< قانۇن‭ ‬شەرھى 16 >

ئابىب ئېيىنى ئالاھىدە ئېسىڭدە تۇت ۋە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتاپ تەبرىكلىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئابىب ئېيىدا مىسىردىن كېچىدە چىقارغان. 1
سەن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ مېلىنى (مەيلى قوي ياكى كالا پادىسىدىن بولسۇن) پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللاپ بېكىتىدىغان جايدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىن؛ 2
شۇنداقلا سەن ھېچقانداق بولدۇرۇلغان ناننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ سەن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يېيىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن ئالدىراشلىقتا چىقتىڭ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە مىسىر زېمىنىدىن چىققان شۇ كۈننى يادىڭدا تۇتقايسەن. 3
يەتتە كۈن چېگرالىرىڭ ئىچىدە، ئۆيۈڭدە ھېچقانداق ئېچىتقۇ تېپىلمىسۇن؛ سەن بىرىنچى كۈنى كەچتە قىلغان قۇربانلىق گۆشلەرنى ئەتىگەنگە قالدۇرماسلىقىڭ كېرەك. 4
سەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزىلىرىڭنىڭ ھەرقاندىقىدا قىلساڭ بولمايدۇ؛ 5
بەلكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تاللايدىغان جايدىلا قىل؛ ئۇنى كەچقۇرۇن، كۈن پېتىش ۋاقتىدا، يەنى مىسىردىن چىققاندىكى ۋاقىتقا ئوخشاش ۋاقىتتا قىلىسەن. 6
ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا پىشۇرۇپ يېگىن؛ ئاندىن ئەتىگەندە چېدىرلىرىڭغا قايتساڭ بولىدۇ. 7
سەن ئالتە كۈن پېتىر نان يەيسەن؛ يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىك سورۇن كۈنى بولىدۇ؛ سەن ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلمايسەن. 8
ئاندىن يەتتە ھەپتىنى سانايسەن؛ ئاشلىققا ئورغاق سالغاندىن باشلاپ يەتتە ھەپتىنى ساناشقا باشلايسەن؛ 9
ئاندىن سەن «ھەپتىلەر ھېيتى»نى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا قولۇڭدىكى ئىختىيارىي ھەدىيە بىلەن ئۆتكۈزىسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرىكەتلىگىنىگە قاراپ ئۇنى ئىختىيارەن سۇنىسەن. 10
شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇشقا تاللايدىغان جايدا شادلىنىسەن؛ سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار، ئاراڭلاردىكى مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شادلىنىسىلەر. 11
سەن شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە مىسىردا قۇل بولغانلىقىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ، بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ ئەمەل قىلغىن. 12
سەن «كەپىلەر ھېيتى»نى يەتتە كۈن ئۆتكۈزىسەن؛ سەن خامان ۋە شاراب كۆلچىكىڭنى يىغقان چېغىڭدا، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدە تۇرىدىغان لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شۇ ھېيتتا شادلىنىسىلەر. 13
14
پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا سەن يەتتە كۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىڭدا، قولۇڭ قىلغان ئىشلاردا سېنى بەرىكەتلەيدۇ ۋە سەن دەرۋەقە پۈتۈنلەي شادلىنىسەن. 15
يىلدا ئۈچ قېتىم، پېتىر نان ھېيتى، ھەپتىلەر ھېيتى ۋە كەپىلەر ھېيتىدا سېنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ تاللايدىغان جايدا ھازىر بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇرۇق قول ھازىر بولسا بولمايدۇ؛ 16
بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا تەقدىم قىلغان بەرىكىتى بويىچە ھەربىرى قولىدىن كېلىشىچە سۇنسۇن. 17
خەلقنىڭ ئۈستىدىن ئادالەت يۈرگۈزۈپ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان بارلىق شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە ھەربىر قەبىلىدە سوراقچى ۋە ئەمەلدارلارنى بېكىتىشىڭ كېرەك. 18
ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ. 19
سەن مۇتلەق ئادالەتنى ئىزدىشىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھايات كۆرىسەن ھەمدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىننى ئىگىلەيسەن. 20
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياسايدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئەتراپىغا «ئاشەراھ» بۇتى قىلىنىدىغان ھېچقانداق دەرەخ تىكمەسلىكىڭ كېرەك 21
ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت تۈۋرۈكى تىكلىمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئۇنداق نەرسىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. 22

< قانۇن‭ ‬شەرھى 16 >