< دانىيال 5 >

بىر كۈنى پادىشاھ بەلشازار ئەمىر-ئېسىلزادىلەردىن مىڭ كىشىنى تەكلىپ قىلىپ كاتتا زىياپەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا شاراب ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت كەيپىنى سۈردى. 1
پادىشاھ بەلشازار شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇن-كېنىزەكلىرىنىڭ شارابنى ئاتىسى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن ئولجىغا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلاردا ئىچىشىگە، شۇ جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. 2
[نەۋكەرلەر] دەرھال بېرىپ خۇدانىڭ يېروسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئالتۇن جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقتى؛ پادىشاھنىڭ ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۇنىڭ خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرى ئۇلاردا شاراب ئىچتى. 3
ئۇلار شاراب ئىچكەچ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلەشتى. 4
دەل شۇ پەيتتە ئادەم قولىنىڭ بەش بارمىقى پەيدا بولۇپ، چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يازغان قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى كۆرۈپ، 5
چىرايى تاتىرىپ، كۆڭلىدە ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. پۇت-قوللىرى بوشىشىپ، پۇتلىرى تىترەپ كەتتى. 6
پادىشاھ قاتتىق ۋارقىراپ، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنى چاقىرىشنى بۇيرۇدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەن ھامان پادىشاھ ئۇلارغا: ــ كىمكى تامدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋە بېرىلىدۇ، ــ دېدى. 7
پادىشاھنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئوردىغا ھازىر بولدى؛ لېكىن ئۇلار نە خەتلەرنى ئوقۇيالمايتتى نە پادىشاھقا مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. 8
بەلشازار تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇپ، چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى. ئەمىر-ئېسىلزادىلەرمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. 9
پادىشاھ ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان خانىش زىياپەت زالىغا كىرىپ، پادىشاھقا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! ئالاقزادە بولۇپ كەتمىگەيلا، چىرايلىرى تاتىراپ كەتمىگەي. 10
پادىشاھلىقلىرىدا بىر كىشى بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار، ئاتىلىرى تەختتىكى ۋاقتىدا، بۇ كىشىدە يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئەقىل-پاراسەت، يەنى ئىلاھلارغا خاس ئەقىل-پاراسەت نامايان قىلىنغانىدى. ئاتىلىرى نېبوقادنەسار، يەنى پادىشاھ ئاتىلىرى ئۇنى پۈتۈن رەمچى-پالچىلار، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن. 11
بۇ كىشىدە ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت، بىلىم، ھېكمەت، چۈشلەرگە تەبىر بېرەلەيدىغان، تېپىشماقلارنى يېشەلەيدىغان ۋە تۈگۈن-سىرلارنى ئاچالايدىغان قابىلىيەت بار ئىدى. شۇ كىشىنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، پادىشاھ ئۇنىڭغا بەلتەشاسار دەپمۇ ئىسىم قويغان. شۇڭا بۇ دانىيال چاقىرتىلسۇن، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ. 12
شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى، پادىشاھ دانىيالدىن ــ: ــ پادىشاھ ئاتام يەھۇدا ئۆلكىسىدىن سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىكى ھېلىقى دانىيال سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، 13
ــ سەن توغرۇلۇق خەۋىرىم بار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى، شۇنداقلا يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەت بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم. 14
ئەمدى دانىشمەنلەر ۋە پىر-ئۇستازلارنى تامدىكى خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن دەپ ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىندى؛ لېكىن بۇ ئىشنىڭ سىرىنى ھېچقايسىسى يېشىپ بېرەلمىدى. 15
بىراق سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانمەنكى، سەن سىرلارنى چۈشەندۈرەلەيدىكەنسەن ۋە تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدىكەنسەن. ئەگەر بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيگۈزۈلىدۇ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىدۇ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئېرىشىسەن، ــ دېدى. 16
دانىيال پادىشاھقا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئالىيلىرىنىڭ ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن، مۇكاپاتلىرىنى باشقا كىشىگە بەرگەيلا. ئەمدىلىكتە مەن ئالىيلىرىغا بۇ خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەي. 17
ــ ئى ئالىيلىرى، ھەممىدىن ئالىي خۇدا ئاتىلىرى نېبوقادنەسارغا پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بەردى. 18
ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۇلۇغلۇقتىن ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەر ۋە ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ قورقۇپ تۇراتتى؛ ئۇ كىمنى خالىسا شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى خالىسا شۇنى تىرىك قوياتتى؛ كىمنى خالىسا شۇنى مەرتىۋىلىك قىلاتتى، كىمنى خالىسا شۇنى پەس قىلاتتى. 19
لېكىن ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ، روھ-قەلبىدە مەغرۇرلىنىپ مىجەزى تەرسالىشىپ، پادىشاھلىق تەختىدىن چۈشۈرۈلۈپ، ئىززىتىدىن مەھرۇم قىلىندى. 20
ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلدى. ئۇ ياۋا ئېشەكلەر بىلەن بىللە ماكانلىشىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يېگۈزۈلدى، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى، تاكى ئۇ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە شۇ ھالەتتە بولدى. 21
ئەي بەلشازار، نېبوقادنەسارنىڭ ئوغلى تۇرۇپ ئۆزلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلمىدىلا. 22
ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا. 23
شۇڭا، خۇدا بۇ قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى ئەۋەتىپ بۇ خەتلەرنى يازدۇردى. 24
بۇ خەتلەر: «مېنې، مېنې، تەكەل، ئۇپھارسىن» دېگەندىن ئىبارەت. 25
بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: ــ «مېنې» ــ خۇدا سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، ئۇنى ئاياغلاشتۇردى. 26
«تەكەل» ــ سىلى تارازىدا تارتىلىۋىدىلا، كەم چىقتىلا. 27
«پەرەس» ــ پادىشاھلىقلىرى پارچىلىنىپ، مېدىئالىقلار بىلەن پارسلارغا تەۋە قىلىندى. 28
شۇنىڭ بىلەن بەلشازار دەرھال نەۋكەرلىرىگە ئەمر قىلىۋىدى، ئۇلار دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك توننى كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىرنى ئېسىپ قويدى؛ ئۇ ئۇ توغرۇلۇق: «پادىشاھلىق ئىچىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولسۇن» دەپ جاكارلىدى. 29
شۇ كېچە كالدىيلەرنىڭ پادىشاھى بەلشازار ئۆلتۈرۈلدى. 30
پادىشاھلىق بولسا مېدىئالىق دارىئۇسنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ تەخمىنەن ئاتمىش ئىككى ياشتا ئىدى. 31

< دانىيال 5 >