< قانۇن‭ ‬شەرھى 25 >

ئەگەر ئىككى كىشى بىرنەرسىنى تالىشىپ قېلىپ، ھۆكۈم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سوت ئالدىغا كەلسە، ئۇنداقتا سوراقچىلار دەۋاغا ھۆكۈم چىقىرىپ ھەقدارنى ھەق، گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھكار دەپ جاكارلىسۇن. 1
ئەگەر گۇناھكار ئادەم دەررىگە لايىق بولسا، سوراقچى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ قىلغان گۇناھىغا لايىق ساناپ دەررىلىسۇن. 2
لېكىن پەقەت قىرىق دەررىلا ئۇرۇلسۇن؛ شۇنىڭدىن زىيادە ئۇرۇلمىسۇن، كۆپ ئۇرۇلسا شۇ قېرىندىشىڭ كۆز ئالدىڭدا كەمسىتىلگەن بولىدۇ. 3
سەن خامان تېپىۋاتقان كالىنىڭ ئاغزىنى بوغمىغىن. 4
ئەگەر بىر يەردە تۇرىدىغان قېرىنداش ئاكا-ئىنىلارنىڭ بىرى بالا يۈزى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئايالى يات بىر كىشىگە تەگمىسۇن؛ بەلكى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلسۇن؛ 5
ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئىسمى ئىسرائىلدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئايالنىڭ تۇنجى بالىسىغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلسۇن. 6
لېكىن ئەگەر بۇ كىشى يەڭگىسىنى ئېلىشنى خالىمىسا، يەڭگىسى [شەھەر] دەرۋازىسىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئېرىمنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلدا قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى؛ ئۇ مەن ئۈچۈن بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئۇنىمىدى»، دەپ ئېيتسۇن. 7
ئاندىن ئۇنىڭ شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئۇنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسۇن؛ ئەگەر ئۇ: «مەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى خالىمايمەن»، دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا، 8
يەڭگىسى ئاقساقاللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن كەشىنى سالدۇرۇپ، يۈزىگە تۆكۈرۈپ: «بىر تۇغقان قېرىندىشى ئۈچۈن ئائىلە قۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشىگە شۇنداق قىلىنسۇن!» دەپ جاكارلىسۇن. 9
شۇ كىشىنىڭ نامى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە: «كەشى سېلىنغۇچىنىڭ ئۆيى» دەپ ئاتالسۇن. 10
ئەگەر ئىككى ئادەم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىدا بىرىنىڭ ئايالى ئۆز ئېرىگە ياردەملىشىپ ئېرىنى ئۇرغۇچىنىڭ قولىدىن ئاجراتماقچى بولۇپ، قولىنى ئۇزىتىپ ئۇرغۇچىنىڭ جان يېرىنى تۇتۇۋالسا، 11
ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا ھېچ رەھىم قىلماي قولىنى كېسىۋەت. 12
سېنىڭ خالتاڭدا چوڭ-كىچىك ئىككى خىل تارازا تېشى بولمىسۇن. 13
ئۆيۈڭدە چوڭ-كىچىك ئىككى خىل ئەفاھ ساقلىما. 14
تارازا تېشىڭ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن؛ ئەفاھىڭمۇ توپتوغرا، دۇرۇس بولسۇن. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولىدۇ. 15
چۈنكى كىمكى شۇنداق ئىشلار قىلسا، كىمكى ناھەق ئىش قىلسا، خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك سانىلىدۇ. 16
مىسىردىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىڭلاردا ئامالەكلەرنىڭ سىلەرگە نېمە قىلغىنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ 17
ئۇلار خۇدادىن قورقماي، يولدا سىلەرگە ئۇچراپ، سىلەر ھېرىپ-چارچاپ ھالىڭلار قالمىغان چاغدا، كەينىڭلاردا قالغان ئاجىز كىشىلەرنى ئۇرۇپ يوقاتمىدىمۇ؟ ئۇ خۇدادىن ھېچ قورقمىدى. 18
شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مىراسىڭ بولسۇن دەپ ساڭا ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئەتراپىڭدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن ئامانلىق بەرگىنىدە، ئامالەكلەرنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدە ئەسلەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆچۈرۈۋەت؛ بۇ ئىشنى ئۇنۇتما. 19

< قانۇن‭ ‬شەرھى 25 >