< قانۇن‭ ‬شەرھى 10 >

شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاينى ئويۇپ چىقىپ، تاغقا يېنىمغا كەل. ئۆزۈڭگە ياغاچتىن بىر ساندۇق ياسىغىن. 1
مەن بۇ تاختايلارغا سەن چېقىۋەتكەن ئاۋۋالقى تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يازىمەن؛ سەن ئۇلارنى ساندۇققا قويىسەن» ــ دېدى. 2
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم، ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاي ئويۇپ چىقتىم؛ ئىككى تاختاينى قولۇمدا كۆتۈرۈپ تاغقا چىقتىم. 3
پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئوت ئىچىدىن تاغدا جامائەت يىغىلغان كۈندە سىلەرگە ئېيتقان شۇ ئون ئەمرنى ئاۋۋالقى پۈتۈكتەك تاختايلارغا يازدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ماڭا تاپشۇردى. 4
مەن بۇرۇلۇپ تاغدىن چۈشۈپ تاختايلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا قويدۇم؛ پەرۋەردىگار ماڭا تاپىلىغىنىدەك ئۇلار تېخى ئۇنىڭدا تۇرماقتا. 5
شۇ چاغدا ئىسرائىللار بەئەروت-بەنە-يائاكاندىن موسەراھقا يول ئېلىپ ماڭدى؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلدى ۋە شۇ يەردە دەپنە قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىنلىق قىلدى. 6
ئىسرائىللار شۇ يەردىن گۇدگوداھقا، ئاندىن گۇدگوداھتىن يوتباتاھقا سەپەر قىلدى (يوتباتاھ ئېرىق-ئېقىنى مول يەردۇر). 7
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە لاۋىي قەبىلىسىنى ئۆزىگە تاللاپ ئايرىدى. ۋە بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. 8
شۇڭا لاۋىي قەبىلىسىنىڭ [ئىسرائىل] قېرىنداشلىرى ئىچىدە نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭ مىراسىدۇر. 9
مەن ئەمدى ئاۋۋالقى كۈنلەردىكىدەك قىرىق كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغدا تۇردۇم؛ پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ تىلىكىمگە قۇلاق سالدى؛ ئۇ سىلەرنى يوقاتمىدى. 10
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، خەلقنى باشلاپ ئالدىدا يول ئالغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىشقا ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرسۇن» ــ دېدى. 11
ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ــ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ــ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟ 12
13
مانا، ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا مەنسۇپتۇر؛ يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. 14
ھالبۇكى، پەرۋەردىگار پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارنى سۆيدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكىدەك بارلىق ئەللەر ئارىسىدىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كېيىنكى نەسلىنى، يەنى سىلەرنى تاللىدى. 15
شۇڭا كۆڭلۈڭلارنى خەتنىلىك قىلىڭلار، بوينۇڭلارنى يەنە قاتتىق قىلماڭلار. 16
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار خۇدالارنىڭ خۇداسى، رەبلەرنىڭ رەببى، ئۇلۇغ ئىلاھ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولغۇچى، ئىنسانلارنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىغۇچى، ھېچقانداق پارىنى ئالمىغۇچىدۇر؛ 17
ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر. 18
شۇڭا سىلەرمۇ مۇساپىرنى سۆيۈشۈڭلار كېرەك؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر ئىدىڭلار. 19
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن؛ سەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولغىن، ئۇنىڭغا باغلانغىن ۋە [پەقەت] ئۇنىڭ نامىدىلا قەسەم ئىچكىن. 20
ئۇ سەن ئۈچۈن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن بۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇ سەن مەدھىيىلەيدىغان، سېنىڭ خۇدايىڭدۇر؛ 21
ئاتا-بوۋىلىرىڭ جەمئىي يەتمىش جان مىسىرغا چۈشكەنىدى؛ ۋە ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى. 22

< قانۇن‭ ‬شەرھى 10 >