< ئاموس 5 >

ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ سۆزنى، يەنى مەن سەن توغرۇلۇق ئوقۇيدىغان بىر مەرسىيەنى ئاڭلاپ قوي: ــ 1
«پاك قىز ئىسرائىل يىقىلدى؛ ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا تاشلانغان، ئۇنى تۇرغۇزۇپ يۆلىگۈچى يوقتۇر». 2
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ [ئىسرائىلنىڭ] مىڭ [لەشكەر] چىققان بىر شەھىرىنىڭ يۈز [لەشكىرىلا] تىرىك قالىدۇ؛ يۈز لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن ئون [لەشكىرىلا] تىرىك قالىدۇ؛ 3
چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ 4
بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغىمۇ بارماڭلار، بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار؛ چۈنكى گىلگال ئەسىرگە ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنماي قالمايدۇ، بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ. 5
پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ بولمىسا ئۇ يۈسۈپ جەمەتى ئىچىدە ئوت كەبى پارتلاپ، ئۇنى يەپ كېتىدۇ، ھەم بەيت-ئەلدە ئوتنى ئۆچۈرگۈدەك ئادەم تېپىلمايدۇ. 6
ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى، ھەققانىيلىقنى يەرگە تاشلىغۇچىلار، 7
سىلەر ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى ياراتقۇچى، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى، كۈندۈزنى قاراڭغۇلۇق بىلەن كېچىگە ئايلاندۇرغۇچى، دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچىنى ئىزدەڭلار؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. 8
ئۇ باتۇرلار ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھالاكەتنى پارتلىتىدۇ، ئىستىھكام ئۈستىگە ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. 9
شۇ [ئىسرائىللار] شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ، دۇرۇس سۆزلەيدىغانلاردىن يىرگىنىدۇ. 10
ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ، ئۇلاردىن بۇغداي «ھەدىيە»لەرنى ئالدىڭلار! ئويۇلغان تاشلاردىن ئۆيلەرنى سالدىڭلار، بىراق ئۇلاردا تۇرمايسىلەر؛ سىلەر گۈزەل ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغانسىلەر، بىراق ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيسىلەر. 11
چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛ ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ، ئۇلار پارا يەيدۇ، شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ. 12
شۇڭا بۇنداق دەۋردە «پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بىر دەۋردۇر. 13
ھايات ياشاش ئۈچۈن يامانلىقنى ئەمەس، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار؛ شۇنداق بولغاندا سىلەر دېگىنىڭلاردەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 14
يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ئورنىتىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر. 15
شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «بارلىق كەڭ رەستە-بازارلاردا ئاھ-زارلار ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇلار ھەممە كوچىلاردا «ۋاي... ۋاي!...» دەپ ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار دېھقانلارنىمۇ ماتەم تۇتۇشقا، ئاھ-زارلار كۆتۈرگۈچى «ئۇستىلار»نى يىغلاشقا چاقىرىدۇ. 16
ھەم بارلىق ئۈزۈمزارلاردىمۇ ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 17
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى سىلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەر؟ ئۇ يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ. 18
ئۇ كۈنى بىرسى شىردىن قېچىپ، ئېيىققا ئۇچراپ، ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ، قولى بىلەن تامغا يۆلەنگەندە، يىلان ئۇنى چاققاندەك بىر ئىش بولىدۇ! 19
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقلا ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدا پەقەت قاراڭغۇلۇقلا بولۇپ، يورۇقلۇق ھېچ بولمايدىغۇ؟! 20
ھېيتلىرىڭلارغا نەپرەتلىنىمەن، ئۇلاردىن بىزار بولدۇم، ئىبادەت سورۇنلىرىڭلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇم يوق. 21
چۈنكى سىلەر ماڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ھەم «ئاش ھەدىيە»لىرىڭلارنى سۇنۇپ ئاتىساڭلارمۇ، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ بورداق ماللىرىڭلار بىلەن قىلغان «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار»غا قارىمايمەن. 22
مەندىن مۇناجاتلىرىڭلارنىڭ سادالىرىنى ئېپكېتىڭلار، چىلتارلىرىڭلارنىڭ كۈيلىرىنى ئاڭلىمايمەن؛ 23
بۇنىڭ ئورنىدا ئادالەت خۇددى شارقىراتمىدەك، ھەققانىيلىق ئەبەدىي ئاقىدىغان ئېقىمدەك دولقۇنلىسۇن! 24
سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! 25
بەرھەق، سىلەر «سۇككوت» دېگەن پادىشاھىڭلار، ھەم «قىئۇن» دېگەن بۇتلىرىڭلارنى، يەنى «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار! 26
ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ، دەمەشقتىن يىراقلارغا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن، ــ دەيدۇ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان پەرۋەردىگار. 27

< ئاموس 5 >