< كولوسسىلىكلەرگە 2 >

چۈنكى مەندە سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيەدىكىلەر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن نەقەدەر زور كۈرەشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سىلەرگە بىلگۈزمەكچىمەن؛ 1
Albowiem chcę, abyście wiedzieli jako wielką trudność mam o was i o tych, którzy są w Laodycei i którzykolwiek nie widzieli oblicza mego w ciele;
كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛ 2
Aby pocieszone były serca ich, będąc spojone miłością, a to ku wszelkiemu bogactwu zupełnego i pewnego wyrozumienia, ku poznaniu tajemnicy Boga i Ojca, i Chrystusa,
چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر. 3
W którym skryte są wszystkie skarby mądrości i umiejętności.
مېنىڭ بۇنى دېيىشىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى قايىل قىلارلىق سىلىق-سىپايە گەپلىرى بىلەن ئالدىماسلىقى ئۈچۈندۇر؛ 4
A toć mówię, aby was nikt fałszywemi dowodami nie oszukał przez wystawną mowę.
چۈنكى گەرچە تەن جەھەتىدىن سىلەردىن نېرى بولساممۇ، روھ جەھەتىدىن مەن سىلەر بىلەن بىللىمەن، سىلەرنىڭ سەپتە تۇرۇۋاتقىنىڭلارغا ۋە مەسىھگە باغلىغان ئېتىقادىڭلارنىڭ چىڭلىقىغا قاراپ شادلىنىمەن. 5
Bo aczkolwiek nie jestem obecny ciałem, ale duchem jestem z wami, radując się i widząc porządek wasz i utwierdzenie wiary waszej w Chrystusa;
مەسىھ، رەب ئەيسانى قانداق قوبۇل قىلغان بولساڭلار، شۇ ھالدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار، 6
Przetoż jakoście przyjęli Pana Jezusa Chrystusa, tak w nim chodźcie,
سىلەر تەلىم بېرىلگەندەك ئۇنىڭدا يىلتىز تارتىپ، ئېتىقادىڭلار قۇرۇلۇۋاتقان ھالدا، ئېتىقادتا خاتىرجەم قىلىنىپ، رەھمەت ئېيتىشلار بىلەن تاشقىنلاپ تۇرغۇچى بولۇڭلار؛ 7
Będąc wkorzenieni i wybudowani na nim, i utwierdzeni w wierze, jakoście się nauczyli, obfitując w niej z dziękowaniem.
ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛ 8
Patrzcież, żeby was kto sobie w korzyść nie obrócił przez filozofiję i przez próżne oszukanie, ucząc według ustawy ludzkiej, według żywiołów świata, a nie według Chrystusa,
چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛ 9
Gdyż w nim mieszka wszystka zupełność bóstwa cieleśnie.
ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛ 10
I jesteście w nim dopełnieni, który jest głową wszelkiego księstwa i zwierzchności,
سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن [گۇناھلىق] ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛ 11
W którym i obrzezani jesteście obrzezką nie ręką uczynioną, to jest, zewlekłszy ciało wszystkich grzechów ciała przez obrzezkę Chrystusową.
ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر. 12
Pogrzebieni z nim będąc w chrzcie; w którymeście też społem z nim wzbudzeni przez wiarę, którą sprawuje Bóg, który go wzbudził od umarłych.
ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، 13
I was, gdyście byli umarłymi w grzechach i nieobrzezce ciała waszego, wespół z nim ożywił, odpuściwszy wam wszystkie grzechy.
بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى. 14
Zmazawszy on, który był przeciwko nam, cyrograf w ustawach zależący, który nam był przeciwny, zniósł go z pośrodku, przybiwszy go do krzyża;
ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، [كرېستتە] ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى. 15
I złupiwszy księstwa i mocy, wiódł je na podziw, jawnie tryumfując z nich sam przez się.
ئەمدى ھېچكىمنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-بايراملار، «يېڭى ئاي» ياكى شابات كۈنلەر جەھەتلىرىدە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار؛ 16
Niechajże was tedy nikt nie sądzi dla pokarmu, albo dla napoju; albo z strony święta, albo nowiu miesiąca, albo sabatów,
بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر! 17
Które są cieniem rzeczy przyszłych, ale prawdą jest ciało Chrystusowe.
ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر [گۇناھلىق] ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛ 18
Niechaj was nikt wygranego zakładu nie osądza, który się dobrowolnie w pokorę i w służbę Aniołów, których nie widział, wdaje, próżno się nadymając z umysłu ciała swego.
ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر؛ لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا. 19
A nie trzymając się głowy Chrystusa, z którego wszystko ciało przez stawy i związania posiłek biorąc i wespół spojone będąc, rośnie wzrostem Bożym.
ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر 20
Jeźliście tedy umarli z Chrystusem żywiołom świata tego, przeczże się, jakobyście jeszcze żyli światu, ustawami bawicie?
21
Mówią niektórzy: Nie dotykaj się, ani kosztuj, ani ruszaj;
(بۇنداق [بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى] نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛ 22
Co wszystko kazi się samem używaniem, według przykazań i nauk ludzkich;
ئۇلاردا دەرۋەقە بىرخىل پىدائىيلارچە ئىبادەت، كىچىك پېئىللىق ۋە ئۆز تېنىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بولۇشنى دەۋەت قىلىش بولغاچقا، ئۇلاردا دانالىقنىڭ كۆرۈنۈشى بار؛ ئەمەلىيەتتە [بۇنداق دانالىقنىڭ] پايدىسى يوقتۇر ــ ئۇلار پەقەت ئەتتىكى ھەۋەسلەرگە يول قويىدۇلا، خالاس. 23
Które mają kształt mądrości w nabożeństwie dobrowolnie obranem i w pokorze, i w niefolgowaniu ciału; wszakże nie mają żadnej wagi, tylko do nasycenia ciała służą.

< كولوسسىلىكلەرگە 2 >