< دانىيال 10 >

قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. 1
ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم. 2
ئۈچ ھەپتىگىچە ھېچقانداق نازۇ-نېمەت يېمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم. 3
بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، مەن ئۇلۇغ دەريا، يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، 4
بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. 5
ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىرلاپ، كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان ئوتتەك چاقنايتتى؛ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى پارقىراپ تۇرىدىغان مىستەك ۋالىلدايتتى؛ ئاۋازى زور بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلايتتى. 6
غايىبانە كۆرۈنۈشنى يالغۇز مەنكى دانىياللا كۆردۈم، يېنىمدىكىلەر ئالامەتنى كۆرمىگەنىدى. ئەمما زور بىر ۋەھىمە ئۇلارنى بېسىپ، ئىنتايىن تىترەپ كېتىشتى، مۆكۈنۈۋالغۇدەك يەرنى ئىزدەپ قېچىپ كەتتى. 7
ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز قېلىپ بۇ كارامەت غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. قىلچە ماغدۇرۇم قالمىدى، چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ئۆلۈك ئادەمدەك بولۇپ قالدىم، پۇت-قوللىرىمدا بىرئازمۇ ماغدۇر قالمىدى. 8
لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم، ھوشۇمدىن كەتتىم. 9
مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى. 10
شۇ زات ماڭا: ــ ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. 11
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم. 12
لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. 13
مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر». 14
ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم. 15
مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم. 16
تەقسىرىمنىڭ كەمىنە قۇللىرى قانداقمۇ سىلى تەقسىرىم بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالايتتىم؟ چۈنكى ھازىرلا ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپەسىم ئۈزۈلىدۇ، ــ دېدىم. 17
ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى 18
ۋە: ــ ئى ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم، قورقما! ساڭا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي. غەيرەتلىك بول، ئەمدى غەيرەتلىك بول! ــ دېدى. ئۇ شۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: ــ تەقسىر يەنە سۆز قىلغايلا، چۈنكى سىلى ماڭا ماغدۇر كىرگۈزدىلا، ــ دېدىم. 19
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قېشىڭغا نېمىگە كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى قايتىپ بېرىپ، «پارستىكى ئەمىر» بىلەن جەڭ قىلىمەن؛ مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، «گرېتسىيەدىكى ئەمىر» مەيدانغا چىقىدۇ. 20
لېكىن مەن بېرىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ۋەھىيلەرنى مەن ساڭا بايان قىلىمەن. بۇ ئىشلاردا سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق. 21

< دانىيال 10 >