< قانۇن‭ ‬شەرھى 19 >

پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندىكى تائىپىلەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۈزۈپ تاشلىغان ۋاقتىدا ۋە سىلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ۋە ئۆيلىرىدە تۇرغىنىڭلاردا، 1
سىلەر شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندا ئۈچ شەھەرنى ئايرىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ 2
شۇنداقلا، ئادەم ئۆلتۈرگەن ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىۋالسۇن دەپ يول ھازىرلاپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىراس بولۇشقا سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئۈچ رايونغا بۆلىسىلەر. 3
تىرىك قېلىش ئۈچۈن شۇ يەرلەرگە قېچىپ بېرىۋالغان، ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى توغرۇلۇق بەلگىلىمە مۇنداق: ــ ئۇ قوشنىسىنى تاسادىپىيلىقتىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، شۇنداقلا ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان بولسا، شۇ يەرگە قېچىپ بېرىۋالسا بولىدۇ. 4
مەسىلەن، ئۇ قوشنىسى بىلەن ئوتۇن كېسىشكە ئورمانغا كىرگەن بولۇپ، دەرەخنى كېسىشكە پالتىنى كۆتۈرگەندە پالتا بېشى سېپىدىن ئاجراپ كېتىپ قوشنىسىغا تېگىپ كېتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنداقتا جاۋابكار كىشى بۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋېلىپ ھايات قالىدۇ؛ 5
بولمىسا، قان قىساسى ئالغۇچى غەزىپى قاينىغاندا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قوغلايدۇ ۋە يول ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشى ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلىدە قوشنىسىغا ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى يوق ئىدى. 6
شۇڭا مەن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلار شۇنداق ئۈچ شەھەرنى ئايرىشىڭلار كېرەك» دەپ ئەمر قىلىمەن. 7
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلغىنىدەك چېگرايىڭلارنى كېڭەيتىشنى، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى سىلەرگە تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ؛ 8
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يوللىرىدا دائىم مېڭىش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ ئەمرنى تۇتساڭلارلا ئۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنداقتا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈچ شەھەردىن باشقا يەنە ئۈچ شەھەرنى قوشىسىلەر. 9
ۋە شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان زېمىن ئارىسىدا ناھەق قان تۆكۈلمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك گەدىنىڭلارغا خۇن گۇناھى چۈشمەيدۇ. 10
لېكىن بىرسى قوشنىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت تۇتقان بولسا، پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە ۋە شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋالغان بولسا، 11
ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈلسۇن دەپ «قان قىساسى ئالغۇچى»نىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. 12
سەن ئۇنى ھېچ ئايىمىغىن، شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلدىن تۆكۈلگەن گۇناھسىز قاننىڭ دېغىنى تازىلىغان بولىسىلەر؛ ئاندىن ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ. 13
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئىگىلەش ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان زېمىندا بۇرۇنقىلار مىراس يېرىڭدە بېكىتكەن، قوشناڭنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەسلىكىڭ كېرەك. 14
مەلۇم جىنايەت ياكى گۇناھ توغرىسىدا بىرسىگە «ئۇ گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىشتا يالغۇز بىرلا گۇۋاھچى بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ھەممە ئىش ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن بېكىتىلسۇن. 15
بىرسى توغرۇلۇق «پالانچى-پوكۇنچى گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز قىلىدىغان قارا نىيەتلىك بىر گۇۋاھچى چىقسا، 16
دەۋالىشىپ قالغان ئىككى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، شۇ كۈنلەردە بولىدىغان كاھىنلار ۋە سوراقچى بەگلەر ئالدىدا ھازىر بولسۇن؛ 17
سوراقچى بەگلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرسۇن؛ ئەگەر ھېلىقى گۇۋاھچى يالغان گۇۋاھچى بولۇپ، ئۆز قېرىندىشى توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا، 18
ئۇنداقتا، سىلەر دەل ئۇ قېرىندىشىغا قىلماقچى بولغىنىدەك ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىسىلەر. 19
قالغان خەلقمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلايدۇ ۋە قورقىدۇ ۋە شۇنداقلا، ئاراڭلاردا ئۇنداق رەزىل ئىشنى يەنە قىلمايدۇ. 20
سىلەر ھېچ رەھىم قىلماڭلار؛ جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىنسۇن. 21

< قانۇن‭ ‬شەرھى 19 >