< قانۇن‭ ‬شەرھى 14 >

سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى ھېچ كەسمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ياكى ماڭلاي چېچىڭلارنى قىرىپ تاقىر قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ 1
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن؛ پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە گۆھىرى بولغان بىر خەلق بولۇشى ئۈچۈن سېنى تاللىغاندۇر. 2
سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى يېمەسلىكىڭ كېرەك. 3
تۆۋەندىكىلەر سىلەر يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلار: ــ كالا، قوي، ئۆچكە؛ 4
كېيىك، جەرەن، بۇغا، ياۋا ئۆچكە، ئاھۇ، بۆكەن، ياۋا قوي، 5
شۇنداقلا ھايۋانلار ئىچىدە تۇياقلىرى پۈتۈنلەي ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەرخىلىنى يېسەڭلار بولىدۇ. 6
لېكىن، كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇر (چۈنكى ئۇلار كۆشىگۈچى بولغىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەستۇر. شۇڭا ئۇلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ). 7
چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ. شۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ھەم ئۆلۈكلىرىگە تەگمەسلىكىڭلار كېرەك. 8
سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ، 9
لېكىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولمىغانلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ. 10
بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ 11
بىراق تۆۋەندىكى ئۇچار-قاناتلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: يەنى بۈركۈت، تاپقۇش-غېچىرلار، دېڭىز بۈركۈتى، 12
قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن، قورۇلتاز-تاپقۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 13
ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 14
مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 15
ھۇۋقۇش، ئىبىس، ئاق قۇ، 16
ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، قارنا، 17
لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ بىلەن شەپەرەڭ دېگەنلەر سىلەرگە ھارام سانالسۇن. 18
ھەربىر قاناتلىق ئۆمۈلىگۈچى ھاشارەتلەر بولسا سىلەرگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك. 19
سىلەر بارلىق ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. 20
سىلەر ھېچقانداق ئۆلۈك جانۋارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنداق نەرسىنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بېرىڭلار؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ ياكى ئۇنى يات ئەللىكلەركە سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسەن. سەن ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرساڭ بولمايدۇ. 21
سەن جەزمەن ھەر يىلى ئېتىزدىكى ھەممە تېرىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىشىڭ كېرەك؛ 22
سەن شۇلارنى، يەنى ئاشلىقىڭ، يېڭى شارابىڭ، زەيتۇن مېيىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللايدىغان جايدا يە، شۇنداقلا كالا-قوي پادىلىرىدىن ئايرىلغان تۇنجى بالىلىرىنى شۇ يەردە يە؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن دائىم قورقۇشنى ئۆگىنىسەن. 23
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگەندە، ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللىغان شۇ جاي سەندىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىڭنى شۇ يەرگە ئاپىرالمىغۇدەك بولساڭ، 24
سەن شۇ چاغدا ئۇنى پۇلغا سېتىپ، پۇلنى قولۇڭغا تېڭىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللىغان جايغا بارغىن 25
ۋە كۆڭلۈڭ نېمە تارتسا، مەيلى كالا، قوي، مەي-شاراب، مۇسەللەس بولسۇن، ياكى شۇنىڭدەك كۆڭلۈڭ تارتقان ھەرقانداق نەرسىنى شۇ پۇلغا ئالساڭ بولىدۇ؛ ئاندىن سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر شۇ يەردە ئۇنىڭدىن يەپ-ئىچىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا شاد-خۇرام بولىسىلەر. 26
شەھەر-يېزىلىرىڭدا تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭ كېرەك، چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق. 27
ھەر ئۈچ يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن شۇ يىلدىكى مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ چىقار؛ سەن ئۇنى شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە توپلا؛ 28
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار (چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق)، مۇساپىر، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار كېلىپ ئۇنىڭدىن يەپ تويۇنسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قولۇڭدىكى بارلىق مېۋىنى بەرىكەتلەيدۇ. 29

< قانۇن‭ ‬شەرھى 14 >