< قانۇن‭ ‬شەرھى 18 >

لاۋىي كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق لاۋىيلار قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلدا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى بولمايدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] مىراسىدىن يېيىشكە بولىدۇ، 1
بىراق ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. 2
كاھىنلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان خەلقتىن ئالىدىغان ئۈلۈشى مۇنداق: ــ (مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن) قول، ئېڭەك گۆشى ۋە ئۈچەي-قېرىنى كاھىنلارغا بېرىلىدۇ. 3
سىلەرنىڭ ئاشلىقىڭلاردىن، يېڭى شارابىڭلاردىن ۋە زەيتۇن مېيىڭلاردىن دەسلەپكى پىشقان ھوسۇلنى ۋە قويلىرىڭلاردىن دەسلەپكى قىرقىلغان يۇڭنى ئۇنىڭغا بېرىسىلەر؛ 4
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆز نامىدا خىزمىتىدە دائىم تۇرۇشقا بارلىق قەبىلىلىرىڭلار ئىچىدىن تاللىۋالغان. 5
ئەگەر لاۋىي بولغان بىر ئادەم پۈتكۈل ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق شەھەر-يېزىدىن، يەنى ئۆزى ماكانلاشقان جايدىن چىقىپ، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا كەلسە 6
ۋە شۇ يەردە پەرۋەردىگار ئالدىدا تۇرغۇچى بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىدا خىزمەتتە تۇرغان بولسا، 7
ئۇنداقتا (مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن) ئۇنىڭ يەيدىغان ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىدەك بولۇشى كېرەك. 8
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن شۇ يەردىكى ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگەنمەسلىكىڭ كېرەك. 9
ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغان، پالچىلىق، رەمچىلىك، ئەپسانىيلىك، جادۇگەرلىك 10
ياكى دەمىدىچىلىك قىلغۇچى ياكى جىنكەش، سېھىرگەر ياكى ئۆلگەنلەردىن يول سورىغۇچى ھېچقانداق كىشى بولمىسۇن؛ 11
چۈنكى بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى پەرۋەردىگارغا نەپرەتلىك بولىدۇ؛ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. 12
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز مۇكەممەل بولۇشۇڭ كېرەك؛ 13
چۈنكى سەن زېمىندىن ھەيدەيدىغان بۇ ئەللەر رەمچىلەر ۋە پالچىلارغا قۇلاق سالىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ. 14
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار. 15
بۇ سىلەر ھورەب تېغىدا يىغىلغان كۈندە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن: «پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىمايلى، بۇ دەھشەتلىك ئوتنى كۆرمەيلى، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمىز» دەپ تەلەپ قىلغىنىڭلارغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. 16
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇلارنىڭ ماڭا دېگەن سۆزى ياخشى بولدى. 17
مەن ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ساڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەرنى تۇرغۇزىمەن، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالىمەن ۋە ئۇ مەن ئۇنىڭغا بارلىق تاپىلىغىنىمنى ئۇلارغا سۆزلەيدۇ. 18
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ مېنىڭ نامىمدا دەيدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدىغان ھەرقانداق كىشى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىمەن. 19
ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن. 20
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «پەرۋەردىگار قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دېسەڭ، 21
بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆز قىلغان بولسا ۋە ئۇ بېشارەت قىلغان ئىش توغرا چىقمىسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن چىقمىغان؛ شۇ پەيغەمبەر باشباشتاقلىق بىلەن سۆزلىگەن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقما. 22

< قانۇن‭ ‬شەرھى 18 >