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھېچقانداق يات ئىلاھ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى. 12
так Господь один водил его, и не было с Ним чужого бога.
ئۇ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ ئېگىز جايلىرىغا مىندۈردى، ۋە ئۇ ئېتىزلىقنىڭ مەھسۇلاتىدىن يېدى، ئۇ ئۇنىڭغا قىيا تاشتىن ھەسەل شورىتىپ، چاقماق تېشىدىن زەيتۇن مېيى شوراتتى؛ 13
Он вознес его на высоту земли и кормил произведениями полей, и питал его медом из камня и елеем из твердой скалы,
ساڭا كالا قايمىقى بىلەن قوي سۈتىنى ئىچكۈزۈپ، قوزىلارنىڭ يېغىنى، باشاندىكى قوچقارلار ۋە تېكىلەرنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈپ، ئېسىل بۇغداينىڭ ئېسىل دانلىرىدىن يېگۈزدى، سەن بولساڭ ئۈزۈم قېنى بولغان ساپ شارابنى ئىچتىڭ. 14
маслом коровьим и молоком овечьим, и туком агнцев и овнов Васанских и козлов, и тучною пшеницею, и ты пил вино, кровь виноградных ягод.
لېكىن يەشۇرۇن سەمرىپ تەپكەك بولۇپ قالدى؛ بەرھەق، سەن سەمرىپ كەتتىڭ، بوردىلىپ كەتتىڭ، تويۇنۇپ كەتتىڭ! ئۇ ئۆزىنى ياراتقان تەڭرىنى تاشلاپ، ئۆز نىجاتىنىڭ قورام تېشىنى كۆزگە ئىلمىدى. 15
И ел Иаков, и утучнел Израиль, и стал упрям; утучнел, отолстел и разжирел; и оставил он Бога, создавшего его, и презрел твердыню спасения своего.
ئۇلار بولسا يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىنى قوزغىدى، يىرگىنچلىك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 16
Богами чуждыми они раздражили Его и мерзостями своими разгневали Его:
ئۇلار ئىگە-تەڭرىسى ئەمەس جىنلارغا، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىلاھلارغا، ئاتا-بوۋىلىرىمۇ قورقمايدىغان، يېڭى پەيدا بولۇپ قالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى. 17
приносили жертвы бесам, а не Богу, богам, которых они не знали, новым, которые пришли от соседей и о которых не помышляли отцы ваши.
سەن ئۆزۈڭنى تۆرەلدۈرگەن قورام تاشنى كۆڭلۈڭدىن چىقاردىڭ، سېنى ئاپىرىدە قىلغان تەڭرىنى ئۇنتۇدۇڭ. 18
А Заступника, родившего тебя, ты забыл, и не помнил Бога, создавшего тебя.
پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنىدىن، ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ 19
Господь увидел и вознегодовал, и в негодовании пренебрег сынов Своих и дочерей Своих,
«مەن ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ باقاي؛ چۈنكى ئۇلار ئىپلاس بىر نەسىلدۇر، قەلبىدە ۋاپادارلىقى يوق بالىلاردۇر. 20
и сказал: сокрою лице Мое от них и увижу, какой будет конец их; ибо они род развращенный; дети, в которых нет верности;
ئىگە-تەڭرىسى ئەمەسلەر بىلەن ھەسىتىمنى كەلتۈردى، ئەرزىمەس مەبۇدلىرى بىلەن قەھرىمنى قوزغىدى؛ شۇڭا «ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن، نادان بىر ئەل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىمەن. 21
они раздражили Меня не богом, суетными своими огорчили Меня: и Я раздражу их не народом, народом бессмысленным огорчу их;
چۈنكى مېنىڭ غەزىپىمدىن بىر ئوت تۇتاشتى؛ ئۇ تەھتىسارانىڭ تېگىگىچە كۆيۈپ بارىدۇ، ئۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يەپ كېتىدۇ، ۋە تاغلارنىڭ ئۇللىرىنىمۇ تۇتاشتۇرىدۇ. (Sheol h7585) 22
ибо огонь возгорелся во гневе Моем, жжет до ада преисподнего, и поядает землю и произведения ее, и попаляет основания гор; (Sheol h7585)
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بالايىئاپەتلەرنى دۆۋىلەيمەن؛ يا-ئوقلىرىمنى بىرنى قويماي ئۇلارغا ئاتىمەن. 23
соберу на них бедствия и истощу на них стрелы Мои:
ئۇلار ئاچارچىلىقتىن يېگىلەپ كېتىدۇ، تومۇز ئىسسىق ۋە ۋابانىڭ نەشتەرلىرى تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلارغا قارشى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ چىشلىرىنى، توپىدا ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ زەھىرىنى ئەۋەتىمەن. 24
будут истощены голодом, истреблены горячкою и лютою заразою; и пошлю на них зубы зверей и яд ползающих по земле;
تاشقىرىدا قىلىچ ئۇلارنى مۇسىبەتكە سالىدۇ، ئىچكىرىدە ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئۇ يىگىت بىلەن قىزنى، ئەمچەكتىكى بالا بىلەن ئاق چاچلىقنى ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. 25
извне будет губить их меч, а в домах ужас - и юношу, и девицу, и грудного младенца, и покрытого сединою старца.
مەن: «ئۇلارنى چېپىۋېتىمەن، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆچۈرىمەن» ــ دەيتتىم، 26
Я сказал бы: рассею их и изглажу из среды людей память о них;
بىراق دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقتۇم؛ ئىسرائىلنىڭ رەقىبلىرى بۇ ئىشنى خاتا چۈشىنىپ: ــ بۇ ئىش بىزنىڭ قولىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولغان بولسا كېرەك، پەرۋەردىگار بۇنى ھېچ قىلمىدى» دېمىسۇن دەپ، [بۇ ئىشنى قىلمىدىم]. 27
но отложил это ради озлобления врагов, чтобы враги его не возомнили и не сказали: наша рука высока, и не Господь сделал все сие.
ئىسرائىل نەسىھەتتىن مەھرۇم بولغان بىر ئەل، ئۇلارنىڭ ھېچ ئەقىل-پەمى يوقتۇر. 28
Ибо они народ, потерявший рассудок, и нет в них смысла.
ئاھ، ئۇلار دانا بولسىدى! شۇنداق بولسا بۇنى چۈشىنىپ، ئۆز ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغىنىنى ئويلايتتى! 29
О, если бы они рассудили, подумали о сем, уразумели, что с ними будет!
ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى [دۈشمەنلىرىگە] تاشلاپ بەرمىگەن بولسا، بىر كىشى قانداقمۇ مىڭ كىشىنى ئۆز ئالدىدىن ھەيدىيەلەيتتى؟، ئىككى كىشى قانداقمۇ ئون مىڭ كىشىنى قاچۇرالايتتى؟ 30
Как бы мог один преследовать тысячу и двое прогонять тьму, если бы Заступник их не предал их, и Господь не отдал их!
چۈنكى باشقىلارنىڭ قورام تېشى بولسا بىزنىڭ قورام تېشىمىزدەك ئەمەستۇر. بۇنىڭغا دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بەرسۇن! 31
Ибо заступник их не таков, как наш Заступник; сами враги наши судьи в том.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تېلى سودومنىڭ ئۈزۈم تېلىدىن، گوموررانىڭ ئېتىزلىقلىرىدىن چىققاندۇر؛ ئۈزۈملىرى زەھەرلىك ئۈزۈملەردۇر، ئۇلارنىڭ ھەربىر ساپىقى ئاچچىقتۇر، 32
Ибо виноград их от виноградной лозы Содомской и с полей Гоморрских; ягоды их ягоды ядовитые, грозды их горькие;
شارابى بولسا ئەجدىھالارنىڭ زەھىرىدۇر، كوبرالارنىڭ ئەجەللىك زەھىرىدۇر. 33
вино их яд драконов и гибельная отрава аспидов.
[پەرۋەردىگار]: «بۇلارنىڭ [ھەممىسى] مېنىڭكىدە ساقلاقلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆز خەزىنىلىرىمدە مۆھۈرلەنگەن ئەمەسمۇ؟ 34
Не сокрыто ли это у Меня? не запечатано ли в хранилищах Моих?
ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىقنى قايتۇرۇشمۇ شۇنداق، بۇلار ئۇلار پۇتلىشىدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاقلىق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بالايىئاپەتلىك كۈنى يېقىنلاشماقتا، ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار بولسا تېز كېلىۋاتىدۇ. 35
У Меня отмщение и воздаяние, когда поколеблется нога их; ибо близок день погибели их, скоро наступит уготованное для них.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۈچى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ [ئازىيىپ]، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپلەرنىڭمۇ قالمىغىنىنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۆز بەندىلىرىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. 36
Но Господь будет судить народ Свой и над рабами Своими умилосердится, когда Он увидит, что рука их ослабела, и не стало ни заключенных, ни оставшихся вне.
ئۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قېنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى؟ ئۆزىگە تايانچ قىلغان قورام تېشى ئەمدى قەيەردىدۇر؟ 37
Тогда скажет Господь: где боги их, твердыня, на которую они надеялись,
ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغىنى يېگەن، ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرىدىكى شارابىنى ئىچكەنلەر قەيەرگە كەتتى؟ ئەمدى ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، پاناھىڭلار بولسۇن! 38
которые ели тук жертв их и пили вино возлияний их? пусть они восстанут и помогут вам, пусть будут для вас покровом!
ئەمدى مەن ئۆزۈم، پەقەت مەنلا «شۇ»دۇرمەن، ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار. مەن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىمەن، زەخىملەندۈرۈپ ساقايتىمەن؛ ۋە ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 39
Видите ныне, видите, что это Я, Я - и нет Бога, кроме Меня: Я умерщвляю и оживляю, Я поражаю и Я исцеляю, и никто не избавит от руки Моей.
چۈنكى مەن قولۇمنى ئاسمانلارغا كۆتۈرۈپ: ــ «ئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن» دەپ ئېيتىپ، 40
Я подъемлю к небесам руку Мою и клянусь десницею Моею и говорю: живу Я вовек!
چاقناپ تۇرىدىغان قىلىچىمنى ئىتتىك قىلىمەن، مېنىڭ قولۇم ئادالەتنى قورال قىلىپ تۇتىدۇ، دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن، مەندىن نەپرەتلەنگۈچىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇلارغا ياندۇرىمەن! 41
Когда изострю сверкающий меч Мой, и рука Моя приимет суд, то отмщу врагам Моим и ненавидящим Меня воздам;
مەن يا ئوقلىرىمنى قان ئىچكۈزۈپ مەست قىلىمەن، مېنىڭ قىلىچىم گۆش يەيدۇ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن ئەسىرلەرنىڭ قېنىنى، دۈشمەننىڭ سەردارلىرىنىڭ باشلىرىنى يەپ-ئىچىدىغان قىلىمەن». 42
упою стрелы Мои кровью, и меч Мой насытится плотью, кровью убитых и пленных, головами начальников врага.
ئەي ئەللەر، ئۇنىڭ خەلقى بىلەن بىللە شادلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز بەندىلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قىساس ياندۇرىدۇ، ئۆز زېمىنى بىلەن خەلقى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىدۇ». 43
Веселитесь, небеса, вместе с Ним, и поклонитесь Ему, все Ангелы Божии. Веселитесь, язычники, с народом Его и да укрепятся все сыны Божии! ибо Он отмстит за кровь рабов Своих, и воздаст мщение врагам Своим, и ненавидящим Его воздаст, и очистит Господь землю Свою и народ Свой!
ئەمدى مۇسا بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كېلىپ بۇ غەزەلنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردى. 44
И написал Моисей песнь сию в тот день, и научил ей сынов Израилевых. И пришел Моисей к народу и изрек все слова песни сей вслух народа, он и Иисус, сын Навин.
ئاندىن مۇسا بۇ ھەممە سۆزلەرنى بارلىق ئىسرائىل ئالدىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ 45
Когда Моисей изрек все слова сии всему Израилю,
ئۇلارغا سۆز قىلىپ: «مەن بۈگۈن ئوتتۇراڭلاردا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ بارلىق سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ سىلەر بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا تاپىلاپ: «بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇشۇڭلار كېرەك. 46
тогда сказал им: положите на сердце ваше все слова, которые я объявил вам сегодня, и завещевайте их детям своим, чтобы они старались исполнять все слова закона сего;
چۈنكى بۇ سۆز سىلەرگە مۇناسىۋەتسىز، قۇرۇق سۆز ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر! سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ زېمىندا بۇ سۆز ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر» ــ دېدى. 47
ибо это не пустое для вас, но это жизнь ваша, и чрез это вы долгое время пробудете на той земле, в которую вы идете чрез Иордан, чтоб овладеть ею.
يەنە شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 48
И говорил Господь Моисею в тот же самый день и сказал:
سەن ئۇشبۇ ئابارىم تېغىغا، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىدىكى، موئابنىڭ زېمىنىدىكى نېبو تېغىغا چىققىن ۋە شۇ يەردە مەن ئىسرائىللارغا ئۆز تەۋەلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىدىغان قانائان زېمىنىنى كۆرگىن. 49
взойди на сию гору Аварим, на гору Нево, которая в земле Моавитской, против Иерихона, и посмотри на землю Ханаанскую, которую я даю во владение сынам Израилевым;
ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلۈپ ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلغاندەك، سەنمۇ چىقىدىغان شۇ تاغدا ئۆلۈپ خەلقلىرىڭگە قوشۇلغىن؛ 50
и умри на горе, на которую ты взойдешь, и приложись к народу твоему, как умер Аарон, брат твой, на горе Ор, и приложился к народу своему,
چۈنكى سىلەر زىن چۆلىدىكى مەرىباھ-قادەشنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئىككىڭلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ۋاپاسىزلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مېنى «مۇقەددەس» دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار. 51
за то, что вы согрешили против Меня среди сынов Израилевых при водах Меривы в Кадесе, в пустыне Син, за то, что не явили святости Моей среди сынов Израилевых;
شۇڭا سەن ئىسرائىللارغا بېرىدىغان شۇ زېمىننى ئۇدۇلۇڭدا كۆرىسەن، لېكىن ئۇنىڭغا كىرەلمەيسەن. 52
пред собою ты увидишь землю, а не войдешь туда, в землю, которую Я даю сынам Израилевым.

< قانۇن‭ ‬شەرھى 32 >