< قانۇن‭ ‬شەرھى 27 >

مۇسا ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرنى تۇتۇڭلار. 1
ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن كۈندە، سىلەر چوڭ-چوڭ تاشلارنى تىكلەپ ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار؛ 2
ئاندىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرىشىڭلار ئۈچۈن دەريادىن ئۆتكىنىڭلەردە، بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى شۇ تاشلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. 3
سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مېنىڭ بۈگۈنكى ئەمرىم بويىچە شۇ تاشلارنى ئېبال تېغىدا تىكلەپ، ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار. 4
سىلەر شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن تۆمۈر ئەسۋاب تەگمىگەن تاشلاردىن قۇربانگاھ ياساڭلار؛ 5
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بۇ قۇربانگاھى يونۇلمىغان، پۈتۈن تاشلاردىن ياسالسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار، 6
ۋە شۇ يەردە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار، ئۇلاردىن يەپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. 7
سىلەر شۇ تاشلار ئۈستىگە بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئېنىق پۈتۈپ قويۇڭلار». 8
ئاندىن مۇسا بىلەن لاۋىي كاھىنلار پۈتكۈل ئىسرائىلغا سۆز قىلىپ: «ئەي ئىسرائىل، شۈك تۇرۇپ ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خەلقى بولدۇڭلار. 9
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار» ــ دېيىشتى. 10
شۇ كۈنى مۇسا خەلققە ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 11
سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلار، يەنى شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ بىلەن بىنيامىنلار گەرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىسۇن. 12
بۇلار، يەنى رۇبەن، گاد، ئاشىر، زەبۇلۇن، دان بىلەن نافتالى ئېبال تېغىنىڭ ئۈستىدە لەنەت ئوقۇشقا تۇرسۇن. 13
ئۇ ۋاقىتتا لاۋىيلار ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ 14
«كىمكى ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن بىرەر ئويما ياكى قۇيما مەبۇدنى ياساپ چىقسا (پەرۋەردىگار ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىشتۇر!)، ئۇنى يوشۇرۇنچە تىكلەپ قويسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 15
«كىمكى ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 16
«كىمكى قوشنىسىنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىسە لەنەتكە قالسۇن»، دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن. 17
«كىمكى بىر كورنى يولدىن ئازدۇرسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 18
«كىمكى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇن توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 19
«كىمكى ئاتىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن ياتسا، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچقان بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. 20
«كىمكى ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. 21
«كىمكى ئاتىسىنىڭ قىزى ياكى ئانىسىنىڭ قىزى بولغان ئۆز ھەمشىرىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» ــ دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. 22
«كىمكى قېينئانىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن. 23
«كىمكى قوشنىسىنى پايلاپ تۇرۇپ يوشۇرۇن ئۆلتۈرسە لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 24
«كىمكى گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھەق ئالسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 25
«كىمكى بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرمىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن. 26

< قانۇن‭ ‬شەرھى 27 >