< كولوسسىلىكلەرگە 1 >

خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىنداش تىموتىيدىن، كولوسسى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى سادىق قېرىنداشلارغا سالام! خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي! 1
2
بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛ 3
4
سىلەر ئىلگىرى بۇ ئۈمىد توغرىسىدا خۇش خەۋەردىكى ھەقىقەت سۆزلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغانسىلەر؛ 5
بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل جاھانغا يېتىپ كېلىپ مېۋە بېرىپ ئاۋۇماقتا، شۇنداقلا سىلەرگىمۇ يېتىپ كېلىپ، سىلەر ئۇنى ئاڭلاپ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتكەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئۇ سىلەردىمۇ مېۋە بېرىپ ئاۋۇپ بارماقتا؛ 6
سىلەر خۇش خەۋەرنى سۆيۈملۈك ئىشدىشىمىز ئەپافراستىن ئۆگەنگەنسىلەر؛ ئۇ ياردىمىزدە مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتچىسىدۇر؛ 7
ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ روھتا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ئايان قىلدى. 8
بۇ سەۋەبتىن بىزمۇ بۇنىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىشنى توختاتمىدۇق؛ تىلەيدىغىنىمىز شۇكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەرتەرەپلىك دانالىق ۋە روھىي يورۇتۇلۇش بىلەن سىلەردە تولۇق بىلدۈرۈلسۇن. 9
شۇنداق بولغاندا سىلەر رەبگە لايىق ھالدا ھەرتەرەپتە خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلاردا مېۋە بەرگەندە، خۇدانى ھەقىقىي بىلىشىڭلار ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىسىلەر؛ 10
بىزنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ يورۇقلۇقتا بولغان مىراسىغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق قىلغان ئاتىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك قۇدرىتى بويىچە ھەرتەرەپلىك كۈچ بىلەن ھەر ئىشلاردا شادلىققا تولۇپ چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا كۈچلەندۈرۈلىسىلەر. 11
12
ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛ 13
ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق. 14
ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ 15
چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 16
ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛ 17
ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. 18
چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، 19
ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى، يەنى، ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق ئىناقلىق ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ــ ئۇ ئارقىلىق مەيلى زېمىندا بولسۇن، ئەرشلەردە بولسۇن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى؛ 20
ۋە ئەسلىدە رەزىل ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يات قىلىنغان، كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك بولغان سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان 21
22
(ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار)؛ بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى كائىناتتا جاكارلانغان؛ مەنكى پاۋلۇس ئۇنىڭغا خىزمەتچى قىلىندىم. 23
ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛ 24
مەن [جامائەت] ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماڭا سىلەرنى دەپ تاپشۇرغان غوجىدارلىقى بويىچە خىزمەتچى قىلىندىم؛ 25
بۇ سۆز-كالامىدىكى سىر بارلىق ئەسىرلەردىن ۋە دەۋرلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان، ئەمما ھازىر مۇقەددەس بەندىلىرىگە ئاشكارىلاندى؛ (aiōn g165) 26
چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى؛ بۇ سىر بولسا شان-شەرەپكە ئېلىپ بارغۇچى ئۈمىد بولغان، سىلەردە تۇرۇۋاتقان مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر. 27
بىز ئۇنى جاكارلايمىز، ھەربىر ئادەمنى مەسىھدە كامالەتكە يەتكەن ھالدا خۇدا ئالدىدا ھازىر قىلىش ئۈچۈن بارلىق دانالىق بىلەن ھەربىر ئادەمگە جېكىلەيمىز، ھەربىر ئادەمگە تەلىم بېرىمىز. 28
مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى بويىچە كۈرەش قىلىپ جاپا تارتىمەن؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى دەرۋەقە تولىمۇ زوردۇر. 29

< كولوسسىلىكلەرگە 1 >