< قانۇن‭ ‬شەرھى 17 >

پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ھەرقانداق نۇقسانى ياكى باشقا كەمچىلىكى بولغان كالا ياكى قوينى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى ئۇنداق قىلىش پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. 1
무릇 흠이나 악질이 있는 우양은 네 하나님 여호와께 드리지 말지니 이는 네 하나님 여호와께 가증한 것이 됨이니라
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزاڭ ئىچىدە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بىرسىنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا بىرەر رەزىل ئىشنى قىلغانلىقى ــ ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، باشقا ئىلاھلارغا (مەسىلەن، مەن ساڭا ئىبادەت قىلىشقا مەنئى قىلغان قۇياش، ئاي ياكى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇن بولغان يۇلتۇزلارغا)، ئىبادەت قىلىپ ئۇلارغا باش ئۇرغانلىقى بايقالسا، 2
네 하나님 여호와께서 네게 주시는 어느 성중에서든지 너의 가운데 혹시 어떤 남자나 여자가 네 하나님 여호와의 목전에 악을 행하여 그 언약을 어기고
3
가서 다른 신들을 섬겨 그것에게 절하며 내가 명하지 아니한 일월성신에게 절한다 하자
ــ شۇنداق بىر ئىشتىن خەۋەر تاپقان ياكى ئۇنى ئاڭلىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرۈشتۈرگىن؛ بۇ ئىش ئىسپاتلىنىپ راست چىقسا، دەرۋەقە ئىسرائىلدا شۇنداق يىرگىنچلىك ئىش قىلىنغان بولسا، 4
혹이 그 일을 네게 고하므로 네가 듣거든 자세히 사실하여 볼지니 만일 그 일과 말이 확실하여 이스라엘 중에 이런 가증한 일을 행함이 있으면
سەن شۇ رەزىل ئىشنى قىلغان ئەر ياكى ئايالنى دەرۋازىلىرىڭغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ ئەر ياكى ئايالنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك. 5
너는 그 악을 행한 남자나 여자를 네 성문으로 끌어내고 돌로 그 남자나 여자를 쳐 죽이되
بىرسىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرى بولۇشى كېرەك. بىرسىنى بىرلا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. 6
죽일 자를 두 사람이나 세 사람의 증거로 죽일 것이요 한 사람의 증거로는 죽이지 말 것이며
ئۆلتۈرۈلىدىغاندا ئاۋۋال گۇۋاھچىلار قول سالسۇن، ئاندىن بارلىق خەلق قول سالسۇن؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن ھەيدىۋېتىسىلەر. 7
이런 자를 죽임에는 증인이 먼저 그에게 손을 댄 후에 뭇 백성이 손을 댈지니라 너는 이와 같이 하여 너의 중에 악을 제할지니라
شەھەر-يېزاڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىشقا ساڭا تەس كېلىدىغان بىر ئىش چىقسا، مەيلى خۇن دەۋاسى، ھەق-تەلەپ دەۋاسى ياكى زوراۋانلىق دەۋاسىدا، ھەرقانداق تالاش-تارتىش بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايغا بېرىڭلار. 8
네 성중에서 송사로 다투는 일이 있으되 서로 피를 흘렸거나 다투었거나 구타하였거나 하여 네가 판결하기 어려운 일이 생기거든 너는 일어나 네 하나님 여호와의 택하실 곳으로 올라가서
سىلەر لاۋىي كاھىنلارنىڭ ۋە شۇ چاغدا بولىدىغان سوراقچى بەگنىڭ يېنىغا بارىسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم سورايسىلەر؛ ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. 9
레위 사람 제사장과 당시 재판장에게로 나아가서 물으라 그리하면 그들이 어떻게 판결할 것을 네게 가르치리니
سىلەر پەرۋەردىگار تاللايدىغان ئاشۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ سىلەرگە تاپشۇرىدىغان ھۆكۈم سۆزى بويىچە ئىجرا قىلىسىلەر؛ ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلار كېرەك. 10
여호와께서 택하신 곳에서 그들이 네게 보이는 판결의 뜻대로 네가 행하되 무릇 그들이 네게 가르치는 대로 삼가 행할 것이니
سىلەر ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكەن قانۇن ھۆكۈمى بويىچە، چىقىرىدىغان قارارى بويىچە قىلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە تاپشۇرىدىغان سۆزدىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەڭلار. 11
곧 그들이 네게 가르치는 법률의 뜻대로 그들이 네게 고하는 판결대로 행할 것이요 그들이 네게 보이는 판결을 어기어서 좌로나 우로나 치우치지 말 것이니라
ۋە باشباشتاقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرىدىغان كاھىنغا ياكى سوراقچى بەگكە قۇلاق سالمىغان كىشى بولسا، شۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىللىكنى ئىسرائىلدىن ھەيدەپ چىقىرىسىلەر. 12
사람이 만일 천자히 하고 네 하나님 여호와 앞에 서서 섬기는 제사장이나 재판장을 듣지 아니하거든 그 사람을 죽여 이스라엘 중에서 악을 제하여 버리라
شۇنداقلا، بارلىق خەلق بۇلارنى ئاڭلاپ قورقىدۇ ۋە يەنە باشباشتاقلىق قىلمايدۇ. 13
그리하면 온 백성이 듣고 두려워하여 다시는 천자히 행치 아니하리라
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىگەندە، شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغاندا: «مەن ئەتراپىمدىكى ئەللەرنىڭكىدەك ئۆزۈمگە بىر پادىشاھ تىكلىمەكچىمەن» دېسەڭ، 14
네가 네 하나님 여호와께서 네게 주시는 땅에 이르러서 그 땅을 얻어 거할 때에 만일 우리도 우리 주위의 열국 같이 우리 위에 왕을 세우리라는 뜻이 나거든
شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭگە پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغىنىنى تىكلەيسەن؛ ئۈستۈڭگە قېرىنداش بولمىغان چەتئەللىكنى بېكىتمەسلىكىڭ كېرەك. 15
반드시 네 하나님 여호와의 택하신 자를 네 위에 왕으로 세울 것이며 네 위에 왕을 세우려면 네 형제 중에서 한 사람으로 할 것이요 네 형제 아닌 타국인을 네 위에 세우지 말 것이며
[پادىشاھ] بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئاتلارنى كۆپەيتمەسلىكى ياكى ئاتلارنى كۆپەيتىمەن دەپ خەلقنى مىسىرغا قايتۇرماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە: «سىلەر شۇ يول بىلەن ھەرگىز قايتماسلىقىڭلار كېرەك» دېگەنىدى. 16
왕 된 자는 말을 많이 두지 말 것이요 말을 많이 얻으려고 그 백성을 애굽으로 돌아가게 말 것이니 이는 여호와께서 너희에게 이르시기를 너희가 이 후에는 그 길로 다시 돌아가지 말 것이라 하셨음이며
پادىشاھ كۆپ ئاياللارنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ بولمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆپەيتمەسلىكى كېرەك. 17
아내를 많이 두어서 그 마음이 미혹되게 말것이며 은금을 자기를 위하여 많이 쌓지 말것이니라
پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىدا ئۇ ئۆزى ئۈچۈن لاۋىي كاھىنلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ قانۇننى بىر دەپتەرگە كۆچۈرۈپ پۈتۈشى كېرەك. 18
그가 왕위에 오르거든 레위 사람 제사장 앞에 보관한 이 율법서를 등사하여
شۇ دەپتەر ئۇنىڭ يېنىدا دائىم بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئوقۇشى كېرەك؛ شۇنداق قىلسا ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىدىن قورقۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. 19
평생에 자기 옆에 두고 읽어서 그 하나님 여호와 경외하기를 배우며 이 율법의 모든 말과 이 규례를 지켜 행할 것이라
شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆڭلى قېرىنداشلىرى ئالدىدا ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئەمرلەردىن ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئارىسىدا ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىق كۈنلىرى كۆپ بولىدۇ. 20
그리하면 그의 마음이 그 형제 위에 교만하지 아니하고 이 명령에서 떠나 좌로나 우로나 치우치지 아니하리니 이스라엘 중에서 그와 그의 자손의 왕위에 있는 날이 장구하리라

< قانۇن‭ ‬شەرھى 17 >