< قانۇن‭ ‬شەرھى 3 >

ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا بارىدىغان يول بىلەن چىقىپ ماڭدۇق؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە بارلىق خەلقى بىزگە قارشى جەڭ قىلىشقا ئەدرەيگە چىقتى. 1
Then we turned, and went up the way to Bashan. Og the king of Bashan came out against us, he and all his people, to battle at Edrei.
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى، ئۇنىڭ خەلقى ۋە زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ ھەشبوندا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى نېمە قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىسەن» ــ دېدى. 2
Yahweh said to me, “Don’t fear him; for I have delivered him, with all his people and his land, into your hand. You shall do to him as you did to Sihon king of the Amorites, who lived at Heshbon.”
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز دەرۋەقە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ۋە بارلىق خەلقىنى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرماي قىردۇق. 3
So Yahweh our God also delivered into our hand Og, the king of Bashan, and all his people. We struck him until no one was left to him remaining.
شۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدۇق؛ بىز ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىن ئىگىلىمىگەن بىرسىمۇ قالمىدى. بۇلار باشاندىكى ئوگنىڭ پادىشاھلىقى، يەنى پۈتكۈل ئارگوب رايونى بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش شەھەر ئىدى. 4
We took all his cities at that time. There was not a city which we didn’t take from them: sixty cities, all the region of Argob, the kingdom of Og in Bashan.
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز سېپىللار ۋە بالداقلىق قوۋۇقلىرى بىلەن مۇستەھكەم قىلىنغانىدى؛ ئۇلارغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. 5
All these were cities fortified with high walls, gates, and bars, in addition to a great many villages without walls.
بىز ئۇلارنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغىنىمىزدەك تەلتۆكۈس يوقاتتۇق ــ بارلىق شەھەرلەر، ئەرلەر، ئايال-بالىلارنى قويماي ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق. 6
We utterly destroyed them, as we did to Sihon king of Heshbon, utterly destroying every inhabited city, with the women and the little ones.
بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن بارلىق چارۋا-ماللارنى ۋە شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. 7
But all the livestock, and the plunder of the cities, we took for plunder for ourselves.
شۇ چاغدا بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ قولىدىن زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن ھەرمون تېغىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋالدۇق 8
We took the land at that time out of the hand of the two kings of the Amorites who were beyond the Jordan, from the valley of the Arnon to Mount Hermon.
(ھەرمون تېغىنى زىدونىيلار «سىرىئون»، ئامورىيلار «سېنىر» دەپ ئاتايدۇ)؛ 9
(The Sidonians call Hermon Sirion, and the Amorites call it Senir.)
بىز يەنە تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر، پۈتكۈل گىلېئاد ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىدىكى سالىكاھ ۋە ئەدرەي شەھەرلىرىگىچە، باشاننىڭ بارلىق زېمىنىنى ئىگىلىدۇق 10
We took all the cities of the plain, and all Gilead, and all Bashan, to Salecah and Edrei, cities of the kingdom of Og in Bashan.
(شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان). 11
(For only Og king of Bashan remained of the remnant of the Rephaim. Behold, his bedstead was a bedstead of iron. Isn’t it in Rabbah of the children of Ammon? Nine cubits was its length, and four cubits its width, after the cubit of a man.)
بىز شۇ چاغدا ئىگىلىگەن زېمىن مۇنداق: ــ ئارنون دەرياسى يېنىدىكى ئاروئەر شەھىرىدىن تارتىپ، گىلېئاد تاغلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى رۇبەن ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەرگە تەقدىم قىلدىم؛ 12
This land we took in possession at that time: from Aroer, which is by the valley of the Arnon, and half the hill country of Gilead with its cities, I gave to the Reubenites and to the Gadites;
گىلېئادنىڭ قالغان زېمىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى بولغان پۈتكۈل باشاننى مەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە تەقدىم قىلدىم (پۈتكۈل ئارگوب رايونى، يەنى پۈتكۈل باشان «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» دېيىلىدۇ. 13
and the rest of Gilead, and all Bashan, the kingdom of Og, I gave to the half-tribe of Manasseh—all the region of Argob, even all Bashan. (The same is called the land of Rephaim.
ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا). 14
Jair the son of Manasseh took all the region of Argob, to the border of the Geshurites and the Maacathites, and called them, even Bashan, after his own name, Havvoth Jair, to this day.)
گىلېئادنى بولسا مەن ماكىرغا تەقدىم قىلدىم. 15
I gave Gilead to Machir.
رۇبەندىكىلەر ۋە گادتىكىلەرگە مەن گىلېئادتىن ئارنون دەرياسىغىچە (ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسى چېگرا ئىدى)، شۇنداقلا ئاممونىيلارنىڭ چېگراسى بولغان ياببوك دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى تەقدىم قىلدىم؛ 16
To the Reubenites and to the Gadites I gave from Gilead even to the valley of the Arnon, the middle of the valley, and its border, even to the river Jabbok, which is the border of the children of Ammon;
يەنە پىسگاھ تاغلىقى ئاستىدا ياتقان ئاراباھ تۈزلەڭلىكى (تاغلىق تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىي تەرىپىدە) ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ تۇز دېڭىزغىچە بولغان قىسمىنى ئۇلارغا چېگرا قىلىپ بەردىم. 17
the Arabah also, and the Jordan and its border, from Chinnereth even to the sea of the Arabah, the Salt Sea, under the slopes of Pisgah eastward.
مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ تەئەللۇقاتىڭلار بولسۇن دەپ ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغان؛ ئاراڭلاردىكى جەڭچىلەر جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغان ھالدا قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار؛ 18
I commanded you at that time, saying, “Yahweh your God has given you this land to possess it. All of you men of valor shall pass over armed before your brothers, the children of Israel.
پەقەت بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار (مال-چارۋىلىرىڭلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىمەن) مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان شەھەرلەردە قالسۇن؛ 19
But your wives, and your little ones, and your livestock, (I know that you have much livestock), shall live in your cities which I have given you,
پەرۋەردىگار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرنىڭ ئارام ئالغىنىڭلاردەك ئارام بەرگۈچە، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلىگۈچە ئۇلار بىلەن بىرگە [جەڭ قىلىڭلار]؛ ئاندىن سىلەر ھەربىرىڭلار مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان ئۆز تەئەللۇقاتىڭلارغا قايتىسىلەر» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. 20
until Yahweh gives rest to your brothers, as to you, and they also possess the land which Yahweh your God gives them beyond the Jordan. Then you shall each return to his own possession, which I have given you.”
شۇ چاغدىمۇ مەن يەشۇئاغا: «سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئىككى پادىشاھقا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ؛ پەرۋەردىگار سەن بارىدىغان يەردىكى پادىشاھلىقلارنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ. 21
I commanded Joshua at that time, saying, “Your eyes have seen all that Yahweh your God has done to these two kings. So shall Yahweh do to all the kingdoms where you go over.
سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ» ــ دەپ تاپىلىغانمەن. 22
You shall not fear them; for Yahweh your God himself fights for you.”
شۇ چاغدا مەن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ: ــ 23
I begged Yahweh at that time, saying,
«ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز قۇلۇڭغا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭنى ئايان قىلىشقا كىرىشتىڭ؛ چۈنكى مەيلى ئاسمانلاردا ياكى زېمىندا بولسۇن سېنىڭ قىلغانلىرىڭغا ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭگە تەڭ كەلگۈدەك شۇنداق ئىلاھ بارمۇ؟ 24
“Lord Yahweh, you have begun to show your servant your greatness, and your strong hand. For what god is there in heaven or in earth that can do works like yours, and mighty acts like yours?
سەندىن ئۆتۈنۈمەنكى، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شۇ يەردىكى ياخشى زېمىننى ــ شۇ ياخشى تاغلىقنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن»، ــ دېدىم. 25
Please let me go over and see the good land that is beyond the Jordan, that fine mountain, and Lebanon.”
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلار تۈپەيلىدىن ماڭا غەزەپلىنىپ ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالمىدى، بەلكى ماڭا: «بولدى، بەس! بۇ ئىشنى ئالدىمدا ئىككىنچى تىلغا ئالغۇچى بولما. 26
But Yahweh was angry with me because of you, and didn’t listen to me. Yahweh said to me, “That is enough! Speak no more to me of this matter.
سەن پىسگاھنىڭ چوققىسىغا چىقىپ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن مەغرىبكە، شىمالغا، جەنۇبقا ۋە مەشرىققە تىكىلىپ قارا؛ چۈنكى سەن مۇشۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن. 27
Go up to the top of Pisgah, and lift up your eyes westward, and northward, and southward, and eastward, and see with your eyes; for you shall not go over this Jordan.
يەشۇئاغا ۋەزىپىنى تاپىلىغىن، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ يۈرەكلىك قىل؛ چۈنكى ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ سەن كۆرىدىغان شۇ زېمىنغا ئۇلارنى ئىگە قىلغۇزىدۇ» ــ دېدى. 28
But commission Joshua, and encourage him, and strengthen him; for he shall go over before this people, and he shall cause them to inherit the land which you shall see.”
شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا تۇرۇپ قالدۇق. 29
So we stayed in the valley near Beth Peor.

< قانۇن‭ ‬شەرھى 3 >