< ئاموس 4 >

ئى باشاندىكى ئىنەكلەر، سامارىيە تېغىدا تۇرۇپ، نامراتلارنى خارلاۋاتقان، مىسكىنلەرنى ئېزىۋاتقانلار، خوجىلىرىغا: «[شارابنى] ئېلىپ كېلىڭلار، بىز ئىچىمىز» دەيدىغانلار، بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار: ــ 1
رەب پەرۋەردىگار ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكى بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، مانا، بېشىڭلارغا شۇنداق كۈنلەر چۈشىدۇكى، ئۇ سىلەرنى ئىلمەكلەر بىلەن، نەسلىڭلارنى چاڭگاكلار بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ. 2
ھەم سىلەر [ئاياللار] ھەربىرىڭلار سېپىلنىڭ شورالىرىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل مېڭىپ تىكىۋېتىسىلەر؛ ۋە سىلەر ھارمون تەرەپكە چۆرۈۋېتىلىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 3
ئەمدى بەيت-ئەلگە كېلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىڭلار! گىلگالدىمۇ ئاسىيلىقنى كۆپەيتىڭلار! ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى، ھەر ئۈچىنچى كۈنى سىلەرنىڭ «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، 4
«تەشەككۈر قۇربانلىقى»نى خېمىرتۇرۇچ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈڭلار ــ سىلەر «خالىس قۇربانلىقلار»ىڭلارنى جاكارلاپ ماختىنىپ يۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر، ئى ئىسرائىللار! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 5
«مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا «چىشنىڭ پاكىزلىقى»نى چۈشۈردۈم، ھەممە يېرىڭلاردا سىلەرنى ئاش-نانغا بولغان ھاجەتمەن قىلدىم؛ بىراق سىلەر يەنىلا يېنىمغا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 6
ھوسۇلغا ئۈچ ئايلا قالغان بولسىمۇ، سىلەردىن يامغۇرنى تارتىۋېلىپ بەرمىدىم؛ بىر شەھەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇردۇم، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم؛ بىر پارچە يەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدى؛ يەنە بىر پارچە يەر يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى؛ 7
شۇنىڭ بىلەن ئىككى، ئۈچ شەھەرنىڭ [پۇقرالىرى] سۇ تىلەپ باشقا بىر شەھەرگە ئەلەڭشىپ باردى، لېكىن قانمىدى؛ بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 8
مەن سىلەرنى جۇدۇن ھەم ھال ئاپىتى بىلەن ئۇردۇم؛ «غاجىلىغۇچى قۇرت»لار نۇرغۇنلىغان بېغىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار، ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلار ھەم زەيتۈن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ كەتتى؛ بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 9
مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم؛ يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزدۇم، ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم؛ مەن قارارگاھىڭلاردىن [جەسەتلەرنىڭ] سېسىقچىلىقىنى پۇرۇتۇۋەتتىم، ئۇنى دىمىغىڭلارغىمۇ كىرگۈزدۇم، بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 10
مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇندەك بولۇپ قالدىڭلار؛ بىراق يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 11
شۇڭا مەن ساڭا شۇنداق قىلىشىم كېرەك دەۋاتىمەن، ئى ئىسرائىل؛ مەن بۇنى ساڭا قىلىدىغانلىقىم تۈپەيلىدىن، خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلان، ئى ئىسرائىل! 12
چۈنكى مانا، تاغلارنى شەكىللەندۈرگۈچى، شامالنى ياراتقۇچى، ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى، تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ يۈرگۈچى دەل شۇدۇر، پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ئۇنىڭ نامىدۇر! 13

< ئاموس 4 >