< دانىيال 6 >

پادىشاھ دارىئۇس پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بىر يۈز يىگىرمە ۋەزىرنى ھەرقايسى يۇرتلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆردى. 1
И бысть угодно пред царем, и постави во царстве князей сто и двадесять, еже быти им во всем царстве его,
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ بۇ ۋەزىرلەرنى نازارەت قىلىپ، بۇ ۋەزىرلەرنىڭ ھېسابىنى ئېلىش، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىسۇن دەپ دانىيال ۋە باشقا ئىككى كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. 2
над ними же три чиновники, от нихже бе Даниил един, дабы отдавали им князи слово, яко да царю не стужают.
دانىيالدا ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت بار بولغاچقا، ئۇ باشقا نازارەتچىلەردىن ۋە ۋەزىرلەردىن ئىقتىدارلىق چىقتى. شۇڭا پادىشاھ ئۇنى پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىمەكچى بولدى. 3
И бе Даниил над ними, яко дух бяше преизюбилен в нем, и царь постави его над всем царством своим.
شۇنىڭ بىلەن باشقا نازارەتچى ۋە ۋەزىرلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى مەمۇرىي ئىشلىرىدىن سەۋەنلىك ئىزدىدى. لېكىن ئۇلار ئەرز قىلغۇدەك ھېچقانداق باھانە-سەۋەب ياكى سەۋەنلىك تاپالمىدى. چۈنكى دانىيال دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىلچە كەمچىلىك ياكى سەۋەنلىك چىقىرالمىغانىدى. 4
Чиновницы же и князи искаху вины обрести на Даниила: и всякия вины и соблазна и греха не обретоша на него, яко верен бяше.
شۇڭا شۇ ئادەملەر ئۆزئارا: ــ دانىيالنىڭ خۇداسىنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭدىن ئەيىبلىگۈدەك ھېچقانداق باھانە تاپالمايمىز، ــ دېيىشتى. 5
И реща чиновницы не обрящем на Даниила вины, аще не в законех Бога его.
شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ پادىشاھ دارىئۇس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 6
Тогда чиновницы и князи предсташа царю и реша ему: Дарие царю, во веки живи:
ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق؛ ھەرقانداق كىشى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق ئىلاھقا ھەرقانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ۋە ياكى ھەرقانداق كىشىدىن بىر نەرسە تىلەشكە رۇخسەت بولمىسۇن، ئى ئالىيلىرى، پەقەت سىلىدىنلا تىلىشى رۇخسەت بولسۇن دېگەن شاھانە يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى لايىق كۆردۇق. بۇ پەرمان قەتىي بولسۇن، كىمكى بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن! 7
совещаша вси иже во царстве твоем воеводы и князи, ипати и обладающии странами, еже уставити устав царский и укрепити предел, яко аще кто попросит прошения от всякаго бога и человека до дний тридесяти, разве точию от тебе, царю, да ввержен будет в ров левский:
ئەمدى، ئى ئالىيلىرى بۇ پەرماننى بېكىتىپ چۈشۈرگەيلا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلمەسلىكى ئۈچۈن يارلىقنامىگە ئىمزا قويغايلا؛ چۈنكى مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە، پەرمان چىقىرىلىشى بىلەنلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېدى. 8
ныне убо, царю, устави предел и положи писание, яко да не изменится заповедь Мидска и Персска, (да никтоже преступит ея).
شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرماننى بېكىتىپ يارلىقنامىغا قول قويدى. 9
Тогда царь Дарий повеле вписати заповедь.
دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى. 10
Даниил же егда уведе, яко заповедь вчинися, вниде в дом свой: дверцы же отверсты ему в горнице его противу Иерусалима, в три же времена дне бяше прекланяя колена своя, моляся и исповедаяся пред Богом своим, якоже бе творя прежде.
لېكىن ھېلىقى ئادەملەر بىللە كېلىپ دانىيالنىڭ خۇداغا دۇئا ۋە تىلاۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. 11
Тогда мужие онии наблюдоша и обретоша Даниила просяща и молящася Богу своему,
ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەرمان توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى: ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھدىن ياكى ھەرقانداق ئىنساندىن بىرەر نېمىنى تىلىگەن ھەرقانداق كىشى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دېگەن بىر پەرمانغا ئىمزا قويغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پادىشاھ: ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە پەرماننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ــ دېدى. 12
и пришедше реша пред царем: царю, не вчинил ли еси ты предела, яко да всяк человек, иже аще попросит у всякаго бога и человека прошения до тридесяти дний, но точию у тебе, царю, да ввержется в ров левск? И рече царь: истинно слово, и заповедь Мидска и Персска не мимоидет.
ئاندىن ئۇلار پادىشاھقا جاۋابەن: ــ يەھۇدادىن ئەسىر ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردىن ھېلىقى دانىيال، ئى ئالىيلىرى، سىلىنى ۋە سىلى ئىمزا قويغان پەرماننى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 13
Тогда отвещаша пред царем и глаголаша: Даниил, иже от сынов плена Иудейска, не покорися заповеди твоей (и не раде) о пределе, егоже вчинил еси: в три бо времена дне просит у Бога своего прошений своих.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۆز-ئۆزىگە كايىپ، كۆڭۈل قويۇپ دانىيالنى قۇتقۇشۇشقا ئامال تاپماقچى بولۇپ، ئۇ كۈن پاتقۇچە ھەرخىل قۇتقۇزۇش ئامالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈردى. 14
Тогда царь, яко слышав слово сие, зело опечалися о нем, и о Данииле пряшеся еже избавити его, и бе даже до вечера пряся еже избавити его.
لېكىن ئاخىردا ئۇ كىشىلەر يەنە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، مېدىئالار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى دەل شۇكى، پادىشاھنىڭ بېكىتكەن ھەرقانداق قارارى ياكى پەرمانىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېيىشتى. 15
Тогда мужие онии глаголаша царю: веждь, царю яко Мидом и Персом не леть есть пременити всякаго предела и устава, егоже царь уставит.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمر قىلىشى بىلەن دانىيال تۇتۇپ كېلىنىپ، شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. پادىشاھ دانىيالغا: ــ سەن ئۈزۈلدۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزىۋالىدۇ! ــ دېدى. 16
Тогда царь рече, и приведоша Даниила и ввергоша его в ров левск. И рече царь Даниилу: Бог твой, Емуже ты служиши присно, Той избавит тя.
بىر تاش ئېلىنىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئۇنىڭ بىلەن ئېتىلدى؛ دانىيالنىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن دەپ ئۇنى پادىشاھ ئۆز مۆھۈرى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرى بىلەن مۆھۈرلىدى. 17
И принесоша камень един и возложиша на устие рва, и запечата царь перстнем своим и перстнем вельмож своих, да не изменится деяние о Данииле.
ئاندىن پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ كېچىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزدى؛ ئۆزىنىڭ توقال-كېنىزەكلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمىدى، ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. 18
И отиде царь в дом свой и ляже без вечери, и яди не внесоша к нему: и сон отступи от него. И заключи Бог уста львом, и не стужиша Даниилу.
تاڭ ئېتىشى بىلەنلا پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە باردى. 19
Тогда царь воста заутра на свете и со тщанием прииде ко рву левску.
پادىشاھ ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىپ ئازابلانغان ھالدا دانىيالنى چاقىرىپ: ــ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قۇلى، سەن ئۈزۈلمەس ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزىۋالمىدىمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى. 20
И егда приближися ко рву, возопи гласом крепким: Данииле, рабе Бога живаго! Бог твой, Емуже ты служиши присно, возможе ли избавити тя из уст львовых?
دانىيال جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! 21
И рече Даниил цареви: царю, во веки живи:
خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. 22
Бог мой посла Ангела Своего и затвори уста львов, и не вредиша мене, яко обретеся пред Ним правда моя, и пред тобою, царю, согрешения не сотворих.
بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى. 23
Тогда царь вельми возвеселися о нем и рече Даниила извести из рва. И изведен бысть Даниил из рва, и всякаго тления не обретеся на нем яко верова в Бога своего.
ئاندىن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈردى، [نەۋكەرلىرى] دانىيالنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بالا-چاقىلىرى ۋە خوتۇنلىرى بىلەن قوشۇپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلىۋەتتى. ئۇلار ئۆڭكۈر تېگىگە چۈشۈپ بولمايلا شىرلار ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ چايناپ قىيما-چىيما قىلىۋەتتى. 24
И рече царь, и приведоша мужы оклеветавшыя Даниила и в ров левск ввергоша я и сыны их и жены их: и не доидоша дна рва, даже соодолеша им львы и вся кости их истончиша.
شۇ ئىشتىن كېيىن دارىئۇس پادىشاھ يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەممە تائىپىلەر، ھەر تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق پۈتۈك چۈشۈردى: ــ «ھەممىڭلارغا ئامانلىق ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! 25
Тогда Дарий царь написа всем людем, племеном, языком, живущым во всей земли: мир вам да умножится:
مەن ئۇشبۇ يارلىقنى چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر يۇرتتىكى پۇقرالار دانىيالنىڭ خۇداسى ئالدىدا تىترەپ قورقسۇن! ــ چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈ مۇستەھكەم ئۆزگەرمەستۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھالاك قىلىنماس، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە بولىدۇ. 26
от лица моего заповедася заповедь сия во всей земли царства моего, да будут трепещуще и боящеся от лица Бога Даниилова, яко Той есть Бог живый и пребываяй во веки, и царство Его не разсыплется, и власть Его до конца:
ئۇ بالايىقازادىن قوغدايدۇ ۋە قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئاسمانلاردىمۇ، يەر يۈزىدىمۇ ئالامەت-كارامەتلەرنى يارىتىدۇ، ئۇ دانىيالنى شىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى». 27
подемлет и избавляет, и творит знамения и чудеса на небеси и на земли, иже избави Даниила от уст львовых.
دانىيالنىڭ بولسا شۇ ئىشلاردىن كېيىن دارىئۇس ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، شۇنداقلا پارس پادىشاھى قۇرەش ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا ئىشلىرى راۋان يۈرۈشتى. 28
Даниил же управляше во царстве Дариеве и во царстве Кира Персянина.

< دانىيال 6 >