< قانۇن‭ ‬شەرھى 22 >

سەن قېرىندىشىڭنىڭ كالىسى يا قويى ئېزىپ كەتكىنىنى كۆرسەڭ، چاتىقىڭ بولماي يۈرمە؛ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى قېرىندىشىڭنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ بەر. 1
ئەگەردە قېرىندىشىڭ ساڭا يېقىن ئولتۇرمىسا ۋە ياكى ئىگىسىنى تونۇمىساڭ، شۇ ھايۋاننى ئۆز ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېلىپ، قېرىندىشىڭ ئۇنى ئىزدەپ كەلگۈچە ئۆزۈڭ ساقلاپ ئاندىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. 2
سەن ئوخشاشلا ئۇنىڭ يىتكەن ئېشىكى ياكى كىيىملىرىنىمۇ شۇنداق قىل؛ شۇنداقلا قېرىندىشىڭنىڭ ھەرقانداق يىتكەن نەرسىسىنى تېپىۋالساڭ، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلغىن؛ سەن ئۆزۈڭنى بۇ ئىشتىن قاچۇرمىغىن. 3
ئەگەر قېرىندىشىڭنىڭ ئېشىكى ياكى كالىسىنىڭ يولدا يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرسەڭ، سەن بۇ ئەھۋالدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن؛ قېرىندىشىڭغا ياردەملىشىپ ئۇلىغىنى تارتىپ تۇرغۇزغىن. 4
ئايال كىشى بولسا ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بولىدۇ. 5
ئەگەر سەن يولدا كېتىۋېتىپ، بىر دەرەختە ياكى يەردە بالىلىرى ياكى تۇخۇملىرى بولغان قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئۇچرىساڭ، ئانىسى تۇخۇم ياكى بالىلىرىنى بېسىپ ياتقان بولسا، ئانا-بالىلىرىنى بىراقلا ئالمىغىن؛ 6
ھېچ بولمىغاندا سەن ئانىسىنى قويۇۋېتىپ، بالىلىرىنىلا ئالساڭ بولىدۇ؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. 7
يېڭى بىر ئۆي سالساڭ، ئۆگزەڭگە بىر توسما تام ياسىغىن؛ بولمىسا بىرسى ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە، ئۆزۈڭگە قان تۆكۈلۈش گۇناھىنى كەلتۈرۈشۈڭ مۇمكىن. 8
ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق چاچمىغىن؛ بولمىسا تېرىغىنىڭنىڭ ھەممىسى ۋە ئۈزۈمزارلىقنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇلغانغان ھېسابلىنىدۇ. 9
سەن كالا بىلەن ئېشەكنى بىرگە قوشۇپ يەر ھەيدىمىگىن. 10
يۇڭ ۋە كاناپتىن ئىبارەت ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمىگىن. 11
سەن يېپىنغان تونۇڭنىڭ تۆت بۇرجىكىگە پۆپۈك قويغىن. 12
ئەگەر بىرى خوتۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ، 13
ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ، ئەرز قىلىپ: «مەن بۇ خوتۇننى ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلسام ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دېسە، 14
ئۇنداقتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا كەلتۈرسۇن، 15
ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا سۆز قىلىپ: «مەن قىزىمنى بۇ كىشىگە خوتۇنلۇققا بەردىم، لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالدى؛ 16
ۋە مانا، ئۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلىپ: «قىزىڭنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. بىراق مانا قىزىمنىڭ پاكلىق ئىسپاتى!» دەپ، ئىسپات رەختنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن. 17
ئۇ ۋاقىتتا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئېرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تاياق-تەربىيە بېرىپ، 18
ئىسرائىلدىكى بىر پاك قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلىدىڭ دەپ، يۈز شەكەل كۈمۈش تۆلەتسۇن؛ ئاندىن ئۇلار پۇلنى قىزنىڭ ئاتىسىغا بەرسۇن دەپ بېكىتسۇن. ئەمما قىز بولسا شۇ كىشىنىڭ خوتۇنى بولۇپ تۇرىۋېرىشى كېرەك؛ ئەر پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. 19
لېكىن بۇ سۆز راست چىقىپ، قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتى بولمىسا، 20
قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە بۇزۇقلۇق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە شەرمەندىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئادەملىرى شۇ يەردە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 21
ئەگەر بىرسى ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 22
ئەگەر بىرسى شەھەردە بىراۋ بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغان بىر قىزنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا، 23
ئىككىلىسىنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ قىز بولسا شەھەردە تۇرۇپ ۋارقىرىمىغىنى ئۈچۈن، ئەر بولسا باشقىسىنىڭ ۋەدىلەشكەن قىزى بىلەن ياتقىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 24
ئەگەر ئەر كىشى باشقىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتسا، پەقەت قىز بىلەن ياتقان ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. 25
قىزغا بولسا، ھېچنېمە قىلماڭلار، چۈنكى قىزنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈمگە لايىق ھېچ گۇناھ يوق. بۇ ئىش بولسا بىرسى قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش ئىشتۇر. 26
چۈنكى ئۇ باشقىسىغا ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋالغاندا، قىز توۋلىغان بولسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزغۇدەك كىشى تېپىلمىغان. 27
ئەگەر بىرسى بىرەر ئەر بىلەن ۋەدىلەشمىگەن قىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ھەر ئىككىسى تۇتۇلسا، 28
قىز بىلەن ياتقان ئادەم قىزغا يېقىنچىلىق قىلىپ خار قىلغىنى ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتىسىغا ئەللىك شەكەل كۈمۈش بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئېلىشى كېرەك؛ ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. 29
ھېچكىم ئاتىسىنىڭ خوتۇنىنى ئالماسلىقى كېرەك، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچماسلىقى كېرەك. 30

< قانۇن‭ ‬شەرھى 22 >