< دانىيال 9 >

مېدىئالىق ئاھاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئۇسنىڭ بىرىنچى يىلىدا (ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلىندى) 1
يەنى تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى مەنكى دانىيال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشۇم بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزگەن كالام-بېشارىتى بويىچە، يېروسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلى يەتمىش يىل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 2
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەب خۇدايىمغا روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈل-توپىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدىم. 3
مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم! 4
بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق؛ رەزىللىك بىلەن سېنىڭ ئەمر-ھۆكۈملىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، 5
شۇنداقلا سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتكۈل زېمىندىكى خەلققە سۆز-كالامىڭنى يەكۈزگەن قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرگە زادى قۇلاق سالمىدۇق. 6
ئى رەب، ھەققانىيەت سەندىلا تېپىلىدۇ، لېكىن ساڭا ئاسىيلىق ۋە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، بىزگە، يەنى يەھۇدالارغا، يېروسالېمدىكىلەرگە ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا، يېقىندا بولسۇن، يىراقتا بولسۇن، سەن بىزلەرنى سۈرگۈنلۈككە ھەيدىۋەتكەن بارلىق يۇرتلاردا بولسۇن، پەقەت بۈگۈنكىدەك يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىكلا قالدى. 7
ئى رەب، بىزگە، يەنى پادىشاھلىرىمىزغا، ئەمىرلىرىمىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىك قالدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 8
ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ. 9
بىز سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىمىزغا قويغان قانۇن-ھۆكۈملىرىڭدە ھېچ ماڭمىدۇق. 10
پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاۋازىڭغا قۇلاق سالماي سېنىڭدىن يۈز ئۆرىدى. دەرۋەقە، سېنىڭ قۇلۇڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەن لەنەت ھەمدە ئۇنىڭ قەسەميادىدىكى جازالار ئۈستىمىزگە ياغدۇرۇلدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 11
سەن ئۆزۈڭ بىزگە ۋە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمدارلىق قىلغۇچىمىزغا قارىتا دېگەنلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ بىزگە زور ئېغىر كۈلپەتنى كەلتۈردۈڭ؛ چۈنكى يېرۇسالېمدا قىلىنغان ئىشلار ئاسمان ئاستىدىكى ھەرقانداق باشقا يۇرتتا ئەزەلدىن قىلىنغان ئەمەس! 12
مۇساغا تاپىلانغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك، بۇ پۈتۈن كۈلپەت بىزگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، لېكىن بىز قەبىھلىكلىرىمىزدىن قول ئۈزۈپ، ھەقىقىتىڭنى چۈشىنىپ يېتىدىغان قىلغايسەن دەپ تېخىچە سەندىن ئىلتىپاتىڭنى ئۆتۈنمىدۇق. 13
دەرۋەقە سەن پەرۋەردىگار شۇ كۈلپەتنى تەييارلاپ ساقلاپ، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشۈردۇڭ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بارلىق قىلغان ئىشلىرىڭدا ئادىل بولۇپ كەلدىڭ؛ بىراق ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. 14
ئەمدى، ئۆز كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، شۇڭلاشقا بۈگۈنكىدەك ئۆزۈڭگە نام-شۆھرەت تىكلىدىڭ، ئى رەب خۇدايىمىز، ــ بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، بىز رەزىللىك قىلدۇق! 15
ئۆتۈنىمەن، ئى رەب، پۈتكۈل ھەققانىيلىقىڭغا ئۇيغۇن، يېرۇسالېم شەھىرىڭگە، يەنى مۇقەددەس تېغىڭغا بولغان قەھر-غەزىپىڭنى توختاتقايسەن! چۈنكى بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغان قەبىھلىكلىرىنىڭ ۋەجىدىن، يېرۇسالېم ۋە خەلقىڭ بارلىق ئەتراپتىكىلىرىمىزنىڭ ھاقارەت ئوبيېكتى بولۇپ قالدۇق. 16
ئەمدى ئى خۇدايىمىز، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ۋەيران قىلىنغان مۇقەددەس جايىڭنى جامالىڭنى كۆرسىتىپ يورۇتقايسەن. 17
ئى خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن! بىزنىڭ ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە نەزەر سالغايسەن! بىزنىڭ ساڭا ئىلتىجا قىلغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ زور رەھىمدىللىقلىرىڭغا تايانغانلىقىمىز سەۋىبىدىندۇر. 18
ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!». 19
مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ، 20
تېخى دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، دەسلەپتە ماڭا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم. ئۇ كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتى ئىدى. 21
جەبرائىل ماڭا ئەقىل بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى دانىيال، مەن سېنى يورۇتۇپ، ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا كەلدىم. 22
سەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىشىڭ بىلەنلا، جاۋاب-كالام بېرىلدى؛ سەن ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم بولغاچقا، مەن ساڭا ئۇنىڭ جاۋاب-كالامىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم. ئەمدى بۇ جاۋاب-كالام ئۈستىدە پۇختا ئويلانغىن، غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەنگىن: 23
ــ «[خۇدا] تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر. 24
شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ. 25
بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر. 26
ئۇ [ئەمىر خۇدانىڭ] خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاخىرقى بىر «يەتتە ۋاقىت»تا بىر [دوستلۇق] ئەھدىسنى تاكامۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ۋاقىت»نىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەرنى سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» [مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئېگىز جايىغا قويۇلىدۇ. تاكى بالايىئاپەت، [يەنى خۇدا] بېكىتكەن كۈلپەت ۋەيران قىلغۇچى كىشىنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ». 27

< دانىيال 9 >