< كولوسسىلىكلەرگە 2 >
چۈنكى مەندە سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيەدىكىلەر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن نەقەدەر زور كۈرەشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سىلەرگە بىلگۈزمەكچىمەن؛ | 1 |
我なんぢら及びラオデキヤに居る人々、その他すべて我が肉體の顏をまだ見ぬ人のために、如何に苦心するかを汝らの知らんことを欲す。
كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛ | 2 |
かく苦心するは、彼らが心 慰められ、愛をもて相 列り、全き穎悟の凡ての富を得て、神の奧義なるキリストを知らん爲なり。
چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر. | 3 |
キリストには知慧と知識との凡ての寶 藏れあり。
مېنىڭ بۇنى دېيىشىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى قايىل قىلارلىق سىلىق-سىپايە گەپلىرى بىلەن ئالدىماسلىقى ئۈچۈندۇر؛ | 4 |
我これを言ふは、巧なる言をもて人の汝らを欺くこと勿らん爲なり。
چۈنكى گەرچە تەن جەھەتىدىن سىلەردىن نېرى بولساممۇ، روھ جەھەتىدىن مەن سىلەر بىلەن بىللىمەن، سىلەرنىڭ سەپتە تۇرۇۋاتقىنىڭلارغا ۋە مەسىھگە باغلىغان ئېتىقادىڭلارنىڭ چىڭلىقىغا قاراپ شادلىنىمەن. | 5 |
われ肉體にては汝らと離れ居れど、靈にては汝らと偕に居りて喜び、また汝らの秩序あるとキリストに對する信仰の堅きとを見るなり。
مەسىھ، رەب ئەيسانى قانداق قوبۇل قىلغان بولساڭلار، شۇ ھالدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار، | 6 |
汝らキリスト・イエスを主として受けたるにより、其のごとく彼に在りて歩め。
سىلەر تەلىم بېرىلگەندەك ئۇنىڭدا يىلتىز تارتىپ، ئېتىقادىڭلار قۇرۇلۇۋاتقان ھالدا، ئېتىقادتا خاتىرجەم قىلىنىپ، رەھمەت ئېيتىشلار بىلەن تاشقىنلاپ تۇرغۇچى بولۇڭلار؛ | 7 |
また彼に根ざしてその上に建てられ、かつ教へられし如く信仰を堅くし、溢るるばかり感謝せよ。
ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛ | 8 |
なんぢら心すべし、恐らくはキリストに從はずして人の言傳と世の小學とに從ひ、人を惑す虚しき哲學をもて汝らを奪ひ去る者あらん。
چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛ | 9 |
それ神の滿ち足れる徳はことごとく形體をなしてキリストに宿れり。
ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛ | 10 |
汝らは彼に在りて滿ち足れるなり。彼は凡ての政治と權威との首なり。
سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن [گۇناھلىق] ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛ | 11 |
汝らまた彼に在りて手をもてせざる割禮を受けたり、即ち肉の體を脱ぎ去るものにして、キリストの割禮なり。
ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر. | 12 |
汝らバプテスマを受けしとき、彼とともに葬られ、又かれを死人の中より甦へらせ給ひし神の活動を信ずるによりて、彼と共に甦へらせられたり。
ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، | 13 |
汝ら前には諸般の咎と肉の割禮なきとに因りて死にたる者なりしが、神は汝らを彼と共に生かし、我らの凡ての咎を赦し、
بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى. | 14 |
かつ我らを責むる規の證書、すなはち我らに逆ふ證書を塗抹し、これを中間より取り去りて十字架につけ、
ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، [كرېستتە] ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى. | 15 |
政治と權威とを褫ぎて之を公然に示し、十字架によりて凱旋し給へり。
ئەمدى ھېچكىمنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-بايراملار، «يېڭى ئاي» ياكى شابات كۈنلەر جەھەتلىرىدە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار؛ | 16 |
然れば汝ら食物あるひは飮物につき、祭あるいは月朔あるいは安息 日の事につきて、誰にも審かるな。
بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر! | 17 |
此 等はみな來らんとする者の影にして、其の本體はキリストに屬けり。
ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر [گۇناھلىق] ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛ | 18 |
殊更に謙遜をよそほひ御使を拜する者に、汝らの褒美を奪はるな。かかる者は見し所のものに基き、肉の念に隨ひて徒らに誇り、
ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر؛ لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا. | 19 |
首に屬くことをせざるなり。全體は、この首によりて節々 維々に助けられ、相 聯り、神の育にて生長するなり。
ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر | 20 |
汝 等もしキリストと共に死にて此の世の小學を離れしならば、何ぞなほ世に生ける者のごとく人の誡命と教とに循ひて
(بۇنداق [بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى] نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛ | 22 |
(此 等はみな用ふれば盡くる物なり)
ئۇلاردا دەرۋەقە بىرخىل پىدائىيلارچە ئىبادەت، كىچىك پېئىللىق ۋە ئۆز تېنىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بولۇشنى دەۋەت قىلىش بولغاچقا، ئۇلاردا دانالىقنىڭ كۆرۈنۈشى بار؛ ئەمەلىيەتتە [بۇنداق دانالىقنىڭ] پايدىسى يوقتۇر ــ ئۇلار پەقەت ئەتتىكى ھەۋەسلەرگە يول قويىدۇلا، خالاس. | 23 |
これらの誡命は、みづから定めたる禮拜と謙遜と身を惜まぬ事とによりて知慧あるごとく見ゆれど、實は肉 慾の放縱を防ぐ力なし。