< قانۇن‭ ‬شەرھى 24 >

ئەگەر بىرسى بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بىرەر سەت ئىشنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇنداقتا ئۇ تالاق خېتىنى پۈتۈپ، ئۇنىڭ قولىغا بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. 1
ئايال ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا ئەرگە تەگسە بولىدۇ. 2
بۇ ئىككىنچى ئەرمۇ ئۇنى يامان كۆرۈپ، تالاق خېتىنى يېزىپ قولىغا بېرىپ ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى ئۇنى ئالغان ئىككىنچى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە 3
ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئاۋۋالقى ئېرى ئۇنى ناپاك ھېسابلاپ، ئىككىنچى قېتىم خوتۇنلۇققا ئالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش بولىدۇ. سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننىڭ ئۈستىگە گۇناھ يۈكلىمىگىن. 4
ئەگەر بىركىم يېڭىدىن خوتۇن ئالغان بولسا ئۇنىڭغا نە جەڭگە چىقىش، نە باشقا بىرەر ئىشقا بۇيرۇلمىسۇن؛ ئۇ بەلكى ئالغان خوتۇنىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بىر يىلغىچە ئەركىن-ئازاد بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن. 5
ھېچكىم يارغۇنچاق ياكى تۈگمەننىڭ ئۈستى تېشىنى كاپالەتكە ئالمىسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش بىرسىنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئالغاندەك بولىدۇ. 6
ئەگەر بىركىم ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىنىڭ بىرىنى بۇلاپ كېلىپ، ئۇنى قۇلدەك ئىشلەتسە ۋە ياكى ئۇنى سېتىۋەتسە شۇ بۇلاڭچى ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار ئاراڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 7
پېسە-ماخاۋ ۋاباسى پەيدا بولسا، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، لاۋىي كاھىنلارنىڭ سىلەرگە بارلىق كۆرسەتكىنىنى قىلىڭلار؛ مەن ئۇلارغا قانداق ئەمر قىلغان بولسام شۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. 8
مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يولدا مەريەمگە قانداق قىلغىنىنى ئەسكە ئېلىڭلار. 9
ئەگەر سەن ئۆز بۇرادەر-قوشناڭغا قەرز بەرسەڭ، كاپالەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرمىگىن؛ 10
بەلكى تاشقىرىدا تۇرۇپ تۇر؛ ساڭا قەرزدار كىشى ئۆزى ساڭا بېرىدىغان كاپالەتنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقسۇن. 11
شۇ كىشى يوقسۇل بولسا سەن ئۇنىڭدىن كاپالەتكە ئالغان [كىيىمنى] يېپىنىپ ئۇخلىمىغايسەن؛ 12
ھېچ بولمىغاندا سەن بەلكى كاپالەتنى كۈن پاتقاندا ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئۇ ئۆز تونىنى يېپىنىپ ئۇخلىغاندا، ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ. شۇنداق قىلساڭ بۇ ئىش ساڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىق سانىلىدۇ. 13
ئاجىز، نامرات مەدىكارغا ناھەقلىق قىلما، مەيلى ئۇ قېرىنداشلىرىڭلاردىن بولسۇن ياكى يېزا-شەھەرلىرىڭلاردا تۇرغان مۇساپىرلاردىن بولسۇن. 14
ئۇ نامراتلىقتىن ئۆز ھەققىگە ئىنتىزار بولغاچقا، ئۇ ئىشلىگەن شۇ كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ھەققىنى چوقۇم بەرگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ، بۇ ئىش گۇناھ بولۇپ بېشىڭغا چۈشىدۇ. 15
بالىلىرىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئاتا ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىلارمۇ ئاتىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىسۇن؛ بەلكى جىنايىتى بار بولغان ھەربىر كىشى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن. 16
سەن مۇساپىر ياكى يېتىم توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىما؛ تۇل ئايالنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ كاپالەتكە ئالما، 17
بەلكى ئۆزۈڭنىڭ مىسىردا قۇل بولۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇپ كەلگىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن. 18
سەن ئېتىزلىقىڭنىڭ ھوسۇلىنى يىغقىنىڭدا بىر باغ ئۆنچىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يېنىپ بارمىغىن؛ ئۇ ئۆنچە مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ بارلىق ئەمگىكىنى بەرىكەتلەيدۇ. 19
زەيتۇن دەرىخىڭنى قاققىنىڭدىن كېيىن شاخلىرىدا قالغانلىرىنى قايتا قاقما؛ قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. 20
ئۈزۈمزارلىقىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ۋاشاڭ قىلمىغىن. قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. 21
ئۆزۈڭنىڭ مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگىن؛ شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن. 22

< قانۇن‭ ‬شەرھى 24 >