< قانۇن‭ ‬شەرھى 2 >

ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئېيتقاندەك قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن سەپەرگە ئاتلاندۇق؛ بىز نۇرغۇن كۈنلەر سېئىر تېغى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردۇق. 1
پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ 2
«سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغنى ئايلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ ئەمدى شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇڭلار. 3
خەلققە: ــ سىلەر سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىندىشىڭلار ئەساۋلارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىدىغان بولدۇڭلار؛ ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ، شۇڭا بەك ئېھتىيات قىلىپ، 4
ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ھەتتا تاپانچىلىق يەرنىمۇ بەرمەيمەن؛ چۈنكى سېئىر تېغىنى ئەساۋغا مىراس قىلىپ بەردىم. 5
سىلەر ئۇلارغا پۇل تۆلەپ ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىڭلار، پۇل تۆلەپ سۇ سېتىۋېلىڭلار. 6
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قولۇڭلاردىكى بارلىق ئەجىرنى بەرىكەتلەپ كەلگەن؛ ئۇ سىلەرنىڭ بۇ بىپايان چۆل-باياۋاندىن مېڭىپ ئۆتۈۋاتقىنىڭلاردا ھەممىنى بىلدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ قىرىق يىل سىلەر بىلەن بىللە بولدى؛ ھېچ نەرسىدىن كەم بولمىدىڭلار» ــ دېدى. 7
شۇنىڭ بىلەن بىز سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئەساۋلارنىڭ زېمىنىدىن ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن، شۇنداقلا ئېلات ۋە ئېزىئون-گەبەردىن ئۆتۈپ، بۇرۇلۇپ موئابدىكى چۆل-باياۋان يولى بىلەن ماڭدۇق. 8
پەرۋەردىگار ماڭا: «موئابىيلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئار شەھەر-زېمىنىنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى 9
(ئەمىيلەر ئەسلىدە شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. 10
ئۇلار ئاناكىيلاردەك «گىگانتلار» دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ لېكىن موئابىيلار ئۇلارنى «ئەمىيلەر» دەپ ئاتايدۇ. 11
سېئىردا ئەسلىدە ھورىيلار تۇراتتى؛ لېكىن ئەساۋلار ھورىيلارنى زېمىنىدىن ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى ــ خۇددى ئىسرائىللار مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قىلغىنىغا ئوخشاش). 12
[پەرۋەردىگار: ] «ئەمدى ھازىر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتۈڭلار» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ بىز زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتتۇق. 13
قادەش-بارنېئادىن ئايرىلىپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتكۈچە بولغان كۈنلەر ئوتتۇز سەككىز يىل بولدى؛ بۇ دەل خۇددى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇ دەۋردىكى جەڭچىلەر بارگاھتىن پۈتۈنلەي يوقىتىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئىدى. 14
دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى بارگاھتىن يوقىتىپ تۈگەتكۈچە ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قارشى چىققانىدى. 15
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ جەڭچىلەر ئۆلۈپ خەلق ئارىسىدىن پۈتۈنلەي تۈگىگەندىن كېيىن، 16
پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ 17
«سىلەر بۈگۈن موئابنىڭ، يەنى ئارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىسىلەر. 18
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاممونىيلارغا يېقىن كېلىسىلەر؛ ئەمما ئۇلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى. 19
(بۇ زېمىنمۇ «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئىلگىرى گىگانتلار شۇ يەردە تۇرغانىدى؛ ئاممونىيلار ئۇلارنى «زامزۇملار» دەپ ئاتايدۇ. 20
ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى [ئاممونىيلارنىڭ] ئالدىدا يوقىتىشى بىلەن [ئاممونىيلار] ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. 21
پەرۋەردىگار سېئىردا تۇرغان ئەساۋلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىش قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھورىيلارنى يوقاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئەساۋلار ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. 22
ۋە گازا شەھىرىگىچە كەنت-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاۋۋىيلارنى بولسا، كافتوردىن چىققان كافتورىيلار يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى). 23
ــ «ئەمدى ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىڭلار، سەپىرىڭلارغا چىقىڭلار؛ ئارنون دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار؛ مانا، مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى ئامورىي سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنىمۇ قولۇڭلارغا تاپشۇردۇم؛ ئىشنى باشلاڭلار، زېمىننى ئىگىلەشكە، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ 24
مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ قورقۇنچۇڭلار ۋە ۋەھشىتىڭلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى خەلقلەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئاڭلاپ سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن تىترەپ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ». 25
شۇ چاغدا مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھونغا كەدەموت چۆلىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، تىنچلىق سالىمى يوللاپ: ــ 26
«بىزنىڭ زېمىنىڭدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغايسەن؛ ئوڭغا، سولغا بۇرۇلماي، پەقەتلا يولدىن چىقماي ماڭىمىز. 27
سەن ماڭا ئوزۇق-تۈلۈكنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن، سۇنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن؛ بىز پەقەتلا پىيادە مېڭىپ ئۆتىمىز، خالاس. 28
سېئىردا تۇرۇۋاتقان ئەساۋلار، ئاردا تۇرۇۋاتقان موئابىيلار بىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك سەنمۇ بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگۈچە شۇنداق مۇئامىلە قىلغايسەن» ــ دېدىم. 29
لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق). 30
پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا، مەن ئالدىڭلاردا سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە تاپشۇرۇشقا باشلىدىم؛ ئىشنى باشلاڭلار، ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنى ئىشغال قىلىشقا كىرىشىڭلار» ــ دېدى. 31
سىھون دەرۋەقە ئۆزى ۋە بارلىق خەلقى بىز بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ياھازغا چىقتى. 32
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭ ئۆزىنى، ئوغۇللىرىنى ۋە بارلىق خەلقىنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق. 33
شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق؛ ئۇلاردىكى بارلىق ئەركەك، قىز-ئايال ۋە بالىلارنى بىرىنىمۇ قويماي يوقاتتۇق؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى تىرىك قويمىدۇق. 34
بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە ئىشغال قىلغان شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. 35
ئارنون دەرياسى بويىدىكى ئاروئەردىن ۋە شۇ يەردىكى جىلغىدىكى شەھەردىن تارتىپ گىلېئادقىچە ھېچقانداق شەھەر بىزگە تەڭ كېلەلمىدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەممىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. 36
ھالبۇكى، سىلەر ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا، چېگرىسى بولغان پۈتكۈل ياببوك ۋادىسىغا، تاغدىكى شەھەرلەرگە ياكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە مەنئى قىلغان ھەرقايسى يەرگە يېقىنلاشمىدىڭلار. 37

< قانۇن‭ ‬شەرھى 2 >