< دانىيال 12 >

ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. 1
تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. 2
ئاقىللار ئاسماندىكى گۈمبۈزدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ». 3
ئۇ ماڭا يەنە: ــ ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات؛ مەزكۇر كىتابنىڭ تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇ پېتى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى پىچەتلەپ مۆھۈرلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ، ــ دېدى. 4
مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ. 5
ئۇلاردىن بىرى دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان ئاق كاناپ كىيىم كىيگەن زاتتىن: ــ بۇ كارامەت ئىشلار تۈگىگىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 6
ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ. [خۇدانىڭ] مۇقەددەس خەلقىنى پارچىلىغۇچى خورلۇق ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلار تۈگەيدۇ، ــ دېدى. 7
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: ــ تەقسىر، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم. 8
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ. 9
نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. رەزىللەر بولسا، داۋاملىق رەزىللىك قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچكىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق ئاقىللار چۈشىنىدۇ. 10
كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كۈندىن تارتىپ، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» قويۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ. 11
ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 12
ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن، ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن». 13

< دانىيال 12 >