< قانۇن‭ ‬شەرھى 23 >

كىمكى سوقۇلۇش ياكى كېسىلىش تۈپەيلىدىن ئاختا قىلىۋېتىلگەن بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. 1
كىمكى ھارامدىن تۇغۇلغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرەلمەس؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە مۇنداقلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. 2
ھېچبىر ئاممونىي ۋە يا ھېچبىر موئابىي پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە ئۇلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ھەرگىز كىرمىسۇن. 3
سەۋەب شۇكى، سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلار ئالدىڭلارغا يېمەكلىك، سۇ ئېلىپ چىقمىدى ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشقا سىلەرنى قارغىسۇن دەپ، ئارام-ناھارائىمدىكى پېتورلۇق بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى ياللىدى. 4
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا بالائامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن قارغىشنى بەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مۇھەببەت باغلىغان. 5
سىلەر ھەممە كۈنلىرىڭلاردا [ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار]نىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە بەختىنى ھەرگىز ئىستىمەڭلار. 6
لېكىن ئېدومىيلار قېرىندىشىڭلار بولغاچ، ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىماڭلار. مىسىرلىقلارغىمۇ نەپرەت بىلەن قارىماڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىدىڭلار. 7
بۇلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ. 8
دۈشمەنلىرىڭگە قارشى جەڭگە چىقىپ چېدىر تىكسەڭ، ھەرخىل ناپاكلىقتىن ئېھتىيات قىلغىن. 9
ئەگەر ئاراڭلاردا كېچىسى بىرسى چۈشىدە شەيتان ئاتلاپ ناپاك بولغان بولسا، ئۇ چېدىرگاھدىن چىقىپ كەتسۇن؛ چېدىرگاھقا ئۇدۇللا كىرمىسۇن؛ 10
كەچقۇرۇن كىرگەندە ئۇ سۇغا چۈشۈپ، كۈن پاتقاندا چېدىرگاھغا يېنىپ كىرسۇن. 11
[ھاجىتىڭلار] ئۈچۈن چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بىر جايىڭلار بولسۇن؛ تەرەتكە شۇ يەرگە بېرىڭلار. 12
سايمانلىرىڭ ئىچىدە بىر گۈرجەك بولسۇن؛ سەن سىرتتا تەرەتكە ئولتۇرساڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆرەك كولاپ تەرىتىڭنى كۆمۈۋەت. 13
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزۇشقا، دۈشمەنلىرىڭنى ئالدىڭلارغا تاپشۇرۇشقا چېدىرگاھىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ؛ شۇڭا سېنىڭ چېدىرگاھىڭ پاك بولسۇن. بولمىسا ئۇ سېنىڭكىدە بىرەر پاسكىنىلىق كۆرسە سەندىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. 14
ئۆز خوجىسىدىن قېچىپ يېنىڭغا كەلگەن قۇلنى ئۆز خوجىسىغا تۇتۇپ بەرمىگىن. 15
ئۇ ئاراڭلاردا سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، قايسى شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە قايسى يەرنى تاللىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن. سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار. 16
ئىسرائىلنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە بولمىسۇن، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە ھەزىلەك بولمىسۇن. 17
بىر قەسەمنى بەجا كەلتۈرمەك ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە پاھىشىنىڭ پۇلىنى ياكى ھەزىلەكنىڭ پۇلىنى كەلتۈرمىگىن؛ چۈنكى بۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر. 18
سىلەر ئۆز قېرىندىشىڭلاردىن ئۆسۈم ئالماڭلار؛ پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن، ئاشلىقنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئۆسۈم ئالغۇدەك باشقا نەرسىنىڭ ئۆسۈمىنى ئالساڭلار بولمايدۇ. 19
ئەمما چەتئەللىكتىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن قېرىندىشىڭلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندا، قوللىرىڭلارنىڭ بارلىق ئەمگىكىدە سىلەرگە بەرىكەت بېرىدۇ. 20
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ھايال قىلما. بولمىسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى سەندىن تەلەپ قىلغىنىدا گۇناھكار بولىسەن. 21
لېكىن ئەگەر سەن بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلمىساڭ، ئۇ ساڭا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. 22
ئاغزىڭدىن چىققانغا ئەمەل قىلغىن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قەسەم قىلىپ ئاتىغىنىڭنى، يەنى ئاغزىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئىختىيارىي ھەدىيەڭنى سۇنۇشۇڭ كېرەك. 23
سەن قوشناڭنىڭ تاللىقىغا كىرسەڭ خالىغىنىڭچە يەپ تويۇن، ئەمما قاچا-قۇچاڭغا ئېلىپ ماڭمىغىن. 24
قوشناڭنىڭ پىشقان زىرائەتلىكىگە كىرسەڭ، قولۇڭ بىلەن زىرائەتنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ ئالساڭ بولىدۇ؛ ئەمما قوشناڭنىڭ زىرائەتلىرىگە ئورغاق سالغۇچى بولما. 25

< قانۇن‭ ‬شەرھى 23 >