< قانۇن‭ ‬شەرھى 30 >

ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بارلىق ئىشلار، يەنى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا قويغان بۇ بەرىكەت بىلەن لەنەت بېشىڭغا چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھەيدىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ بۇلارنى ئېسىڭگە ئېلىپ كۆڭۈل بۆلۈپ، 1
ئۆزۈڭ ۋە بالىلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا يېنىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن ساڭا ئەمر قىلغان بارلىق ئىشلارغا پۈتۈن قەلبىڭ ۋە پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئىتائەت قىلساڭ، 2
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ، ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ھەيدىۋەتكەن ئەللەردىن يىغىپ كېلىدۇ. 3
گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ چېتىگىچىمۇ ھەيدىلىپ كەتكەنلەر بولسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن يىغىپ جەم قىلىپ كېلىدۇ. 4
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا كەلتۈرىدۇ ۋە سەن ئۇنى ئىگىلەيسەن؛ ئۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ سانىدىن زىيادە كۆپ قىلىدۇ؛ 5
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن سۆيۈشكە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قەلبىڭنى ۋە نەسىللىرىڭنىڭ قەلبىنى خەتنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھايات ياشايسىلەر. 6
شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ ھەممە لەنەتلەرنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدۇ. 7
سىلەر بولساڭلار يېنىپ كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ھەممە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىسىلەر. 8
شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قوللىرىڭلارنىڭ ھەممە ئىشىدا، بەدىنىڭلارنىڭ مېۋىسىنى، چارپاي ماللىرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنىمۇ ئاۋۇتۇپ سىلەرنى زور ياشنىتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنگەندەك، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنىدۇ. 9
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمرلەر بىلەن بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ تەرىپىگە بۇرۇلساڭلارلا، شۇنداق بولىدۇ. 10
چۈنكى مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلىغان بۇ ئەمر سەن ئۈچۈن كارامەت ئىش ئەمەس ياكى سەندىن يىراقمۇ ئەمەس. 11
بۇ ئەمر ئاسماننىڭ ئۈستىدە ئەمەس، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم ئاسمانغا چىقىپ ئۇنى ئېلىپ چۈشۈپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ؟» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. 12
ۋە شۇنىڭدەك بۇ ئەمر دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ ئەمەستۇر، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. 13
چۈنكى بۇ سۆز بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىڭ ئۈچۈن ساڭا بەك يېقىن، يەنى ئاغزىڭدا ۋە كۆڭلۈڭدە باردۇر. 14
مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلاردا ھايات بىلەن ياخشىلىق، ئۆلۈم بىلەن يامانلىقنى قويدۇم؛ 15
چۈنكى ئۆزۈم ساڭا ھۆكۈم بېرىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىڭلار، دەپ بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىدىم؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ياشاپ ئاۋۇپ، ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلەيدۇ. 16
لېكىن ئەگەر كۆڭلۈڭنى تەتۈر قىلىپ، قۇلاق سالماي ئازدۇرۇلۇپ، باشقا ئىلاھلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇنغىلى تۇرساڭ، 17
مەن شۇنى بۈگۈن سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ھالاك بولماي قالمايسىلەر؛ سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيسىلەر. 18
مەن بۈگۈن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، بەرىكەت بىلەن لەنەتنى ئالدىڭدا قويغىنىمغا ئاسمان بىلەن زېمىننى ئۈستۈڭگە گۇۋاھ بولۇشقا چاقىرىمەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭ ياشاي دېسەڭلار، ھاياتنى تاللىۋال؛ 19
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا باغلانغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا: «مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىسەن». 20

< قانۇن‭ ‬شەرھى 30 >