< دانىيال 2 >

نېبوقادنەسار تەختكە ئولتۇرۇپ ئىككىنچى يىلى، بىرنەچچە چۈش كۆردى؛ ئۇنىڭ روھى پاراكەندە بولۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. 1
شۇڭا پادىشاھ رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، جادۇگەر ۋە كالدىي مۇنەججىملەرنى چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشكە چاقىرىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. 2
پادىشاھ ئۇلارغا: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە كۆڭلۈم ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ، ــ دېدى. 3
ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قېنى كەمىنلىرىگە چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، بىز تەبىر بېرىمىز، ــ دېدى. 4
پادىشاھ كالدىيلەرگە: ــ مەندىن بۇيرۇق! سىلەر ئاۋۋال كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ ئاندىن تەبىر بېرىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار قىيما-چىيما قىلىۋېتىلىسىلەر، ئۆيۈڭلار ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ! 5
لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار مەندىن سوۋغاتلار، ئىنئاملار ۋە ئالىي ئىززەتتىن مۇيەسسەر بولىسىلەر. ئەمدى چۈشۈمنى ئېيتىڭلار، تەبىر بېرىڭلار! ــ دېدى. 6
ئۇلار پادىشاھقا يەنە بىر قېتىم: ــ ئالىيلىرى چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، ئاندىن ئۆزلىرىگە تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ــ دېدى. 7
بۇ چاغدا پادىشاھ جاۋابەن: ــ شۈبھىسىزىكى، سىلەر پەرمانىمدىن قايتمايدىغىنىمنى بىلگەچكە، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈۋاتىسىلەر. 8
لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەرمىسەڭلار، سىلەرگە پەقەت بۇيرۇقۇملا قالىدۇ. چۈنكى سىلەر ۋاقىت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ بىلىپ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلىپ مېنى ئالدىماقچى بولىسىلەر. شۇڭا چۈشۈمنى ئېيتساڭلار، ئاندىن چۈشۈمگە ھەقىقەتەن تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارنى شۇ چاغدىلا بىلىمەن، ــ دېدى. 9
كالدىيلەر پادىشاھقا جاۋابەن: ــ دۇنيادا ئالىيلىرىنىڭ سورىغان ئىشىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچبىر ئادەم يوقتۇر. ھېچقانداق پادىشاھ، ئۇنىڭ قانداق ئۇلۇغ ياكى كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز ياكى كالدىي مۇنەججىملەرگە مۇنداق تەلەپنى قويغان ئەمەس. 10
چۈنكى ئالىيلىرىنىڭ سورىغانلىرى ھەقىقەتەن ئالامەت مۈشكۈل، ئىلاھلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇنى ئايان قىلالمايدۇ. لېكىن ئىلاھلارنىڭ ماكانى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەمەس، ــ دېدى. 11
پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئاچچىقلانغان ھالدا، بابىل ئوردىسىدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. 12
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. شۇڭا [خىزمەتكارلىرى] دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىدى. 13
شۇ چاغدا دانىيال بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمرىنى ئىجرا قىلغىلى چىققان پادىشاھنىڭ خۇسۇسىي مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئارىئوققا ئاقىلانە ۋە دانىشمەنلەرچە جاۋاب قايتۇرۇپ 14
ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھنىڭ چۈشۈرگەن پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىددىي؟ ــ دەپ سورىدى. ئارىئوق ئەھۋالنى دانىيالغا ئېيتىپ بەردى. 15
دانىيال دەرھال پادىشاھ ئالدىغا كىرىپ، پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 16
ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ، ئەھۋالنى دوستلىرى ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا ئېيتىپ بەردى. 17
ئۇ ئۇلاردىن ئەرشتىكى خۇدادىن بۇ چۈشنىڭ شىرى توغرۇلۇق رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا قىلىپ، مەن دانىيال ۋە دوستلىرىم تۆتىمىزنىڭ بابىلدىكى باشقا دانىشمەنلەر بىلەن بىللە ھالاك قىلىنماسلىقىمىزنى تىلەڭلار، دەپ تەلەپ قىلدى. 18
ئاندىن كېچىدە دانىيالغا غايىبانە كۆرۈنۈشتە شۇ سىرنىڭ يېشىمى ۋەھىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇپ مۇنداق دېدى: 19
«خۇدانىڭ نامى ئەبەدىلئەبەد مەدھىيىلەنگەي! چۈنكى دانالىق ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭكىدۇر. 20
ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ. 21
ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان ئىشلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، نۇر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر. 22
ئى ماڭا دانالىق ۋە كۈچ بەرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى، ساڭا شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالار ئېيتاي! سەن ھازىرلا بىز دۇئا قىلغان ئىشنى ماڭا ئاشكارىلىدىڭ، پادىشاھنىڭ سورىغان ئىشىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردىڭ». 23
ئاندىن دانىيال پادىشاھ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە تەيىنلىگەن ئارىئوقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرمىگەيلا. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرگەيلا، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەي، ــ دېدى. 24
ئارىئوق شۇئان دانىيالنى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ، پادىشاھقا: ــ «مەن يەھۇدىي ئەسىرلەر ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىر كىشىنى تاپتىم» ــ دېدى. 25
پادىشاھ دانىيال (بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا: «سەن مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمنى ئايان قىلىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلەمسەن؟ ــ دېدى. 26
دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى سورىغان بۇ سىرنى دانىشمەن، پىر-ئۇستاز، رەمچى-پالچى ۋە مۇنەججىملار ئۆزلىرىگە يېشىپ بېرەلمەيدۇ. 27
بىراق ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى بىر خۇدا بار. ئۇ بولسا ئالىيلىرىغا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنى، يەنى ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېرەي: ــ 28
ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇخلاشقا ياتقاندا كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىلا. سىرلارنى بىردىنبىر ئاشكارىلىغۇچى ئۆزلىرىگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتتى. 29
ماڭا كەلسەك، بۇ سىرنىڭ ماڭا ئايان قىلىنغىنى مېنىڭ باشقا جان ئىگىلىرىدىن ئارتۇق ھېكمەتكە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى، شۇنداقلا شاھ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئويلىرىنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈندۇر. 30
ــ ئەي ئالىيلىرى، سىلى غايىبانە ئالامەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرغان گىگانت بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەل ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇپ، زور نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى. 31
ھەيكەلنىڭ بېشى ئېسىل ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە قوللىرى كۈمۈشتىن، بەل ۋە ساغرىلىرى مىستىن، 32
يۇتا-پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان. 33
ئۆزلىرى ئۇنى كۆرۈۋاتقان چاغلىرىدا، ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاش كېلىپ ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتىنى چېقىۋەتتى. 34
ئۇنىڭدىكى تۆمۈر، لاي، مىس، كۈمۈش، ئالتۇنلار شۇئان پارچە-پارچە قىلىنىپ، شامال ئۇلارنى بەئەينى يازلىق خاماندىكى توپىلارنى ئۇچۇرغاندەك، قايتا ھېچ تېپىلمىغۇدەك قىلىپ ئۇچۇرىۋەتتى. لېكىن ھېلىقى تاش يوغىناپ، پۈتكۈل جاھاننى قاپلىغان غايەت زور بىر تاغقا ئايلاندى. 35
كۆرگەن چۈشلىرى مانا شۇدۇر. ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز. 36
ئەي ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پۈتكۈل پادىشاھلارنىڭ بىر پادىشاھى، ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە پادىشاھلىق، نوپۇز، كۈچ ۋە شۆھرەت ئاتا قىلدى. 37
ئىنسان بالىلىرى، ھايۋاناتلار، ئۇچار-قاناتلار مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۇلارنى قوللىرىغا تاپشۇرۇپ سىلىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاكىم قىلدى. سىلى ئۇ ھەيكەلنىڭ ئالتۇن بېشىدۇرسىلا. 38
ئۆزلىرىدىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق، يەنى مىس پادىشاھلىق كېلىپ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدۇ. 39
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆتىنچى پادىشاھلىق بولسا تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. تۆمۈر بارلىق باشقا نەرسىلەرنى چېقىۋېتىپ بويسۇندۇرغىنىدەك، شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تۆمۈر پادىشاھلىق ئۆز ئالدىنقى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىنى ئېزىپ چېقىۋېتىدۇ. 40
ئۆزلىرى كۆرگەندەك تۆمۈر بىلەن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇت ۋە بارماقلار بۇ پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنمە بولۇپ كېتىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ پادىشاھلىق تۆمۈردەك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى سىلى كۆرگەندەك، تۆمۈر بىلەن لاي ئارىلاشقان. 41
تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتنىڭ بارماقلىرى ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 42
ئۆزلىرى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆردىلە. بۇ ئۇ [پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمدارلىرى پادىشاھلىقنىڭ] پۇقرالىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تۆمۈر لاي بىلەن ئارىلاشمىغاندەك، بىرلىشىپ كېتەلمەيدۇ. 43
ئۇ [ئاخىرقى] پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ. 44
ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە. شۇڭا ئۇلۇغ خۇدا ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرگەن. كۆرگەن چۈشلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بېرىلگەن تەبىر مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر. 45
ئاندىن پادىشاھ نېبوقادنەسار ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دانىيالغا سەجدە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىپ خۇشپۇراق-ئىسرىق سېلىشنى ئەمر قىلدى. 46
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ دەرۋەقە، سېنىڭ خۇدايىڭ ئىلاھلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھ، پادىشاھلارنىڭ خوجىسى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى ئىكەن، چۈنكى سەن بۇ سىرنى يەشتىڭ! ــ دېدى. 47
ئاندىن پادىشاھ دانىيالنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېسىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇنى پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىگە ھاكىم بولۇشقا تەيىنلىدى ۋە ئۇنى بابىلدىكى دانىشمەن-ئەقىلدارلارنىڭ باش ئاقساقىلى قىلدى. 48
دانىيالنىڭ پادىشاھتىن تەلەپ قىلىشى بىلەن، پادىشاھ شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىدى. دانىيال ئۆزى ئوردا خىزمىتىدە قالدى. 49

< دانىيال 2 >