< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8 >

ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى جامائەتكە قارىتىلغان دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قوزغالدى. روسۇللاردىن باشقا بارلىق جامائەتتىكىلەر يەھۇدىيە ۋە سامارىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى. 1
بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق يىغا-زارلارنى كۆتۈرۈشتى. 2
لېكىن سائۇل جامائەتكە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ، ئەر-ئايالغا قارىماي ئۇلارنى سۆرەپ چىقىپ زىندانغا تاشلىدى. 3
ئەمدى تارقىلىپ كەتكەنلەر تارقالغان يۇرتلاردا كېزىپ سۆز-كالامنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى. 4
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن فىلىپ بولسا سامارىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە مەسىھنى جاكارلىدى. 5
توپ-توپ كىشىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، بىر جان بىر دىلى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. 6
چۈنكى ناپاك روھلار بولسا، چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى؛ 7
زور شاد-خۇراملىق شۇ شەھەرنى قاپلىدى. 8
ئۇ شەھەردە ئەسلى جادۇگەر-سېھىرگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يول بىلەن پۈتكۈل سامارىيەدىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنى قالتىس زات كۆرسەتمەكچى بولۇپ كەلگەنىدى. 9
پېقىردىن تارتىپ ئامبالغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىپ قارايتتى ۋە «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ!» دېيىشەتتى. 10
خالايىق ئۇنىڭغا شۇنداق ئىخلاس قىلىشى ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى جادۇگەر-سېھىرگەرلىكى بىلەن ئۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىدى. 11
لېكىن ئەمدى فىلىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ نامى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە ئەرلەر بولسۇن، ئاياللار بولسۇن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 12
سىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھەمىشە فىلىپنىڭ يېنىدا يۈردى ھەمدە [فىلىپ] كۆرسىتىۋاتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارغا قاراپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 13
يېرۇسالېمدىكى روسۇللار سامارىيەلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى؛ 14
ئىككىيلەن ئۇ يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلارنى مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىغۇچىسى بولسۇن دەپ دۇئا قىلدى. 15
چۈنكى مۇقەددەس روھ تېخى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمىگەنىدى؛ ئۇلار پەقەت رەب ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. 16
پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئاتا قىلىندى. 17
لېكىن سىمون مۇقەددەس روھنىڭ روسۇللارنىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ قويۇشى بىلەن ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا پۇل تەڭلەپ: 18
ــ بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلاركى، مەنمۇ ھەركىمنىڭ ئۈستىگە قوللىرىمنى تەگكۈزسەم، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىنسۇن، ــ دېدى. 19
لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ خۇدانىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن، پۇلۇڭ سەن بىلەن تەڭ ھالاكەتكە بارسۇن! 20
سېنىڭ بۇ ئىشتا ھېچ ھەسسەڭ ياكى نېسىۋەڭ يوقتۇر! چۈنكى سېنىڭ نىيىتىڭ خۇدا ئالدىدا دۇرۇس ئەمەس! 21
شۇڭا، بۇ رەزىللىكىڭدىن توۋا قىلىپ، رەبتىن، مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدىكى بۇ نىيىتىم كەچۈرۈم قىلىنغاي، دەپ ئۆتۈن! 22
چۈنكى سېنىڭ ئاچچىق ھەسەتكە تولۇپ، ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم. 23
سىمون ئۇلارغا: ــ مەن ئۈچۈن رەبدىن ئۆتۈنۈڭلاركى، سىلەر ئېيتقان ئىشلاردىن ھېچبىرى بېشىمغا كەلمىگەي! ــ دېدى. 24
پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ يەردە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيەنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. 25
شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان يول بىلەن ماڭ! ــ دېدى (شۇ يول چۆلدىكى يولدۇر). 26
شۇڭا فىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىقتى. ۋە مانا، يولدا ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھى كانداسنىڭ بىر ئەمەلدارى، پۈتكۈل خەزىنىگە مەسئۇل ئېفىئوپىيەلىك ئاغۋات ۋەزىر تۇراتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى؛ ھازىر قايتىش يولىدا ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇۋاتاتتى. 27
28
روھ فىلىپقا: ــ بۇ ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ــ دېدى. 29
فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، [ۋەزىرنىڭ] يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: ــ ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ ــ دەپ سورىدى. 30
ۋەزىر ئۇنىڭغا: ــ بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! ــ دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا ئۆتۈندى. 31
ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. 32
ئۇ خورلىنىدۇ، ئۇ ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ھاياتى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلدى». 33
ئاغۋات فىلىپتىن: ــ دەپ بەرسىڭىز، پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىپ ئېيتىلغان؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقا بىرسىگىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 34
فىلىپ ئاغزىنى ئېچىپ شۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئەيسا توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ بەردى. 35
ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئاغۋات: ــ مانا بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. [مۇشۇ يەردىلا] چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە قانداق توسالغۇ بار؟ ــ دېدى. 36
37
ئۇ ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ۋە ئاغۋات ئىككىسى بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. 38
ئۇلار سۇدىن چىققاندا، رەبنىڭ روھى فىلىپنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. ئاغۋات ئۇنى قايتا كۆرمىدى، ئەمما ئۇ شادلىنىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. 39
فىلىپ بولسا ئاشدود شەھىرىدە پەيدا بولدى؛ ئۇ شۇ يۇرتنى كېزىپ، شۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلگۈچە بولغان ھەممە شەھەرلەردە خۇش خەۋەر جاكارلىدى. 40

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8 >